تەنھالىقنى خالاش كېسىلى(ئائۇتىزم)ئادەمنىڭ قايسى پەسىلدە تۇغۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ ئامېرىكا«يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقاتى»ژۇرنىلى يېقىندا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تاماملىغان بىرتۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ،ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە قىش پەسلىدە تۇغۇلغان بالىلاردا تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدىكەن.
ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى دەيۋس مېدىتسىنا ئېنىستۇتىتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ90-يىللىرىدىن ،مەزكۇر ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرى دائىرىسدە تۇغۇلغان 7مىليون بالىنىڭ تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىغا ئاساسەن ئىنچىكە ئانالىز ئېلىپ بارغان .
نەتىجىدە ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى پەسىل بىلەن بالىلارنىڭ تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ چىققان.
تەتقىقاتچىلار ئىنچىگە تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇنى بايقىغانكى،ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلى كۈز-قىش پەسلىدىن باش باھار پەسلىگىچە بولغان ئارىلىقتا بولسا ،تۇغۇلغان بالىلاردىكى تەنھالىقنى خالاش كېسىلىنىڭ نىسبىتى مۇشۇ لىنىيىنى بويلاپ تەدرىجى ئۆرلەپ بارغان.
7-ئايدا تۇغۇلغان بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا ،3-ئايدا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ خەۋپى %16يۇقىرى بولغان.
تەتقىقاتچىلارتەھلىلىگە قارىغاندا،يۇقۇمچان زۇكام قاتارلىق پەسىل خاراكتېرلىك كېسەللىك ۋىرۇسلارنىڭ تارقىلىشى قاتارلىق مۇھىت ئامىللىرى قىش پەسلىدە تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كېينكى ۋاقىتلاردا تەنھالىقنى خالاش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قىلىشىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
مەزكۇر تەتقىقات تۈرىنىڭ مەسئۇلى ئوۋسىنى.زىربونىڭ كۆرسىتىشىچە،ئىرق ۋەھامىلداربولغان يىل قاتارلىق باشقا ئامىللارنىمۇ تەتقىقات دائىرىسىگە كىرگۇزگەندىمۇ يۇقىرىقى تەتقىقات نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش بولغان.