خوجايىن كاتىپىغا تېلېفۇن قىلدى: بۇ بىرقانچە كۈن، مەن سىزنى ئېلىپ بېيجىڭنى ئايلىنىپ كېلەي دەيمەن، تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ.
كاتىپى ئېرىگە تېلېفۇن قىلدى : بۇ بىرقانچە كۈن مەن خوجايىن بىلەن بېيجىڭغا يىغىنغا قاتناشقىلى بارىدىكەنمەن، ھالىڭىزدىن ئۆزىڭىز خەۋەر ئېلىپ تۇرۇڭ.
ئېرى ئاشنسىغا تېلېفۇن قىلدى: ئايالىم بۇ بىرقانچە كۈن بېيجىڭدا كاماندۇرۇپكىدا بولىدىكەن، ئىككىمىز بىر ئويناپ كېلەيلى.
ئاشنىسى دەرس تەكرار قىلىپ بېرىۋاتقان بالىغا تېلېفۇن قىلدى : بۇ بىرقانچە كۈن دەرسكە كەلمىسەڭمۇ بولىدۇ، مېنىڭ مۇھىم ئىشىم چىقىپ قالدى.
بالا بوۋىسىغا تېلېفۇن قىلدى : بوۋا، بۇ بىرقانچە كۈن يىتەكچىمنىڭ مۇھىم ئىشى باركەن، دەرسكە بارمايدىغان بولدۇم، سەن ماڭا ھەمراھ بولغىن -ھە؟!
بوۋىسى كاتىپىغا تېلېفۇن قىلدى: بۇ بىرقانچە كۈن مەن ئامراق نەۋرەمگە ھەمراھ بولىدىغان بولدۇم، بېيجىڭغا بارىدىغان ئىش كېچىكتى..
كاتىپى ئېرىگە تېلېفۇن قىلدى : بۇ بىرقانچە كۈن جىددى ئىشلەيدىغان ۋەزىپە چىقىپ قالدى، بېيجىڭغا بارالمايدىغان بولدۇم.
ئىرى ئاشنىسىغا تېلېفۇن قىلدى: بۇبىرقانچە كۈن ئىچىدە ئوينىغىلى بارالمايدىغان بولدۇق، ئايالىم بېيجىڭغا بارمايدىغان بولۇپ قالدى..
ئاشنىسى دەرس تەكرار قىلىپ بېرىۋاتقان بالىغا تېلېفۇن قىلدى: بۇ بىرقانچە كۈن دەرس ئۆتىمەن ۋاقتىدا كەل.
بالا بوۋىسىغا تېلېفۇن قىلدى: بوۋا، بۇبىرقانچە كۈن مەن يەنىلا دەرسكە بارىدىغان بولۇپ قالدىم، سىنىڭ يېنىڭغا بارالمايمەن.
بوۋىسى كاتىپىغا تېلېفۇن قىلدى:بۇ بىرقانچە كۈندە مەن يەنىلا سىزنى ئېلىپ، بېيجىڭنى ئايلىنىپ كېلەي، تەييارلىق قىلىڭ.
……………..
dailypost تورىدىن تەرجىمە قىلىندى