توردا ئىگىلىك تىكلەڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت | ئۇنىۋېرسال | ئاساسىي مەزمۇن
ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن 15 مەسلىھەت
2012-يىلى07-ئاينىڭ08-كۈنى ئۇنىۋېرسال ⁄ جەمئى 3714خەت بار 8پارچە ئىنكاس بار ⁄ 7,637 قېتىم كۆرۈلدى+


سودا دېڭىزى پايانسىز، سودا پۇرسىتى چەكسىز. قانداق قىلغاندا ئەگرى يولنى ئاز مېڭىپ، تېز سۈرئەتتە ئىگىلىك تىكلەپ بايلىق يارىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ؟ بۇ، نۇرغۇن كىشى ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىۋاتقان، شۇنداقلا ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان تېما.

بىرىنچى، پۇل تاپقىلى بولىدىغان، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور كەسىپنى تاللاڭ.

ئىككىنچى، پۇلنى كۆپ تاپقىلى بولىدىغان، ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ھەم سىزگە ئېھتىياجلىق جايغا بېرىڭ. سىزنى ئەڭ ئوڭاي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان جايغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەڭ.

ئۈچىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، زېرەك ھەم قابىل، تەپەككۇرى جانلىق، ئاكتىپ ئىلگىرىلەيدىغان، قىزغىنلىق ھەم ھاياتىي كۈچكە تولغان كىشىلەر بىلەن يېقىن ئۆتۈڭ. بۇرۇقتۇرما ۋە مەغلۇبىيەت پۇرىقى بىلەن تولغان مۇھىتتىن ۋە پاسسىپ كىشىلەردىن يىراق تۇرۇڭ.

تۆتىنچى، پۈتۈن روھىڭىزنى بازار كەيپىياتى بىلەن تەدرىجىي جىپسىلاشتۇرۇپ، ياخشى كىرىزىس ئېڭى، ئالدىن كۆرەرلىك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈڭ.! 

بەشىنچى، مەلۇم بىر جايدا تەرەققىي قىلالماي بىر ئىزدا تۇرۇپ قالغاندا، داۋاملىق شۇ يەردە تۇرىۋەرمەي باشقا جايلارغا بېرىپ ئىزدىنىپ بېقىش كېرەك.

ئالتىنچى، ھەممە ئىشقا ئېسىلىپ بېقىپ، ئاخىرىدا ھېچقايسىسىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان ھالەتنىڭ شەكىللىنىشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ئىرادىسىدىن قەتئىي قايتماي، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇشۇ نىشاننى بويلاپ ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلغاندىلا، مۇۋەپپەقىيەت قەسىرىگە قەدەم قويغىلى بولىدۇ.

يەتتىنچى، كەسپىي بىلىم ۋە ئىقتىدار، ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرى، مەلۇم جەھەتلەردىكى ئارتۇقچىلىق، ئادەت، نوپۇز، ئەنئەنىۋى قاراش، باشقىلارنىڭ سۆز - چۆچىكى ۋە ئاددىي تۇرمۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ نەزەر دائىرىنى چەكلەپ، پۇت - قولنى چۈشەپ قويۇشىدىن ۋە سەزگۈرلۈك، جانلىقلىقنى يوقىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

سەككىزىنچى، تەتۈر يۆنىلىشتە تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش، قارشىسىدىن چىقىپ چوڭقۇر ئىزدىنىش ۋە ئىجادىي پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.

توققۇزىنچى، تارىخىي بۇرۇلۇش، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش، مۇھىم ۋەقەلەر، سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ باش قېتىنچىلىقى، پەن - تېخنىكىدىكى يېڭىلىق يارىتىش، ھەر قايسى قاتلام، گۇرۇھ ۋە ئوخشىمىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئىستېمال شەكلى، ئىچكى ئېھتىياجى ھەم ئارزۇسى بىلەن غايىسى ئاساسىدا يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن كەسىپ ۋە بازارنى ئىزدەشكە، بايقاشقا شۇنداقلا ھەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا ماھىر بولۇپ، كىشىلەرنى قولايلىق، مەنپەئەت، قىممەت ۋە ھۇزۇر بىلەن تەمىنلەش كېرەك. 

ئونىنچى، پايدا ئالىدىغان يەردە قاتتىق قول، چاققان بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن پايدىنى زورايتىش كېرەك. ئۆز مەھسۇلاتى ۋە كوللېكتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ماركىسى ۋە مۇلازىمىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تونۇتۇش كېرەك.

ئون بىرىنچى، ئەرزىمەس ئىشلار، ئائىلىدىكى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار ۋە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بولغان شەخسىي ھېسسىيات قاتارلىقلارنىڭ ئۆزى بېكىتكەن يېتەكچى پىرىنسىپ ، كۈرەش نىشانى ۋە باشقا ئەڭ مۇھىم ئىشلارغا تەسىر كۆرسىتىشى ۋە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش لازىم.

ئون ئىككىنچى، قايسىلا جايغا بېرىشتىن قەتئىينەزەر، ئالدى بىلەن، ئەل ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بۇ جاينىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت ئالاھىدىلىكلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەش، پەرقلەرنى، كەمچىلىكلەر ۋە باشقىلار بايقىمىغان ئېھتىياجنى بايقاش، دەۋر تەلىپىگە ماسلىشىش، غەلىبە قىلىش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە باشقىلارغا مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ماھىرلىق بىلەن پۇل تېپىش كېرەك.

ئون ئۈچىنچى، ئەمەلىيەتتە، قورقۇنچلۇق نەرسە يوق، قورقۇنچلۇق بولغىنى ھەممىلا نەرسىدىن قورقۇپ يۈرۈش، ئۆيدە ئولتۇرۇۋېلىپ گەپنىڭ چوڭىنى قىلىش، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىش ياكى بولمىسا باھانە - سەۋەب ئىزدەش، ئۆز - ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ، ئۆز - ئۆزىنى مەغلۇپ قىلىش. كۆز ئالدىڭىزدىكى رېئال پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ-كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاۋۋال قول سېلىپ ئىشلەڭ، شۇندىلا پارلاق كەلگۈسى سىزنىڭ يولىڭىزنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئون تۆتىنچى، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ كۆلەڭگىسىگە مەپتۇن بولۇپ، بىلىپ - بىلمەي ئۆتمۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە تەجرىبىلەر بىلەن بۈگۈنگە باھا بېرىشكە ۋە ئۇنى ھەرىكەت مىزانى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. دۇنيا ھەر كۈنى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭالىغان ۋاقتىمىزدىلا، پۇرسەتنى ھەممىنىڭ ئالدىدا بايقىيالايمىز ۋە ئۇنى تۇتالايمىز.

ئون بەشىنچى، بۇ دۇنيادا ھەممىگە قادىر ئىنسان يوق، مەيلى سىز قانچىلىك ئەقىللىق ۋە ئىقتىدارلىق بولۇڭ، ئۆزىڭىزنىڭلا كۈچىگە تايانسىڭىز، چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق، بىز نۇرغۇن نەرسىگە ئېھتىياجلىق، ئالدىمىزدىكى يول تېخى ئۇزاق. سىز زور مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ساھىبى بولالىغىنىڭىزدىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ھەقىقىي ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىز.
شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.

مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

نۆۋەتتە 8 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە : زىيارەتچى قالدۇرغىنى : 5 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى : 3 پارچە

  1. huxhuy China Unknow Browser Unknow Os : 2012-يىلى07-ئاينىڭ11-كۈنى16:38:48  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئەھمىيەتلىك بىلىملەر بوپتۇ ، بىزنىڭ بىر قىسىم تېنەپ يۈرگەن ياشلىرىمىز بىر ئوقۇپ چىقسا بولاتتىكەن.

  2. يالغۇز China Unknow Browser Unknow Os : 2012-يىلى07-ئاينىڭ13-كۈنى09:20:32  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مەنمۇ ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىن بىرەر يەردە خىزمەت تىپىپ ئىشلەش نىيتىم يوق،ئۆز ئالدىمغا بىر تەۋەككۇل قىلىپ قەرز ئىلىپ ئىگىلىك تىگلىگىم بار…

  3. admin China Unknow Browser Unknow Os : 2012-يىلى07-ئاينىڭ13-كۈنى09:30:33  -47-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ھەقىقەتەن ياخشى ئويلاپسىز بۇرادەر…ئامەت سىزگە يار بولسۇن…

  4. گۈلخان China Unknow Browser Unknow Os : 2012-يىلى07-ئاينىڭ15-كۈنى19:12:49  -46-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ھازىرقى ياشلاردا مۇنداق بىر ھالەت بار ئىكەن ، كىچىك ئشىنى قىلمايدىكەن ياراتماي ، چوڭ ئش قىلمەن ، بولمسا قىلمايمەن .دەپ چوڭ ئشىنى قىلالمايدىكەن ياكى قىلىپ بولغۇچە ۋاقىت ئۆتدىكەن ، شۇنداق ياشلار كۆپرەك مۇشۇ خىل تىمىدكى يازملارنى ئوقۇپ بەرسە ، ئىمكانيەت بولسا بازارنى كۈزەتسە چوقۇم ئۇتۇق قازنىدۇ دەپ ئويلايمەن .

    • admin China Unknow Browser Unknow Os : 2012-يىلى07-ئاينىڭ15-كۈنى19:16:51  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      ئىنتايىن توغرا پىكىر قىپسىز بۇرادەر، بارىكاللا…

  5. ئېقىن China Unknow Browser Unknow Os : 2012-يىلى07-ئاينىڭ19-كۈنى04:51:55  -45-رەت @جاۋاب جاۋاب

    :shock: خاتا كىرىپ قالمىغاندىمەن ، تۆنۆگۈن باشقا ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇپتىكەنسىز ؟ لېكىن ئاشۇ ئۇسلۇپمۇ بوپ قالدىكەنتۇق لېكىن سەل مەزمون تەلەپ قىلدىكەن ، كىيىنچە ياخشى تەڭشەپ كۈچۋالسىڭىز ئۇمۇ بولدىكەن.

  6. admin China Unknow Browser Unknow Os : 2012-يىلى07-ئاينىڭ19-كۈنى05:24:55  -44-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئۇ ئۇسلۇبنى مەنمۇ ياقتۇرغان ئىدىم، بەزى بىر خاتالىقلار كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئەسلىدىكى ئۇسلۇبقا ئەكەپ قويۇپ تۇردۇم، خاتالىقلارنى تۈزىتىپ بولۇپ شۇ يىڭى ئۇسلۇبنى ئىشلىتىمەن

  7. پەخرىم China Unknow Browser Unknow Os : 2012-يىلى07-ئاينىڭ24-كۈنى13:07:26  -43-رەت @جاۋاب جاۋاب

    تور سودا مىنىڭ ئۇلىنىش لوگو رەسىممىم قېنى مەن سىلىنى ئۇلۇنىز قىلىۋالسام :cry:

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟