كۆپلىگەن كىشىلەر نۆۋەتتە »ئورۇقلاش» غېمىدە ئۆزى ئامراق ئەشۇ تائاملاردىن مېھرىنى ئۈزەلمەي، يا ئورۇقلىيالماي قىلىشتىن قورقۇپ يېيەلمەي بىئارام بولۇشماقتا. ئادەتتە كىشلەر سەمىرىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بىر»گەپ ئاڭلىماس» ئېغىزنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ.
لېكىن يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان سېمىزلىك ھادىسسىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىغا قارىغاندا، سېمىزلىك پەقەتلا «يېيىش»تىنلا پەيدا بولۇپ قالماي، يەنە بىرمۇھىم شەكىللىنىش مەنبەسى«ئولتۇرۇش» تىن ئىكەن. بەلكىم بۇ تەتقىقات نەتىجىسى بىزنىڭ ئۈستەل- ئورۇندۇق يېنىدىن يىراقراق كېتىپ، ئانچە-مۇنچە ھەرىكەتلنىشىمىزنىڭ باھانىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
«ھۈجەيرىشۇناسلىق« ژورنىلىدا ئېلان قىلىغان بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە ئېيتىشىچە، ئۇزاق مەزگىل تىنچ ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ساغراۋە بېقىن قىسمىغا چۈشىدىغان بېسىم ئىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇجايلاردا شەكىللىنىدىغان ياغنىڭ50% شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
تىل-ئاۋىۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچى خادىملىرى،بىر قىسىم يۇلۇن قىسمى يارىلىنىپ پالەچ بولۇپ قالغان بىمارلارغاتەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ MRIسۈرىتىدىن بايقىلىشىچە كۆپ مىقداردىكى ياغ ھۈجەيرىلىرى بىمارلارنىڭ يېتىش ياكى ئولتۇرۇش سەۋەبىدىن بىسىم كۆپ چۈشكەن بەدەن قىسمىغا مەركەزلىك توپلىنىپ قالغان.
مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتچىسى Amit Gefen مۇنداق دەيدۇ: يۇقىرىقى تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى سەمىمىزگە سالىدۇكى، بىزدائىم خوراۋاتقان كالورىيە سانىغىلا دىققەت قىلماي، ھۈجەيرىلەرنىڭ مېخانىكىلىق مۇھىتىغىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلىشىمىز كېرەك.
تەتقىقات نەتىجىسىدە يەنە مۇنۇلار تىلغا ئىلىنغان؛ ئۇزاق مەزگىل ھەرىكەت قىلماي ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەرنى يېسىمۇ ئەمما بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا قارىغاندا كۆرىنەرلىك ئىغىر بولىدىكەن، ئەگەر كۈنبويى سافادا ئۆزىڭىزنى تاشلاپ يېتىپ تېلېۋىزور كۆرۈش ئادىتىڭىز بولسا ئەھۋالىڭىز تېخىمۇ بەتەر بولۇپ كېتىشى ئېنىق.
ps. كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدىغان ۋاقتىمغا چەك بېكىتمىسەم بولمىغۇدەك،ھەقىقەتەن يېقىندىن بىرى ئاز-تولا قورساق سىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىۋاتىدۇ مەندە.