توردا ئىگىلىك تىكلەڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت | تاۋباۋ بىلىملىرى | ئاساسىي مەزمۇن
بىزدە تاۋباۋ دۇكانلار نېمىشقا پايدا ئالالمايدۇ؟
2015-يىلى04-ئاينىڭ03-كۈنى تاۋباۋ بىلىملىرى ⁄ جەمئى 7782خەت بار ئىنكاس يوللانماپتۇ ⁄ 4,605 قېتىم كۆرۈلدى+

 

بىزدە تاۋباۋ توردا دۇكان ئاچقانلارنىڭ ئىچىدە ئىناۋەت دەرىجىسى 5 ئالماسقا يەتكەنلەرنىڭ سانى بەلكىم 20 گە يەتمەسلىكى مۇمكىن ،  مەن مۇشۇلارنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۆزۈمنىڭ دۇكىنىمنى بىر يىل(ئەلۋەتتە خىزمەتنىمۇ بىللە قىلىپ ئىشىنچە ۋاقىتتا ئاچىمەن ) ئىچىدە بىر خان تاجىغا تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا نېمە ئۈچۈن بەزى دۇكانلار پايدا ئالالمايدۇ؟ دېگەن تېمىدا تەجىرىبەمنى تورداشلار بىلەن بىللە ئورتاقلىشىشى مەقسىتىدە بۇ تېمىنى ئىلىپ كەلدم  . تاۋباۋدا دۇكان ئاچقانلارغا ئاز تولا پايدىسى بولسا ئەجەب ئەمەس دوستلارنىڭ قىمەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرنى ئايماسلىقىنى سورايمەن .

 

1 . ھېچقانداق دەسمى سالمايلا كۆپ پۇل تېپىشنى ئويلاش

قۇرۇق قول ئىگەلىك تىكلەش ئانچە ئاسان ئەمەسلىكىنى، ئەجىرسىز مىھنەتكە ئىرشىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ھەممەيلەنگە ئايان، دۇكاننى ئاچساملا سودا بولۇپ كەتسە دەپ كۈتۈپ تۇرغانلارمۇ يوق ئەمەس، لېكىن ئويلاپ بېقىڭ سىز بىرەر يىزا بازىردا ياكى ناھىيە بازىردا دۇكان ئاچسڭىز كۈندە كەم دېگەندە بىر ئىككى تال مالدا سودا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ يەردىكى كىشىلەر مال ئالىدىغان دۇكان تاۋباۋ توردىكىدەك كۆپ ئەمەس ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز بىلەن ئانچە مۇنچە تونۇش، ئەمما ئويلاپ باقتڭىزمۇ؟ تاۋباۋ تورىدا دۇكان ئاچقىنىڭىزدا دۇكىنىڭىزنىڭ ئىسمى نېمىشقا  shop115108755.taobao.com  دەپ چىقىدۇ؟ بۇ سىزنىڭ تاۋباۋ تورىدا ئاچقان دۇكىنىڭىزنىڭ تەرتىپى ئەلۋەتتە! توردا دۇكان شۇنچە كۆپ تۇرسا دۇكان ئىچىشىڭىزغىلا خېرىدارلار سىزنى ساقلاپ تۇرارمۇ؟

 

2 . زاكالەت پۇلى تاپشۇرماسلىق

ھازىر زاكالەت پۇلنى تاپشۇرمىسا نۇرغۇن تۈردىكى بازارغا سالغىلى بولمايدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز دۇكانغا زاكالەت پۇلى تاپشۇرسىڭىز دۇكىنىڭىزنىڭ ئۈستى تەرەپكە《ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلگەن》دىگەن خەت كۆرنۇپ خىرىدارنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىدۇ، چۈنكى سىز زاكالەت پۇلى تاپشۇرغاندىن كېيىن ساتقان مالدىن چاتاق چىقسا تاۋباۋ ئورگان تەرەپ شۇ پۇلدىن خىرىدارنىڭ زىينىنى تۆلەپ بېرىدۇ ئەمەسمۇ ئەگەر زاكالەت تاپشۇرمىسىڭىز تاۋباۋ دۇكىنىڭىزنى تاقىۋەتمەي نېمە ئامال ، (بۇمۇ ئەلۋەتتە ئىزدەش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ)

 

3 . ئىناۋەتكە ئېتىبار بەرمەسلىك
سىزنىڭ بۈگۈنكى سودىڭىز ئەتىكى سودا ئۈچۈن سالغان ئىناۋىتىڭىز، چۈنكى ئەتە مال ئالىدىغان خېرىدار ئەلۋەتتە سىزنىڭ بۈگۈنكى سېتىش ئەھۋلىڭىزغا ۋە باشقىلارنىڭ سىزگە بەرگەن باھاسىغا ۋە سىزنىڭ ئومۇمىي ئىناۋىتىڭىزگىمۇ قاراپ سودا قىلىش قىلماسلىقنى بەلگۈلەيدۇ، (باش بەتتە ئىزدىگەندە باشتىلا كۆرىشكىمۇ كۆپ پايدىسى بار ) .

 

4 . مۇلازىمەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك
تىلىڭىز شېكەر دىلىڭىز ھەسەلدىن تاتلىق بۇلسۇن، سىز توردىن مال سېتىۋالغان ۋاقتىڭىزدا كۆپىنچە ‹‹تۇققىنىم، كېلىشكەن يىگىت، گۈزەل قىز››دىگەندەك گەپ سۆزلەرنى كۆپ ئۇچىرتىسىز، ئويلاپ باقتىڭىزمۇ خېرىدار سىزدىن رازى بولۇپ يەنە مال ئالغىلى كېلىشى ھەتتا باشقا دوسلىرنى باشلاپ سىزنىڭ سودىڭىزنى ئاۋات قىلىشى تۇرغانلا گەپ ، ئەمما خېرىدار سىزدىن رازى بولمىسا، رەنجىپ قالسا سىزگە ناچار باھا بېرىشى، ھەتتا سىزنى تىللىشى مۇمكىن بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ ئومۇمىي ئىناۋىتىڭىز تۆۋەنلەپ ئىزدەشتە ئورنىڭىز ئارقىغا چىكىنىدۇ، (ئىناۋەت تۆۋەنلەشتىكى بىر سەۋەب )، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىنكى خېرىدار ئۇلارنىڭ باھا سۆزىنى كۆرسە قانداقمۇ سىزنىڭ مىلىڭىزنى ئالسۇن

 

5 . پۇل لازىم بولغاندىلا دۇكان ئىچشنى ئويلاپ ئۇزۇن مەزگىل سودا قىلىشنى خالىماسلىق
تاۋباۋ تورنىڭ ئىزدەش رامكىسىدىن مال ئىزدىگەندە ئەڭ باشتا كۆرۈنگىنى ھازىرغىچە ئەڭ كۆپ سىتىلغان مال بولماستىن مۇشۇ ئاي ئىچىدە سىتىلىش سانى كۆپ بولۇش تەرتىۋىدۇر مالنىڭ سىتىلىش سانى قانچە كۆپ بولسا ئىزدىگەندە شۇنچە ئالدىغا يىقىنلىشىدۇ ، ئەلۋەتتە بۇمۇ بىر ئىزدەشنىڭ ئالدىغا يىقىنلىشىدىكى بىر سەۋەب .

 

6 . مال سىتىشنىلا ئويلاپ سىتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك
كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز ئىناۋەت تىپىۋاتقان داڭلىق ماركىلار سېتىش بىلەن مۇلازىمەتنى بىرلەشتۈرگەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس، لېكىن تاۋباۋ تورى مال سېتىۋېلىش مۇلازىمەتكە باھا بېرىش، سىتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت{مال تاپشۇرۋىلىپ يەنە 15 كۈن ئىشلىتىش جەريانىدا مالدا نۇقسان ياكى سۈپەت مەسىلىسى ھېس قىلسىڭىز « سىتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت» }نى ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىقمۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى ھەتتا پۇلنى قايتۇرۋالغىلى بولىدۇ .

 

7 . تور دۇكىنىنى تاللا بازىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش
بىز باش بەتتە لازىم بولغان مالنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈپ ئىزدىگەندە ئاۋۋال شۇ (مال تەۋە تۈرنى، ئاندىن شۇ خىل تۈر ئىچىدىكى ئومۇمىي ئىناۋىتى يۇقىرنى، ئاندىن شۇ 30كۈن ئىچىدىكى سىتىلىش سانى ئەڭ كۆپنى ئاخىردا مال ھارۋىسىغا چىقىرلىش ۋاقتى)غا ئاساسەن ئىزدەيدۇ (يەنە باشقا ئامىللارنى كېيىنكى تىمىلاردا يوللايمىز)، شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى چوقۇم بىر كەسىپنى 《بىرىنجى خىل تۈر》گە تەۋە بىر خىل ماللارنى سېتىش كېرەك

 

8 . مەبلەغ سالماي تۇرۇپ پايدا ئىلىشنى ئويلاش
مەبلەغنى ئىناۋەتكە سالمىسىڭىز بۈگۈن پۇل تاپسىڭىز ئەتە نېمە يەرسىز چوقۇم مال مەنبەسنى مۇقۇملاشتۇرغاندىن كېيىن بۇ سودىنىڭ ئىناۋىتىگە مەبلەغ سىلىڭ، لېكىن ئىناۋەت ئاشۇرمەن دەپ ئالدامچىلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتمەڭ، ئىناۋەت ئاشۇرۇش شۇنچە ئاسان بولسا كىشىلەر ئىناۋەت قوغلۇشۇپ نېمە قىلار؟ ئەگەر راستنلا بۇ كەسىپ بىلەن چىقىش يولنى تاپاي دېسىڭىز دەسلەپتە توغرا ئۇسۇلدا ئازراق مەبلەغ سىلىڭ چۈنكى يۈرۈشلەشتۈرسىڭىز كېيىن ھەسسىلەپ قايتۇرۋىلىشىڭىزدا مەسىلە يوق .

 

9 . تىز بيىشنى ئويلاپ باھانى يۇقىرى قويۇش  
بۇمۇ ئىنتايىن مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ، بىز باش بەتتىن لازىملىق مالنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسەك ئوخشاش مالنىڭ ئوخشىمىغان ھەرخىل باھاسىنى بايقايمىز، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەلۋەتتە دۇكانلارنىڭ ئىناۋىتى، شۇ مالنىڭ سىتىلىش سانىغا ئاساسەن باھا پەرقى چوڭ، دېمەكچى بولغىنىم سىزنىڭ دۇكىنىڭىزنىڭ ئىناۋىتى ۋە شۇ مالنىڭ سىتىلىش سانى يوق تۇرسا باش بەتتە كۆرۈنەمدۇ، قىممەت ساتسىڭىز باشقىلار ھېچكىم ئالمىغان مالدىن خاتىرجەم مال ئالامدۇ؟ سىز 100كوي ساتقان مالنى باشقىلار 200كوي ساتسا ئالىدۇكى ھەرگىزمۇ سىزدىن 100 يۈەنگە ئالمايدۇ، تەۋسىيە يېڭى ئاچقان دۇكاننىڭ مىلىنى ئامال بار باھاسىنى ئەڭ تۆۋەن باھادا چىقىرىڭ بولسا پوچتا ھەققىنى ئۆزىڭىز كۆتۈرۈپ سىتىڭ .

 

10 . ماللارنى ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇش يېتەرسىز
تاۋباۋ تورىدىن سىزنىڭ دۇكىنىڭىزغا ماس كېلىدىغان ھەقسىز ۋە ھەقلىق پائاليەتلەرنى يولغا قويۇش ياكى قاتنىشىش،

مەسىلەن :《بر خىرىدارنى بىرتاللا ئالالايدىغان قىلىش، دۇكان ئېتىبار پۇلى تارقىتىش، كۈندە ئالاھىدە باھا پائالىيەتلىرنى ئۇيۇشتۇرۇش، دۇكاننى يىغىپ <<收藏>>ساقلىغانلارغا تاۋباۋ پۇلى بېرىش، ئەزالارغا ئېتىبار بىرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ مۇلازىمىتىنى سېتىۋىلىڭ، ئەلۋەتتە دۇكىنىڭىزنىڭ زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇشقا سودىدا پۈتۈشۈشكە كۆپ پايدىسى بار .

 

11 . دۇكاننى بىزەشكە مالنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئېنىق چۈشىنىشلىك قىلىشقا سەل قاراش
ئەلۋەتتە ئىزدىگەندە باشتا كۆرنىشتە پايدىسى ۋە خىرىدارنىڭ كۆرۈپ چۈشىنىشىگە سودىدا پۈتىشىشكە پايدىسى كۆپ (بۇمۇ باشتا كۆرىشتىكى مەلۇم بىر سەۋەب )

 

12 . ئېلان تەشۋىقاتقا سەل قاراش
سىزنىڭ ھەرقانچە ياخشى مىلىڭىز بولسىمۇ باشقىلار بىلمىسە قانداق ئالىدۇ، مۇۋاپىق ئېلان تەشۋىقاتنى قىلىش كېرەك .

(钻石岗位.直通车))قاتارلىقلارغا مالنىڭ ئېلانىنى بېرىش كەمچىل چۈنكى بۇ يەردە بەرگەن ئېلان بىۋاسىتە باشقىلار ئىزدىگەندە باش بەتتە كۆرنۈپ مالنىڭ سىتىلىش يولىنى ئاچىدۇ، زىيارەت سانىنى كۆپەيتىدۇ، ئەلۋەتتە توغرا ئۇسۇلنى تاللاڭ .

 

13 . دۇكىنىڭىزدىكى ماللارنىڭ يانفون نۇسخىسىنى ياساڭ

ئەلۋەتتە تاۋباۋ تورىنىڭ يانفون نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ مال سىتىۋلىدىغانلارمۇ بەزىدە پۈتۈن تاۋباۋ سودا سومىىسىنىڭ 40% تىن ئېشىپ كېتىدۇ .

 

14 . سەمىمىيتى يېتەرسىز

سەمىمىي كىشىلەر ھامان زىيان تارتمايدۇ، چوقۇم خىرىدارنىڭ ھەر بىر سوئالىغا ئەستايدەل مۇئامىلە قىلڭ .

 

15 . قوش تىل سەۋىيىڭىزنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش يېتەرسىز
بۇنى كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، خەنزۇچە يېزىشنى بىلمىسىڭىز ئۆز مەقسىتىڭىزنى ئىپادىلەپ بېرەلمىسىڭىز، ھەمدە خېرىدارنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنەلمىسىڭىز بۇ ساھەدىن چېكىنىپ چىقىڭ ۋاقىت ئىسراپ قىلماڭ چۈنكى تاۋباۋ تورىدا مال سېتىۋالىدىغانلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تېلىنى بىلمىسىڭىز مالنى قانداق ساتىسىز ؟
 

16 . ئۆزى ساتىدىغان ماللارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلمەسلىك

سىزنىڭ دۇكاندىكى ماللارغا بولغان چۈشەنچىڭىز ئېنىق بولسۇن خېرىدارنىڭ سوئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىپ سودا پۈتۈشۈش سوممىسىنى ئاشۇرۇشتا ئەلۋەتتە كۆپ پايدىسى بار .

 

17 . بېرىلگەن باھا سۆزىگە سەل قاراش
مالغا بېرىلگەن ئوتتۇرا تۆۋەن باھاغا قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ بىر مالغا بېرىلگەن ناچار باھا پۈتۈن دۇكاندىكى ماللارنىڭ ئىناۋىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ ، بىر ياخشى باھا ئەلۋەتتە بىر ئىناۋەت قوشۇلغانغا باراۋەر بىر ناچار باھاغا بىر نومۇر تۇتۇلىدۇ، بىر تال مالنى ساتسىڭىز بىر ئىناۋەت قوشۇلىدۇ، دېمەك سېتىپ ناچار باھاغا ئېرىشكىچە ساتماي تۇرغان ياخشى بىر ناچار باھا ئىناۋەتتىن بىرنى ئىسراپ قىلىدۇ ئوتتۇرا باھاغا كەلسەك تاۋباۋدا نومۇر تۇتۇلمايدۇ دېيىلگەن ئەمما ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىگە ئاساسلانغاندا دۇكاننىڭ ئومۇمىي نومۇرى مەلۇم نىسبەتتە تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭلاشقا خېرىدارنىڭ ئوتتۇرا ياخشى باھانى تۈپتىن يوقىتىش كېرەك، ئەگەر بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا مەلۇم نىسبەتتە تۆلەم بېرىش ياخشى تىلەكلەرنى تىلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش كېرەك (ئادەتتە ئوتتۇرا ناچار باھانى بىر ئايغىچە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، بىر قىسىم تەبىئىتى ناچار كىشىلەر مال ياخشى بولسىمۇ قەستەن قۇسۇر چىقىرىپ ناچار باھا بېرىپ نەپ ئۈندۈرۈۋېلىشنى ئويلايدۇ).

 

18 . خېرىدارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش
سودىدا كېلىشىشتىن بۇرۇن خېرىدارنىڭ سېتىۋېلىش ئىناۋىتى تۆۋەن ياكى باشقىلارغا بەرگەن تۆۋەن باھاسى كۆپ بولسا قەتئىي مال ساتماسلىق، ئالىي ۋاڭ ۋاڭغا ئاپتوماتىك قارا تىزىملىككە ئەكىرىۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك .

 

19 . سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە سەل قاراش

دۇكاندىكى ماللار توغرا تۈر بويىچە چىقىرىلدىمۇ يوق ، تاۋباۋنىڭ قائىدىسىگە ئۇيغۇنمۇ يوق قاتارلىقلارنى پات پات تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك ، بولمىسا ئامراق تىللا تۆكۈلىدىغان دۇكىنىڭىز مەڭگۈلۈك تاقىۋېتىلىدۇ ، (ئىنتايىن مۇھىم 2-3 كۈندە بىر قېتىم تەكشۈرۈشنى ئۇنتۇماڭ)

بۈگۈن شۇنچىلىك يازاي پۇرسەت بولسا يەنە ئورتاقلىشىمەن، ئېلان تەشۋىقات بولۇپ قالمىسۇن دەپ دۇكىنىمىزنىڭ ئادرېسىنى يوللىمىدىم .

 

ئاخىردا باشقا تورداشلارنىڭ بۇ تېمىنى باشقا  بەتلەرگە كۆچۈرگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىشنى سورايمەن .

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟