• قوللانچى: پارول:

سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «ئاناتىل» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

ئى تۇغان تىل (ئاناتىل)

بۇ ناخشىنى مەن 2009 -يىلى youtubeدا ئۇچرىتىپ قىلىپ چۈشۈرۈپ قويغان ۋە كېيىنچە سنابلوگ سۇپىسىدا ئاچقان بلوگىمغا چىقىرىپ قويغان ئىدىم ، بۈگۈن شۇ بلوگىمدىكى كونا ئەستلىكلەرنى ئاختۇرىۋىتىپ يەنە ئاڭلاپ قالدىم…
«ئى تۇغان تىل»(ئاناتىل) تاتارزىيالىيسى غابدۇللاتوقاينىڭ ئەسىرى بولۇپ ،بۇ شېئىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاناتىلىغا بولغان چوڭقۇرمۇھەببىتىنى ئاددىيغىنا مىسرالاردا يارقىن ئىپادىلەپ بەرگەن.تاتارلارنىڭ تارىخى كەچمىشلىرى بىزبىلەن ئورتاقلىقلارغا ئىگە بولۇپلا قالماي ، ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئويغىنىش ۋە ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىدە تاتارزىيالىيلىرىنىڭ تۆھپىسى ھەم ئازئەمەس..

بارلىق قىرىنداشلار،ئاناتىل بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

بارلىق قىرىنداشلارنىڭ«دۇنيا ئاناتىل» بايرىمىنى قۇتلۇقلاش بىلەن بىرگە ئاناتىلىمىزنىڭ ھەق-ھۆرمىتى، ئىستىقبال-تەقدىرى ھەققىدە ھەربىرىمىزنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا بولشىىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى ئۇيغۇرتىلى بىزنىڭ مەۋجۈدلىكىمىزنىڭ ئەڭ تۈپ بەلگىسى!
دۇنيابارلىق شەيئىلەرنىڭ خاسلىقى بىلەن گۈزەل، كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئورتاق، باراۋەر مەۋجۈدلىكىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى بارلىق مەدەنىيەت ئىگىلىرىنىڭ ئاناتىل بايرىمىنى ھەم مۇبارەكلەيمەن، ھەركىمنىڭ ئانىسى ئامان بولسۇن، ھەركىمنىڭ ئاناتىلى راۋان بولسۇن!

سەمىڭىزدە بولسۇن :21-فېۋرال«دۇنيائاناتىل كۈنى»

نۆۋەتتە ،دۇنيادا 7000خىل تىل بار بولۇپ، ئەمما بۇ تىللارنىڭ %96 نى ئىشلىتىدىغانلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران %4نى ئىگىلەيدۇ . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ ،ئىلىم-پەن كومىتېتى 1999-يىلى قارار ماقۇللاپ ،ھەريىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «دۇنيا ئاناتىل كۈنى» قىلىپ خاتىرىلەشنى بېكىتتى ۋە بۇئارقىلىق ئ ...