توردا ئىگىلىك تىكلەڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت | تور سودىسى | ئاساسىي مەزمۇن
دېھقانلار تور دۇكىنىنى قانداق ئېچىش كېرەك؟
2015-يىلى03-ئاينىڭ19-كۈنى تور سودىسى ⁄ جەمئى 4393خەت بار 1پارچە ئىنكاس بار ⁄ 4,573 قېتىم كۆرۈلدى+

بىرىنچى مەسىلە : توردا دۇكان ئېچىشتىكى تەييارلىق خىزمەتلەر ۋە باسقۇچلار قايسى؟

دەسلەپكى باسقۇچتا، تور دۇكىنىڭىزدا نېمە ساتىدىغانلىقىڭىزنى بېكىتىۋالغاندىن كېيىن، تاۋباۋ، تيەنماۋ، ‹‹1 – نومۇرلۇق دۇكان›› قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىدىن بىرنى تاللايسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن تور دۇكىنى ئېچىش ئۈچۈن كېتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى تەييارلايسىز. تور دۇكىنى ئېچىشقا ئادەتتە بىر كومپيۇتېر، بىر يانفون كېتىدۇ، بۇنىڭ تەننەرخى تەخمىنەن 10 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. ئەگەر مەھسۇلاتنىڭ سۈرىتىنى ئۆزىڭىز تارتماقچى بولسىڭىز، ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى سۈرەت تارتىش ئاپپاراتى ئېلىڭ. مۇمكىن بولسا، سكاننېر، پرىنتېر بىر گەۋدىلەشكەن ئاپپارات ئالسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. بۇلارغا تەخمىنەن 20 مىڭ يۈەن كېتىدۇ.

كېيىنكى باسقۇچتا، تور دۇكىنى ئاچىسىز، يەنى ھېسابات نومۇرىڭىزنى رويخەتكە ئالدۇرىسىز. تاۋباۋ تورىنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭدا دۇكان ئېچىش باسقۇچى تۆۋەندىكىچە: سودىگەر چىقىمدان ھېسابات نومۇرى ئىلتىماس قىلىش←توردىكى ئىلتىماس قىلىش بېتىگە كىرىش←ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇش←توردا ئىمزا قويۇش←تەستىقتىن ئۆتۈشنى ساقلاش←كاپالەت پۇلىنى توڭلىتىشتىن ئىبارەت يۇقىرىقى ئالتە باسقۇچ تاماملانغاندا تور دۇكىنى ئېچىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.

ئاخىرقى باسقۇچ، تور دۇكىنىنى ئېچىۋالغاندىن كېيىن، تور دۇكىنىنىڭ ئوبرازىنى، يەنى دۇكان بەلگىسى، دۇكان نامى، دۇكان چۈشەندۈرۈلۈشى، دۇكان تۈرى، مەھسۇلاتلارنىڭ كونكرېت چۈشەندۈرۈلۈشى قاتارلىقلارنى لايىھەلەش باسقۇچى. بۇلارنى ئالاھىدە خادىم تەكلىپ قىلىپ لايىھەلەتسىڭىز ياكى باشقا دۇكان ئاچقانلاردىن ئۆگەنسىڭىز ۋە ياكى تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆزىڭىز لايىھەلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. دۇكىنىڭىزنىڭ ئوبرازىنى لايىھەلەش باسقۇچىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، مەھسۇلاتنى ئېلان قىلىش، دائىم يېڭىلاش ۋە تور بەت كۆرۈنمە تەھرىرلىكىنى قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى مەسىلە: توردا خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش تەدبىرلىرى قايسىلار؟ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى قانداق قىلىش كېرەك؟

تور دۇكىنىدىمۇ ئەمەلىي گەۋدىلىك دۇكاندىكىگە ئوخشاش ئەلا مۇلازىمەت ئارقىلىق خېرىدارلار بىلەن يېقىنلىشىش، مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش كېرەك. ئادەتتە سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپ تور ئالاقە قورالى ئارقىلىق سودا ئالاقىسى قىلىدۇ. ھازىر ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تور ئالاقە قورالى بار. تاۋباۋ تورىنى مىسال قىلساق، تاۋباۋ تورى ئالى ۋاڭۋاڭنى ئالاقە قورالى قىلغان. شۇڭا، دۇكىنىڭىز ئۈچۈن ئالاقە قورالىدىن بىرىگە ھېسابات نومۇرىڭىزنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، خېرىدارلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش، خېرىدار بىلەن باھادا كېلىشكەندىن كېيىن، زۆرۈر بولسا باھا ياكى كىرا ھەققىنى ئۆزگەرتىش، ئادرېسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پاراڭلىشىش ۋە سۆز قالدۇرۇش خاتىرىسىنى باشقۇرۇش ۋە ساقلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.

تور دۇكىنى ئېچىشتىمۇ كونا خېرىدارلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ساقلاش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ناھايىتى مۇھىم. تور ئالاقە قورالى ئارقىلىق خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ مۇلازىمەتتىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش، زۆرۈر بولسا، مەھسۇلاتقا كارتا ياكى كىچىك سوۋغا قوشۇپ ئەۋەتىش شەكلى ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچى مەسىلە: تور دۇكىنىدا سودا مەشغۇلاتىنى قانداق قىلىش كېرەك؟

تور دۇكىنى سودىسىنى باشقۇرۇش تۆۋەندىكى بەش باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى، سېتىۋالغۇچىنىڭ پۇل تۆلىشىنى ساقلاش؛ ئىككىنچى، خېرىدار پۇل تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، خېرىداردىن زاكاز مەزمۇنى ۋە مال تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسىنى ئېنىقلاپ، زاكازنى مال ئەۋەتىش خاتىرىسىدە ساقلاش؛ ئۈچىنچى، سودىگەر مالنى ئەۋەتىش؛ تۆتىنچى، سودىنى ئاخىرلاشتۇرۇش. خېرىدار تۆلىگەن پۇل كېپىللىك سۇپىسى بولغان ئۈچىنچى تەرەپتە، يەنى چىقىمداندا ۋاقىتلىق ساقلىنىدۇ. سودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقاندا پۇل ئاندىن سىزنىڭ ھېساباتىڭىزغا كىرىدۇ. بەشىنچى، مال قايتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، بۇ باسقۇچتا خېرىدارنىڭ مالنى قايتۇرۇۋېتىشتىكى سەۋەبى ئېنىقلىنىپ، مەسىلە ھەل قىلىنىدۇ.

تور دۇكىنى سودىسىنى باشقۇرۇشتىكى يەنە بىر مۇھىم مەزمۇن باھالاشنى باشقۇرۇش بولۇپ، ھەر بىر سودا ئاياغلاشقاندىن كېيىن، خېرىدارنىڭ مالغا ۋە مۇلازىمەتكە بولغان باھاسى سىزنىڭ تور دۇكىنىڭىزنىڭ ئابرۇيى ۋە دەرىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا خېرىدارلار ‹‹ناچار›› باھالىسا، خېرىدارلار بىلەن پىكىرلىشىپ، سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، باھانى ئۆزگەرتىش مۇمكىنچىلىكى بولسا ئۆزگەرتىپ، دۇكىنىڭىزنىڭ ئابرۇيىنى قوغدىشىڭىز كېرەك.

تۆتىنچى مەسىلە: تور دۇكىنى ئامبىرىنى قانداق باشقۇرۇش ۋە مال يەتكۈزۈش مەشغۇلاتىنى قانداق قىلىش كېرەك؟

تور دۇكىنىدا ساتماقچى بولغان مالنى ئۆزىڭىز ئىشلەپچىقارمىغان بولسىڭىز، مال تەمىنلىگۈچى تەرەپ مالنى سىزگە ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا، چوقۇم مالنىڭ لاياقەتلىك ياكى لاياقەتلىك ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشىڭىز، ئاندىن مال نومۇرى يېزىش، ئامبارلاشتۇرۇپ تىزىملاش، تۈرگە ئايرىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىشىڭىز كېرەك.

خېرىدارغا مال ئەۋەتكەندە خېرىدار ئالغان مالنى سانى، تۈرى ۋە چوڭ – كىچىكلىكى بويىچە تۈرگە ئايرىپ، بىخەتەر ئورالمىلارغا ئوراپ، مالنىڭ يەتكۈزۈلۈش جەريانىدا زىيانغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك.

تور دۇكىنى ئېچىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچ ئۇزاق مۇددەت ھەمكارلىشىدىغان تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرىنى تاللاپ، مال ئەۋەتىش باسقۇچىدۇر. ھازىر ئېلىمىزدە مال يەتكۈزۈش ئۇسۇللىرىدىن پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق ئەۋەتىش، تېز يوللانما ئارقىلىق ئەۋەتىش ۋە مال ترانسپورتى ئارقىلىق ئەۋەتىش قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ باھاسى پەرقلىنىدۇ. سىز ئەۋەتمەكچى بولغان مالنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ماس كېلىدىغان ئەۋەتىش ئۇسۇلىنى تاللاپ، كىرا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، مالنى خېرىدارنىڭ قولىغا بىخەتەر يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك.

نۆۋەتتە 1 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە : زىيارەتچى قالدۇرغىنى : 1 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى : 0 پارچە

  1. ئېرشات China Google Chrome Windows : 2015-يىلى10-ئاينىڭ29-كۈنى14:41:16  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مەن تاۋباۋدا دۇكان ئاچاي دىگەن ياردەم قىلسىڭىز

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟