• قوللانچى: پارول:

ئىجدىمائى پىسخۇلۇگىيىگە ئائىت نادىركىنو «دولقۇن» ھەققىدە

بۈگۈن خىلىدىن بىرى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان گېرمانىيە فىلىمى «دولقۇن» (Die Welle ) نى كۆرۈپ چىقتىم، بىرجۈملىلىك تەسىراتىم شۇكى: مەزكۇر كىنونى بىر كۆرۈپ چىقىڭ، ئۇسىزگە مەلۇم ئىجتىمائىي توپنىڭ ئورتاق مەنپەئەت ۋە ئورتاق يۆنىلىشلىك ھەرىكەتتىن ئويلاپ باقمىغان قۇدرەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ.


مەزكۇرفىلىم 2008-يىلى ئىشلەنگەن. كىنونىڭ قىسقىچە ۋەقەلىكى مۇنداق:
گېرمانىيىدىكى بىرئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ۋېنگر «دۆلەت تۈزۈلمىسى» پائالىيەت ھەپتىلىكى ئۈچۈن مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق تېمىسىدىكى ئاممىۋى دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرىدۇ. لېكىن دەسلىۋىدە تۈزۈك قاتناشقۇچى بولمىغاننى ئازدەپ، قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ پوزىتسىيىسى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. بۇخىل پاسسىپ ئەھۋالنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟
نەچچە كۈن ئىچىدە ۋېنگر مۇنداق بىرمۇستەبىت تەجرىبىسى پىلانلاپ چىقىدۇ، ئۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەت شەكلنى قوللىنىپ سىنىپ تۈزۈملىرى بېكىتىپ چىقىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن بۇ تەجرىبە شۇنداق ئۈنۈم كۆرسىتىشكە باشلايدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ« دولقۇن»  دەپ نام بېرىلگەن بۇ سىنىپقا قاتنىشىش قىزغىنلىقى كۈچىيىش بىلەن بىرگە تەشكىلچانلىقىمۇ بارغانسېرى كىشىنى چۆچۈتكىدەك ھالەتكە يېتىپ بارىدۇ.
ئاخىرىدا «دولقۇن»  سىنىپىنىڭ ناتسىستلىرى راستىنلا بەئەينى فاشىستلارنىڭ پاجىئەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا باشلايدۇ.

 

«دولقۇن» – ئەمەلىيەتتە ھەقىقى بىر ۋەقەنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان.
كىنوغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىزدەۋېتىپ بۇنىڭ ھەقىقى ھېكايىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.« دولقۇن»  دىكى كىنو ۋەقەلىكى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدا يۈزبەرگەن ھەقىقى بىر ئىشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئىكەن. 1967-يىلى4-ئايدا، كالىفورنىيە شىتاتى پالوئالتو شەھىرىدىكى كوبالا ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ران.جونېس (Ron Jones) ئوقۇغۇچىلارغا ناتسىستلارنىڭ مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنى بىۋاستە ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن،قاپ -يۈرەكلىك بىلەن بىر تەجرىبە لايىھىلەپ، سىنىپتا بىر«ناتسىست پارتىيىسى» قۇرۇپ چىقىپ ناتسىستىك تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن نەچچە كۈن ئۆتۈپلا، بۇ «پارتىيە» نىڭ ئەزالىرى ئۇلغىيىپ كېتىدۇ ھەم كۆپچىلىك ئۆزىنى كونترول قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ناتسىستلىشىپ كېتىدۇ.
كېيىن ران.جونېس  ،ناتسىستلارنىڭ تارىختىكى قەبىھ قىلمىشلىرىغا ئائىت ھۆججەتلىك فىلىملەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، تەربىيە ئىشلەپ يۈرۈپ بۇ كېچىك ناتسىستلارنى ئاران دېگەندە ئەسلىگە قايتۇرىدۇ.

—————-

توردىن سۈزۈك نۇسقىسىنى تېپىپ كۆرمەكچى بولسىڭىز ،  4 جېبايت چوڭلۇقتىكى سۈزۈك نۇسقىسىنى تاپقىلى بولىدۇ.

توردىن ئىزدەش ئاچقۇچى : 浪潮(Die Welle)高清版

بىلوگىمدىن كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ:

 





5 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • مەن بۇ فىلىمنى كۆرگەن، ئاخىرى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلىمى بىلەن پاجىئەلىك ئاخىرلىشىدۇ. تەربىيىۋىي ئەھمىتينى ھېس قىلىپ يېتەلمىدىم ئەمما.

    • تەربىيىۋى ئەھمىيىتى دېگەن كىلاسسىك گەپ ھە :lol:

    • ئەتىدىن قالدۇرماي بىر پارچە تەسىرات ماقالىسىنى يىزىپ كېلىڭ ! بىكا تىپىك يەيسىز !

    • سىزمۇ كىنو كۆرەمسىز پرېستان؟

  • ئاللا ئاللا بىر كۆرمەي بولمىدى بۇ كىنونى ئەمدى .

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif