• قوللانچى: پارول:

بېسىمنى ئاكتىپ ئامىلغا ئايلاندۇرغىلى بولامدۇ

كىشىلەر ئادەتتە تۇرمۇش ياكى خىزمىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى خالايدۇ، ئەمماكۈتۈلمىگەن ئىشلاريۈزبېرىپ ئارامىمىزنى بۇزۇپ تۇرىدۇ.
ئەگەر سىز شۇ دەملەردە تۇرمۇش ياكى خىزمەت بىسىمىلىرى ئاستىدا جان تالىشىۋاتقان كەيپىياتتا بولسىڭىز «خارۋارد سودا تەقرىزى» دە ئېلان قىلىنغان بىرپارچەتەتقىقات دوكلاتى سىزگەبۇ ھەقتە ئاز-تولا ئۈمىد بېغىشلىيالايدۇ، چۈنكى بۇ دوكلاتتا كىشىلەرگە بىسىمدىنمۇ پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنى تۇرمۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاپتۇر شوۋېن مۇنداق دەيدۇ:
«بىسىم ئەمەلىيەتتە، چوڭ مېڭىنى ئەقلىي قۇۋۋەتنى قوزغىتالايدۇ، ئەستە ساقلاش ۋە تەپەككۈر كۈچىنى ئۇرغۇتالايدۇ. ھەتتا بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ، مەسىلەن: بوغۇم ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىنكى ئەسلىگە قايتىش..
تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسەتكەنكى، بېسىمنىڭ قانچە يۇقىرى بولۇشى ئىرادىنى شۇنچە تاۋلايدۇ، ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ،دىققەتنى ئاشۇرىدۇ، يېڭى پىكىرلەرنى قوزغىتىدۇ، ئۆزىنى كونترۇل قىلىش كۈچىنى كۈچەيىتىدۇ، بۇلاردىن باشقا يەنە تۇرمۇشتىكى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى ئىشلارنىڭ ئاددى ۋە مۇھىمى، ئېغىر ۋە يېنىكىنى ئايرىپ بېجىرىش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ.»
بىز ئادەتتە مۇتلەق كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ بېسىمدىن زارلاۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز، ئەممابىسمنىڭ ئاكتىپ تەرىپىنى ئېغىزغا ئالدىغانلاربەكلا ئاز. بېسىمنىڭ خاراكتېرنى بۇراش ئەمەلىيەتتە قىيىن ئىش ئەمەس، پەقەت بېسىمنى ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشتىكى ئۇسۇلغا ئايلاندۇرۇشنى ئويلاشساق بولىدۇ.
بۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئۆزىمىزگە سۈنئىي بىسىم ھاسىل قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلمايدۇ، بەلكى يولۇققان بېسىمنى پايدىلىق ئامىلغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىش-ئوقىتىمىزنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىدۇ. مەسىلەن؛ بېسىمدىن نەپەس ئالالماي قالغان پەيتىڭىزدە،ئاچچىقىڭىزنىڭ ھەممىسىنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، بەزەن پايدىلىق ئىشلارنى قىلسىڭىز بولىدۇ، يەنە تەنھەرىكەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، ياكى ئەمگەك قىلىش دېگەندەك…





2 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئوقۇش پۇتتۇرۇش ئالدىدا بولغاچىمكى مەندە ھازىر بېسىم بەك ئېغىر.نۇرغۇن مەسىللەر بېشمىنى قوچىۋەتتى.كەيپىياتىم دائىم ناچار ھالەتتە.

  • ماڭا بىر ئايلارچە بولۇپ قالدى كۈندىلا ئىمتىھان بېسىمى، قاچان تۈگەر بۇ ئىمتىھان…. :?:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif