ئادەمدە ئازتولا تەنقىدچىلىك، ئانالىزچىلىق خۇرۇچىنىڭ بولۇشى ياخشى ئىش، ئەگەر بۇ ئېلمېنتلار بولمىسا بىزنىڭ بەزەن ئىشلاردا توغرا قارار چىقىرىشىمىز تەس.
ئەمما، بەك كۆپ گۇمانسىراش بىزنىڭ تۇرمۇشتىن قانائەت تېپىشىمىزغا، خاتىرجەملىك تۇيغۇمىزغا توسالغۇلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بەزىلەر دەل زىيادە گۇمانخورلۇقى تۈپەيلى خىزمەت، مۇھەببەت ۋە تۈرلۈك ئىشلار ھەققىدە توغرا قارار چىقىرالماي زىيان تارتىدۇ ياكى ياخشى پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.
مەسىلە شۇيەردىكى، بىز ھېچقاچان بىرەر قارارىمىزنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان نەتىجىسىنى يۈزدە-يۈز پەرەز قىلالمايمىز، بۇ تۇرمۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەرىپى. شۇڭا ئەشۇ تىلغا ئالغۇچىلىقى يوق ئاتالمىش خېيىم-خەتەرگىمۇ تەۋەككۇل قىلالمىغان ئادەم، ھېچنېمىنى قىلالمايدۇ…
گۇمانلىرىڭىزدىن گۇمانلىنىپ بېقىڭ!
ئوي- پىلانلىرىڭىز ئۆزىڭىزنى قانائەت تاپقۇزالمىغاندا، بۇخىل گۇمانلىنىش ئۈستىدىن گۇمانلىنىپ ئۇنى رەت قىلىشقا تېرىشىپ بېقىڭ.