• قوللانچى: پارول:

ئۇھ..«فەتېھ 1453» نى تورداكۆرۈش مەنبەسى بايقالدى

بىلسەم-بىلمىسەم، «فەتېھ1453» نىڭ ئىزدىرىكى ئۈچۈنلا بلوگىمغا كىرىپ -چىقىپ يۈرگەن تورداشلار خىلى بار. توردۇنياسىدا ئاۋال دارۋىڭى تارقالغان ھېچبىر كىنو بىزنى بۇنداق ساقلاتمىغان، بۇنداق قاقشاتمىغان بولسا كېرەك، ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بۇكىنو ھەققىدە دەسلەپكى ئۇچۇرلار تارقالغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن تورداشلار بۇ كىنونىڭ پېيىگە چۈشتى ،جۈملىدىن مەنمۇ ئېلىگىرى -كېيىن بولۇپ بۇ كىنونىڭ ئۇچۇرلىرى ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى دېگەن مەزمۇنلاردا ئىككى پارچە يازما ئېلان قىلدىم ، بولۇپمۇ ئىككىنچى قېتىم ئېلان قىلغان « فەتېھ نى كۆرەمدۇق؟» مىنى بالاغا قويدى ، تورداشلار قىنى كىنودەپ قىستاپ بلوگىمغا كىرگۇزمەي تالادا قويدى ! ئەسلىدە ، دەسلىۋىدىلا كىنوخانىدىن ئوغۇرلۇقچە تارتىۋالغان بىر نۇسقىنىسىنى تاپقان ئىدىم ،شۇنىڭغا ئاساسەنلا توردا تارقىلىپ بولغان چېغى دەپ پەملەپ ، خىلى كۆپ مەنبەلەردىن چۈشۈرگەن بولساممۇ، ئاقىۋەتتە ھەممىىسى «فەتېھ » تونىغا ئورۇنىۋالغان باشقا كىنو ياكى كېرەكسىز نەرسىلەر بولۇپ چىقتى ! دەرۋەقە بۇ كىنو ئالاھىدە تارىخى شارائىتنى يورىتىپ بەرگەنىلىكى ئۈچۈن، چەتئەل تورلىرىدا ئىزدەش دولقۇنى بەكمۇ يۇقىرى بولدى،شۇڭىمۇ ئەيتاۋۇر كىشىلەر شۇنداق بېمەنە ئويۇنلارنى ئويناپ كىشلەرنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن . ئەلۋەتتە، بۇخىل ئىشلارغا كۆپلىگەن تورداشلار يولۇقتى ، ھەتتا بىر قېتىمدا چۈشۈرگىنىمىز شېفىرلەنگە پىرىس ھۆججىتى بولۇپ، بىر تورداش خىلى ھەرەج تارتىپ ئۇنى يەشكەن ئىدى ، ئاقىۋەتتە ئوخشاشلا باشقا نەرسە بولۇپ چىقتى …
كېيىن بىر تۈركچە بېكەتتىن بېلىشىمچە 12 -ئايدا ئاندىن رەسمي تۈردە پىلاستىنكىلىرى تارقىلارمىش . بۈگۈن تورداشلارغا بۇ ئەتىۋارلىق كىنونىڭ توردا كۆرۈش مەنبەسىنى تەمىن ئەتتىم ، تۈركچىنى تەل-تۆكۈس بېلىپ كەتمىسىڭىزمۇ ، قېىينلىپ قالمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. بەلكىم بۇ مەنبەمۇ ئۇزاق تۇرماسلىقى مۇمكىن (مەزكۇر كىنونىڭ نەشىرھوقۇقى بەك قوغدىلىۋاتىدۇ) شۇڭا ۋاقتىدا كۆرۈۋىلىڭلار. كېيىن سۈزۈك نۇسقىسى چىققاندا ،ئىشىنىمەنكى ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسقىلىرىمۇ بىز بىلەن يۈزكۆرۈشىدۇ.

ئادىرىس : http://www.sinemaizle.org/fetih-1453-filmini-full-online-hd-izle.html





8 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ش.ئە.ئۇيغۇرى جاۋاب

    ئۇھ… ۋەتەنجان ئاخىرى تېپىلدى بۇ مۇبارەك فىلىم، ئەمدى كېچىنى تاڭغا ئۇلاپ كۆرىدىغان بولدۇم-دە

    • ھەي گېپىنى قىلماڭ، تېپىلغىنى ياخشى بولدى :mrgreen:

    • شاھ بۇرادەر ، مەن 2جىبايتتىن ئارتۇق كېلىدىغان AVI نۇسخىسى بىلەن يېزىق ھۆججىتىنى چۈشۈردۈم، تەرجىمە قىلساڭلار، كۆرۈپ بېقىڭلار..

    • ش.ئە،ئۇيغۇرى

      بولىدۇ، qq ئلخەتكە ئەۋەتسىڭىز تەرجىمىسىنى باشلاپ تۇرايلى

  • خاسپى جاۋاب

    ئۇھ،،تاقىتىمىز تاق بولغان……………..

    • ۋاقتىدا چۈشۈرىۋىلىڭلار، ئامال قىلىپ..

  • نۇرمەمەت جاۋاب

    ئىچىپ شۇنچە ساقلىساممۇ چىقممىدى دىسە، تور سۈرئەتنى تىزلەتمىسەم بولمىدى.

  • چۈشۈرۈش ئادرىسى بارمۇ ۋەتەنجان؟

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif