ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك قانداق ئەھۋالىڭلار ؟!
نەچچە كۈنلەردىن بىرى ئالدىراشچىلىقتا سىلەرگە تۈزۈكرەكمۇ سالام بېرەلمەپتىمەن ،قارىسام بلوگىم تېخى رەسمىي ئېلان قىلىنماي تۇرۇپلا دوستلاردىن تەبرىك ،تىلەكلەر كېلىپ مېنى خىجالەت قىلىپ قويغىلى تۇردى .شۇڭا ئالدىراپ -تىنەپلا ئاددىي داستۇرخاندىن بىرنى سېلىپ كۆپەرەك سالام-سائەت ، ئېزگۈتىلەكلەرنى يىغىۋالاي دېدىمغۇ …
شۇنداق قىلىپ گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك ،مەن بىر ئايچە ۋاقىت مۇقەددەم ،بلوگباستا قۇرغان «مۇئەللىم تورپۈتۈكلىرى»گە :«GOODBYE BLOGBUS» دەپ ،چاپاننى مۈرەمگە ئارتىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ،دوستلارنىڭ ماختاشلىرىغا زەن سالغاچ ، WORDPRESS مەملىكىتىنى زىيارەت قىلىپ ،يېڭى ماكان ئىزلەشكە باشلىغان ئىدىم ، كېيىن پېرىستان بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى نىجاتۇللانىڭ زىرىكمەي -تىرىكمەي ،يېپىدىن -يېڭنىسىغىچە ھەممە ئىشقا ئارىلىشىشى بىلەن يېڭى نام ،يېڭى پىروگراممابىلەن مەنمۇ ئۆزۇمچە WORDPRESSلىكلەر تەبىقىسىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالدىم ..
«ۋەتەن» دېگەن يېزىلىشى شۇنچە ئوماق ، ئوقۇلىشى شۇنچە يېقىملىق ئەمما ۋەزنى شۇنچە ئىغىر نام . مەن بۇ نامنى ئىشلتشنى قارار قىلىپ بولغاندىن كېيىن ،ئۆزۇمدىن بىرمۇنچە سۇئاللارنى سوراپ كەتتىم ،بىراق قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرەلمىدىم .. لېكىن شۇنىڭغا ئىشەنچىم باركى ۋە بۇ مۇبارەك نامغا لايىق ھالدا كۆپچىلككە شۇنداق ۋەدە بىرىمەنكى «ۋەتەن»بلوگى مېنىڭ تىرىشچانلىقىم ،سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىلەن ،بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى ھەربىر مەرىپەت ئىزدىگۈچىنىڭ كىچىككىنە ،ئىللىق «ۋەتەن»نى بولۇپ قالغۇسى !
ئاخىرىدا «ۋەتەن»بلوگىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى تېخنىكىلىق ئىشلاردا مىنى باشتىن -ئاخىر قوللاپ كېلىۋاتقان ئىنىمىز نىجاتۇللا (پېرىستان)غا ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈرىمەن (قۇرۇقلا) ۋەبارلىق بلوگپۇرۇش ،تورخۇمار دوستلارغا «ۋەتەن» بلوگىدىن قىزغىن سالام يوللايمەن .كۆپچىلىككە رەھمەت ! (چاۋاك)
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمۇتۇللايى ۋە بەركەتۇ !
مۇبارەك بولسۇن ! ۋەتەندىشىم
خۇش كەپسىز ،ئەپەندى . زىياپەتكە توردىن سىتىۋالغان يېڭى پەرىجىڭىزنى كېيىپ كەپسىزدە
كاتىكىڭىزدىكى يېڭى سىرلانغان سىرلارنى قۇرىمىدى ھەقىچان سىر يۇقىۋالمىسۇن يېڭى پەرەنجىگە دەپ كونا سەللەم بىلەنلا كەلدىميا ئاينا !
« ۋەتەندۇر تەخت ، ۋەتەندۇر بەخىت،
ۋەتەنسىز ئامىتىڭ ماغزاپ .
ۋەتەن تۇلپار ، ۋەتەن شۇڭقار،
ۋەتەنسىز ئەر قالار ئاقساپ.»
مۇشۇ نامىنى ياخشى ساقلاڭ .
قاملاشمىغان بولسىمۇ بىر نەچچە كەلىمە سۆزلەپ قويدۇم ، ھا…ھا..ھا…
ياخشى سوۋغات ئېلىپ كەپسىز ،تەشەككۇر
مۇئەللىم تور پۈتۈكلىرىنىڭ داۋامى ۋەتەن بلوگى نەچچە ئايلىق جاپالىق تولغاقتىن كېيىن ئاخىرى تەۋەللۇت بوپتۇدە؟!
مۇبارەك بولسۇن! ۋەتەننى قىزغىن سۆيىمىز، ۋەتەننى كۈيلەيمىز، ۋەتەنگە مەدھىيە ئوقۇيمىز!
كۈندە كىرىپ «ۋەتەنپەرۋەر»بولىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
سىزنىڭمۇ مېنىڭ بىلوگىمغا ياخشى سوۋغىلارنى تەقدىم قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
مەجبۇرى ھالدا سوۋغا قۇبۇل قىلىۋالىدىغان بولدۇم – دە .
مەنمۇ پەتىگە كەلدىم،تىرىشىڭ ھە،يولداش ۋەتەنبېك!
باش ئۈستىگە بىگىم !
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
مۇبەرەك بولسۇن… …….. بولوگىڭىزنىڭ بۇ نامىنى بەك ياقتۇردۇم.
قۇشلارنىڭمۇ، گۈل-گىياھلارنىڭمۇ… ۋەتىنى بولىدۇ. ھەر بىر مەۋجۇدات ئۆزى تەئەللۇق بولغان ئاشۇ ۋەتىنى ئىچىدە ئۆزىنى ئەڭ بەختلىك سىزىدۇ.
تېخىمۇ تىرىشىڭ.. . بۇ بلوگ بىلىمگە ئىشيتىياق باغلىغان تورداشلارنىڭ «ۋەتەن»نى بولۇپ قالسۇن!
سىزگىمۇ مۇۋاپىقىيەتلەر يار بولسۇن !
سىزنىڭ ‹‹ ۋەتەن ›› ڭىزنى جۇش ئۇرۇپ ‹‹ يۈكسەل ›› دۈرۈشىڭىزگە چوڭقۇر تىلەكداشمىز!
كامالىي ئېھترام ئىلە
يۈكسەل بلوگى
كۆپ تەشەككۈر !ھەممەيلەن يۈكسىلەيلى
بلوگىڭىز تېخىمۇ يۈكسەلگۈسى قېرىندىشىم، سىزگە ئەڭ ئامەتلەر تىلەيمەن
ياخشى چىقىپتۇ بۇ ئۇسلۇپ .
3:51 كەچ
مۇبارەك بولسۇن!
ماختاپ كۆككە كۆتۈرۋېتىپسىز مېنى…
[بۇ باھاغا پىكىرىم بار]
weten مۇنداق يازغان:
قۇرۇقلا ماختاپ قويدۇمغۇ ئەمدى