گاۋخوڭبۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ «قاراتېزىملىك»ىنى ئېلان قىلىپتۇ ! ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈش نىيىتىمنى باغلاپ تۇرغان بىرتال يىپ ئۈزۈلدى .مىرئەھمەتنىڭ ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان دۆلەتلىك كوماندا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى گاۋ ھەرقانچە ياساپ چۈشەندۇرىشىدىن قەتئىي نەزەر ،ئەمدى بۇ قېتىمقى ئاسىيا لوڭقىىسنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە ھېچقانداق باھانەم قالمىدى ..چۈنكى مەن ۋە مىنى ئۆزئىچىگە ئالغان بارلىق ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرى مىرئەھمەت ۋە بارى بولغاچقىلا بۇيىللىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنى كۆرگەن ،ھەم مىرئەھمەت دۆلەت كوماندىسىنىڭ تەييارلىق مەشىقىگە تاللانغانلقىنى ئۈچۈنلا ئۇبار بولغان جوڭگودۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاسىيا لوڭقىسدىكى مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدى ….ئەپسۇس !
گەرچە ئالدىنقى بىرمەزگىلدىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىنلا مىرئەھمەتنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلار تىزىملىكىگە كىرەلمەيدىغانلىقىدىن بېشارەتلەر بولۇنغان بولسىمۇ ،لېكىن ئاجايىپ بىرخىل نازۇك تىلەكلەر بىلەن گاۋنىڭ ئاخىرقى تىزىملىكىنى كۈتكەن ئىدۇق ،ئاخىرى بۇنىڭمۇ جاۋابى چىقتى .
دۇنياداجوڭگۇدەك نوپۇسى ئەڭ كۆپ ، پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ سانىمۇ ئەڭ كۆپ بىر دۆلەتتە ،ئۆزدۆلەت كومانسىدىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان بىرمۇ ئادەمنىڭ بولماسلىقى بىر رېئاللىق بولۇپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە مىرئەھمەت ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىىسكى بىردىن-بىر ئازسانلىق مىللەت توپچىسى بولۇشتەك يېڭىلىقى بىلەن ۋە بىريىلدىن بۇيانقى ئەمەلىي تىرىشچانلىقى بىلەن جۇڭگودىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىرىشمەكتە ئىدى ،ئەپسۇس ، ئالدىنقى سەپكە ماڭغىنى يەنىلا بىز بىلىدىغان جۇڭگو كوماندىسى بولدى خالاس .
مىرئەھمەتكە ئۈمىد ۋە مۇۋاپىقىيەتلەر ياربولسۇن !
جۇڭگۇ ئەرلەر دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدىن مەھەلىمىزدىكى بالىلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ھۇزۇرلۇق ئىش . ھۆ ئۇلارنىڭ مۇسابىقىغا
جۇڭگو پۇتبول كوماندىسى توپ تەيمەيدۇ، «پوق» تېپىدۇ! قىلچىلىك ھەمكارلىشىش يوق. جۇڭگو پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرگەندىن، سىيىپ كىرىپ ئاستا ئۇخلىغان ياخشى.
مەن پوتپۇل مەستانىسى ئەمەس،بىراق سىلەرگە ئوخشاشلا كۆڭلۈم يېرىم بولىۋاتىدۇ.ئەنسىرەۋاتقىنىم،ئۇلار ئۈمۈدسىزلىنىپ بوشىشىپ قالارمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ،ئۇلار نەچچە رەت غەلبە قىلغان مەيداننى باشقىلار ھىچ تەكەللۇپسىزلا تارتىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ بوشاشماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.مۇسابىقىنى يەنىلا كۆرەيلى،ئۇلارنىڭ قانداق مەغلۇب بولىدىغىنىغا قاراپ باقمامدۇق
2:50 كەچ
ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا بۇرۇنقى سەت ھالىتى بىلەن قايتىپ كېلىدۇ ئۇلار
[بۇ باھاغا پىكىرىم بار]