يەنە ئون نەچچە مىنۇتتىن كېيىن 29-فېۋرال بولىدۇ. توساتتىن كاللامغا بۇ ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ھەققىدە بىرقانچە ئىشلار كېلىپ قالدى. بەلكىم سىز راستىنلا بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا سىزدىن سوراپ باقاي، 2-ئاي نەچچە كۈن ئېلىنىدۇ؟ ھاھ..ھاھ..بولدى-بولدى، بىلمىسىڭىز ،خىجىل بولماي، بۇئايدىكى ئاخىرقى يازمامنى ئوقۇپ چىقىڭ.
بۇيىل كەبىسە يىلى. 2-ئاي 29كۈن ئېلىنىدۇ. ئۇنداقتا بىز زادى نېمە ئۈچۈن كەبىسە يىلىغا ئېھتىياجلىق؟
كەبىسە يىلى بولسا، يەرشارىنىڭ قۇياش ئەتىراپىدا ئايلىنىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت بىلەن مىلادىيە يىلنامىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ تەڭشىلىشى ھېسابلىنىدۇ. مىلادىيە كالىندارى پرىنسىپى بويىچە بىريىل 365كۈن بولىدۇ، بىراق يەرشارىنىڭ قۇياش ئەتىراپىدا ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن كېتىدىغان ئەمەلىي ۋاقىت 365كۈن 5سائەت48مېنۇت46سىكۇنت بولىدۇ.
ئەگەر بۇ پەرقنى نەزەرگە ئالمايدىغان ئىش بولسا، بىز ھەرتۆت يىلدا بىركۈننى يۈتتۈرۈپ قويغان بولىمىز، شۇڭا ھەرتۆت يىلدا بىرقېتىم 2-ئاي29 كۈن بولىدۇ.
قىزىق ئىشتە، نېمە ئۈچۈن پەقەت بىچارە 2-ئايلا شۇنداق بولىدۇ؟
بىز ھازىر قوللىنىۋاتقان مىلادىيە كالېندارىنىڭ ئەجدادى ئەڭ ئاۋالقى رىم كالىندارىدۇر، ئەينى دەۋردە ھەريىلى 10ئايغا ئايرىلغان، 3-ئاي بولسا يىل بېشى ھېسابلانغان.
1-ئاي ۋە 2-ئاي بولسا مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 700-يىللار ئەتىراپىدا، ئىككىنچى ئەۋلاد رىم ھۆكۈمرانى نۇما پومپللۇس (Numa Pompilius) تەرىپىدىن قېتىلغان، ۋە قەمەرىيەكالىندارى بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن 2-ئاي بىريىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىرئىيى بولۇپ قالغان.
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 48-يىلى كايسار(Julius Caesar) ، كەبىسەيىلى ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان، يەنى بىريىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېيىغا بىركۈن قاتقان، دېمەك كەبىسە يىلىدا 2-ئاي 29 كۈن بولغان.
ئۇنداقتا، كەبىسە يىلى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟
كايسار تۈرگەن «جۇلىئان كالېندارى» دا ھەرتۆرت يىلدابىر كەبىسە يىلى كېلىدۇ. بۇنداق ئۇسۇل قارىماققا بەك ئاددىي، ئەمما قەمەرىيە كالىندارىغا سېلىشتۇرغاندا، جۇلىئان كالېندارى كەبىسە يىلىنى كۆپ ھېسابلىۋىتىدۇ، شۇڭا 1500يىل كېيىن يېڭىچە بىرخىل خاتىرىلەش ئۇسۇلى، يەنى بىز ھازىرقوللىنىۋاتقان، رىم پاپاسى گرېگورى تۈزەتكەن گرېگورى كالېندارى بارلىققا كەلگەن.
سىز 2-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلغان تەلەيلىكلەردىنمۇ؟
ستاتىكا قىلىنىشىچە ھەر1460 ئادەم ئىچىدە بىرەيلەن 2-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلغان. پۈتكۈل دۇنيادا بۇ كۈندە تۇغۇلغان ئادەم 4مىليون چىقىدۇ.
كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان كەبىسە يىلىدا تۇغۇلۇش خاتىرىسى
نورۋىگىيىلىك Karin خانىم ئۇدا ئۈچ پەرزەنتىنى ئايرىم-ئايرىم ئۈچ كەبىسە يىلىدا ،يەنە كېلىپ دەل 2-ئاينىڭ 29-كۈنىدە تۇغقان. (چوڭ قىزى 1960-يىلى، ئىككىنچى ئوغلى 1964-يىلى، كىچىك ئوغلى 1968-يىلى)
ئەنگلىيىدىكى Keogh بىرئائىلە ئۈچ ئەۋلاد كىشى ئوخشاشلا 2-ئاينىڭ 29 -كۈنى تۇغۇلغان.(بۇۋىسى 1940-يىلى، ئوغلى 1964-يىلى، نەۋرىسى 1996-يىلى)
…………….
خوش، بىز يەنە 1460 كۈندىن كېيىن يەنە 2-ئاينىڭ 29-كۈنىنى كۆرەلەيمىز، شۇنىڭغىچە ھەممەيلەن ئامان بولايلى.