• قوللانچى: پارول:

ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو مائارىپىنىڭ پەرىقى زادى نەدە؟

مەن مەزكۇر بىلوگنى يېزىشقا باشلىغاندىن  بۇيان تورداشلارغا چەتئەل مائارىپى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىگە ئائىت خىلى كۆپ ساندىكى ماقالىلەرنى چامىمنىڭ يېتىشىچە تەرجىمە قىلىپ سۇنۇپ كەلدىم ، بەلكىم ئوقۇرمەنلەر چەتئەل بىلەن جۇڭگونىڭ يۇقارقى تەرەپلىرىدىكى تەپەككۇرى ۋەئۇسۇل-چارىلىرى جەھەتتىكى پەرىقلەر ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغاندۇ دەپ ئويلايمەن.


بۈگۈن شىنخۇا تورىنىڭ مائارىپ قانىلىدا «ئامېرىكا مائارىپى بىلەن جۇڭگو مائارىپىنىڭ پەرقى زادى نەدە» تېمىسىدىكى مەزكۇر ماقالىنى كۆرۇپ ئوقۇپ چىقتىم ھەمدە ئەڭ «كېرەكلىك» جايلىرىنىلا تەرجىمە قىلىپ چىقتىم:

ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو مائارىپىنىڭ پەرىقى زادى نەدە؟

1.كىم ئۈچۈن ئۆگىنىش مەسىلىسى جەھەتتە

ئامېرىكا مائارىپى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنشىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز تەپەككۇرىگە ھۆرمەت قىلىشغا، نېمىنى ئۆگىنشىنى خالىسا شۇنى ئۆگىنشىگە يول قويىدۇ.شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە ئىنتايىن تەشەببۇسكار، روھلۇق، خۇش كەيپىيات. لېكىن جۇڭگو مائارىپىدىچۇ؟ دائىم ئوقۇغۇچىلارغا ئاۋال ئىنچىكە «ئىستىراتىگىيە» ۋە قانۇنىيەتلەرنى بەلگىلەپ بىرىدۇ، نېمىنى ئۆگىنىش، قانچىلىك ئۆگىنىش، قانداق ۋاقىتتا ئۆگىنىش، قانداق ئۆگىنىش قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدىن.  جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىدە ئۆگىنىش -مەنپەئەت ئۈچۈن، شۇڭا ئەپلەپ-سەپلەش قابىلىيىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئۆگىنىش- ئائىلە باشلىقى ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشى، ئۆگەنگەندە يۇقىرى ئۆرلىگىلى ياكى پۇل تېپىپ بىيىغىلى بولىدۇ ،ھىچ بولمىغاندا خىزمەت تاپقىلى بولىدۇ.جۇڭگولۇق بالىلارنىڭ ئۆگىنىش كەيپىياتى شۇنچە مەجبۇرەن،شۇنچە دوگما، شۇنچە ئامالىسىزلىققا تولغان..

2.يېتىشتۈرۇش نشانى مەسىلىسى جەھەتتە

ئامېرىكا مائارىپى «ئۇل بىلىم» ئۆگېنىشىگە ئانچە دېققەت ئىتىبارىنى بەرمەيدۇ، ئاساسى زىھنىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۇرۇشكە سەرپ قىلىدۇ. رىۋايەتلەردىكى ئامېرىكلىق «ئاق ياقىلىق» لارنىڭ بەزىدە« ئوندىن ئالتىنى ئالسا نەچچە قالىدۇ؟»دېگەن ھېسابنى دەرھال ئىشلىيەلمىگەنلىكىگە ئائىت كۈلكىلىك گەپلەرنىڭمۇ ئاساسى يوق ئەمەس .ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەرەزنت تەربىيىلەشتە ئەڭ كۆڭۇل بۆلىدىغىنى ئۇلارنىڭ كېچىك ۋاقتىدىكى خاسلىقلىرىنى توغرا بايقاش ئارقىلىق ئۇلاردا ئىجادچانلىققا مايىل تەپەككۈر يېتىلدۈرۈش.
جۇڭگو مائارىپىدا ئەڭ كۆڭۇل بۆلۇنىدىغان نەرسە ئاتالمىش«قوش ئاساس» يېتىلدۇرۇش بولۇپ، ئاساس مەشىقىگە زىھنىنى سەرپ قىلىدۇكى بالىلاردىكى ئىجادچانلىققا مايىل تەپەككۇر بىخلىرىنى مايسا ھالىتىدىلا ئۇجۇقتۇرۇپ تاشلايدۇ.ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ «نەتىجىسى تۆۋەن، قابىلىيىتى يۇقىرى» ،جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ «نەتىجىسى يۇقىرى، قابىلىيىتى تۆۋەن». دۇنيادىكى 500كۈچلۇك كارخانا ئادەتتە جۇڭگوتەۋەسىدىن خادىم قۇبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە جۇڭگو مائارىپى پەقەت بىلىمنىڭ«قۇل»لىرىنى يېتىشتۈرىدۇ خالاس.

3.ئامېرىكا ۋە جۇڭگودا«دەرسخانا»نىڭ پەرقى

جۇڭگو مائارىپى  ئۇستىلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا «خۇلاسە» نى تۇتقۇزۇپ قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلارئۇنىڭدا ھىچقانداق مەسىلە يوقلىقىنى تېىپىپ چىقىدۇ. ئامېرىكا مائارىپى ماھىرلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى مەلۇم مەسىلىگە قارىتىپ قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن ئۇزلۇكسىز يېڭى مەسىلىلەرنى بايقايدۇ. جۇڭگونىڭ دەرسخانىسىدا ئوقۇغۇچى قول كۆتۇرگەندىن كېيىن سۆزلەش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ، ئامېرىكىدا ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارى پىكىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىلىدۇ. جۇڭگونىڭ دەرسىخانىسىدا ئىنتىزام تەكىتلىنىدۇ ،ئامېرىكىنىڭكىدە بولسا كىشىلىك ھوقۇق تەكىتلىنىدۇ.

4.ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى جەھەتتە

جۇڭگودا بالىلار مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنىلا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىدىن «ئىگىز»دە تۇرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ، ئامېرىكىدا ھەتتا پىروفىسسۇرنىڭمۇ نوپۇزىدىن سۆزئاچقىلى بولمايدۇ .ئامېرىكىقلار نوپۇزنى ئىتىراپ قىلمايدۇ. جۇڭگولۇق بالىلار ئوقۇتقۇچىسىغا قارىغۇلارچە چوقۇنىدۇ، ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ بارلىق ئىش -ھەرىكەت، گەپ-سۆزى خاتا بولمايدۇ. جۇڭگولۇق ئوقۇتقۇچىلار سۈرلۇك قىياپەتكە كىرىۋىلىشقا ئامراق، ئوقۇغۇچىغا گەپ قىلغاندا پەرۋاسز قىياپەتتە تۇرىۋالىدۇ. ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلاربىلەن پاراڭلىششقا ئامراق، ئوقۇغۇچىلاربىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ماھىر كېلىدۇ.

5.ئىمتىھان تۈزۈمى جەھەتتە

ئامېرىكىدا ئادەتتە ئىمتىھان ئوچوق شەكىلدە ئېلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان قەغىزىنى بىرھەپتە ۋاقىت سۈرۇكىدە تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ، جۇڭگودا ئىمتىھان گوياكى ئەشەددىي دۈشمەنگە تەقلىد قىلىنىدۇ . باش ۋە مۇئاۋىن مەيدان نازارەتچىلىرىنىڭ چارىلاش ۋەزىپىسى ئاستىدا ،بالىلار بۇ ئەشەددى دۈشمەن بىلەن يەكمۇ-يەك ئېشلىششى كېرەك. جۇڭگودا ئىمتىھاننىڭ ئەڭ ئاساسى مۇددىئاسى شاللاپ تاشلاش ،ئامېرىكىدا بولسا ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى بايقاش ۋە كېيىنكى قەدەملەر ئۈچۈن تەجرىبە-ساۋاق يەكۈنلەش.

6.سىنىپنىڭ «نوپۇس» مەسىلىسى جەھەتتە

جۇڭگودا ھەربىر سىنىپتا ئوقۇغۇچى سانى 45تىن ئىشىپ كەتمەسلىك كېرەك دەپ تەكىتلىنىپ تۇرىدۇ، بىراق يېزا-بازار مەكتەپلىرىدە ھەربىر سىنىپتا 60تىن ئوشۇق ئوقۇغۇچى بولۇش نۇرمال ئەھۋال . بۇ ئىشلاردا قانداق رەسمىي ،قانۇنى ئۆلچەملەر  بارلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئامېرىكىدا بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 30دىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك، ئەگەر 31 بولۇپ قالسا مائارىپ قانۇنى بويىچە دەرھال بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.بۇنىڭدا زادى نېمە دېيىلمەكچى بولغانلىقىنى ئەقىللىق تورداش بىلەلەيدۇ.

7. ئوقۇش ۋاقتى جەھەتتە

 بىر يىل ئىچىدە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ۋاقتى 8ئاي ئەتىراپىدا بولىدۇ، ھەركۈنى 11سائەت ئەتىراپىدا مەكتەپتە بولىدۇ. ئامېرىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بولسا بىريىلدا 1000سائەت ئەتىراپىدا بولىدۇ. ئوقۇش ۋاقتى قىسقا، ئۆگىنىش بىسىمى يوق بولۇش مانا بۇ دەل بالىلارئارزۇ قىلىدىغان كۆڭۇلدىكىدەك ئىشتە!
بالىلاردا يىتەرلىك ئىختىيارى پائالىيەت بوشلۇقى بولغاندىلا ئاندىن ئۇلار ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئۆگىنىۋالىدۇ.

8.ئامېرىكا ۋە جۇڭگودا «نەتىجە قەغىزى»

ئامېرىكىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك نەتىجىلىرى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ «خۇسۇسى سىر»ى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچى ھەربىرئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە ئايرىم -ئايرىم يوللاپ بېرىدۇ،ھەرگىز كوللىكتىپ ئېلان قىلمايدۇ. جۇڭگودا ئىمتىھان ۋە باشقا سىناقلارنىڭ نەتىجىسى ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئوقۇغۇچىلارنى ئانالىز قىلىدىغان بىردىن-بىر ۋاستە،شۇڭا جۇڭگولۇق ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىنىڭ نەتىجىسنى دەستەك قىلىشقا ئامراق .شۇڭا جۇڭگولۇق بالىلار بىرىنچى يىللىقتىن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۇرگۇچە بولغان ئارىلىقتىلا ئىغىر پىسخىكىلىق توسالغۇلارغا مۇپتىلا بولۇپ بولىدۇ.

9. ئامېرىكا ۋە جۇڭگودا«ئوقۇتۇش ماتېرىيالى»

ئامېرىكىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ئىخچام -چۈشىنىشلىك بولۇپ بالىلارغا ھىچقانداق بىسىم ئېلىپ كەلمەيدۇ، بولۇپمۇ ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا شۇنداق، ھەتتا نۇرغۇنلىغان قۇرامىغا يەتكەنلەرمۇ ھېسابلىغۇچتىن ئايرىلىپ قالسا سان-سىفىرلارغا بولغان ئۇقۇمنى يوقىتىپ قويۇشى مۈمكىن قارىماققا بۇ بەكلا كۈلكىلىك ئىش ، لېكىن ئۇلاردا تەييارنەتىجىنى مېڭىسىگە قاچىلىۋىلىش ئادىتى بولمىغاچقا ، ھەردائىم قول سىلىپ ئىشلەيدۇ ، ئىجادىي تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۇپ ماڭىدۇ. جۇڭگونىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى چۈشەندۇرۇش -چىڭداشنى ئاساس قىلغان، تاغدەك دۆۋە-دۆۋە تەكرارلاش ماتېرىياللىرى ۋە تاپشۇرۇقلارھەتتا بىچارە بالىلارنى نۇرمال ئۇخلاش ۋاقتىدىنمۇ مەھرۇم قىلغان. بۇ ئوقۇشلۇقلارنىڭ بىردىن -بىر ئەھمىيىتى شۇكى تۇركۇم-تۇركۇمى بىلەن يۇقىرى نۇمۇرلۇق ،تۆۋەن قابىلىيەتلىك «ئىختىساس» ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.

10.دەرستىن سىرتقى تۇرمۇش جەھەتتە

جۇڭگودا ئادەتتە بالىلارنى ئىجدىمائى پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇشتىن ئىغىزئاچماق بەك تەس، بىراق ئامېرىكىدا بالىلار مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىش بىلەن تەڭ جەمئىيەتكىمۇ تەڭ قەدەم قويىدۇ.ئامېرىكىدا دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى لايىھىلەيدۇ ۋە ئۆزلىرى يۇرگۇزىدۇ، خىراجەتنىمۇ كۆپچىلىك ھەل قىلىدۇ. مەسىلەن:بىر ئوقۇغۇچى باشقىلارنىڭ كىرىنى يۇيۇپ بېرىپ سەككىز دوللار تاپىدۇ ۋە ئۇنى پائالىيەت خىراجىتى ئۈچۈن تەقدىم قىلىدۇ دېگەندەك،…قىسقىسى ئۇلارنىڭ مەكتەپ ھاياتى ئىجدىمائى پائالىيەتلەر بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە مائارىپ- ياشاشنى ئۆگىنىش جەريانىدۇر.جۇڭگودىچۇ؟

ۋەتەن تەرجىمىسى

شىنخۇا تورى مائارىپ قانىلىدىن تەرجىمە قىلىندى





5 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • پىنھانە جاۋاب

    ئۇف…….دېۋاندا مەن ئولتۇرىدىكەنمەندە. ….ئولتۇرغاندىن كىيىن بىرەر ئېغىز سۆزلەپ قويمىسام بولماس. مەن نېمانچە چارچاپ كېتىۋاتىمەنكىن، ئوقۇغۇچىلىرىم نېمانداق دۆتكىن ، ئىلمىي مۇدىرنىڭ نېمانداق ئاچچىقى يامان بولۇپ كېتىۋاتىدىكىن دىسەم ئەسلى بۇ جوڭگو مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ كاشىلىسىكەندە. بۇ كاشىلىنى ئوڭشىيالمايمەن ،قانداق قىلاي؟

  • نۇرتېكىن جاۋاب

    مەن بىر بلوگ قۇرغانتىم، ئاساسلىقى سۇرەت تەھرىرلەش توغرۇلۇق، بلوگىمغا سىز ئىشلىتىۋاتقان مۇشۇ ئۇسلۇبنى ئىشلەتكەنتىم ، لېكىن باش بەتتىكى تىما رەسىمى كۈرىنىدىغان يەرگە پەقەتلا رەسىم چىقىرالمىدىم. قانداق قىلسام رەسىم چىقىرالايمەن ! ياردەم قىلسىڭىز~

  • كوكلەن جاۋاب

    بىلىۋالدىم

  • يۇرتۇمدىن خىلى يىراق ئىچكىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن. ھازىر ئۈچۈنچى يىللىقنى پۈتتۈرەي دېدىم. دەرسلەرنىڭ ھەممىنى دېگۈدەك بىرىنچى، ئىككىنچى يىللىقتf ئوقۇپ بولغاچقا، ھازىر دەرس يوق دېيەرلىك.
    ئادەم مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئاندىن، ئۆزىنىڭ ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلىپ يىتىدىكەن. كىچىكىمىزدىن تاپشۇرۇق ئىشلەپ بولساقلا «ھەممە ئىشىم تۈگىدى!» دەپ چوڭ بولغاچقا، ئازراقلا ئۆگۈنۈش بېسىمى يوق شارايىتتا ئۆزىمىزنى يوقۇتۇپلا قويىدىكەنمىز، ئۆزىمىزنىڭ قىزىقىشىنى، ئىقتىدارىنى بەك كىچىكىپ بايقايدىكەنمىز.
    بىلوگىڭىزنى سۈيۈپ ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن. ئىشلىرىڭىز ئاسان بولغۇسى…

  • باھارىم جاۋاب

    بىزدىكى بۇنداق بىسىم ۋە تەربىيە ئاستىدا چوڭ بولساق ياشاشمۇ بىر ئەھمىيەتسىزدەك بىلىندىكەن.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif