توردا ئىگىلىك تىكلەڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت | ئۇنىۋېرسال | ئاساسىي مەزمۇن
ئىگىلىك تىكلەشتىكى 6 خىل ئۇسۇل
2012-يىلى10-ئاينىڭ08-كۈنى ئۇنىۋېرسال ⁄ جەمئى 2387خەت بار ئىنكاس يوللانماپتۇ ⁄ 7,251 قېتىم كۆرۈلدى+

 

تىجارەت قىلغاندا قانداق تۈرلەرنى تاللاش كىرەك؟
تىجارەت تۈرىنى تاللاشتا مودا قوغلاشماسلىق، ھىچقانداق باھا بەرمىگەن كۆپ پۇل تىپىپ كەتكەن كەسىپلەرنى تاللىماسلىق كىرەك بىلىشىڭىز كىرەككى بۇ كەسىپلەرنىڭ بازىرى توشۇپ كەتكەن بولۇپ كىچىككىنە ئورۇن بولسىمۇ پايدىسى بۇرۇنقىدەك كۆپ بولمايدۇ

ئۇنداقتا قانداق تاللاش كىرەك؟
1.ئۆزىگە مۇۋاپىق بولغان تۈرنى تاللاش كىرەك
ئۆزىنىڭ كەسپىگە، تەجرىبىسىگە قىزىقىشىغا مۇۋاپىق بولغان كەسىپلەرنى تاللاش كىرەك
2.تاللىماقچى بولغان تۈر ياكى كەسىپنىڭ نۆۋەتتىكى بازار ئەھۋالىغا قاراش كىرەك
تەرەققى قىلىۋاتقان تۈرنىڭ بىۋاستە پايدىسى بولۇش كىرەك بەزى مەھسۇلاتلارغا ئىھتىياچ يۇقىرى بولۇپ تەننەرقىمۇ يۇقىرى، ئەمما پايدىسى تۆۋەن نۇرغۇن مەبلەغ سىلىپمۇ تۇزۇككنە نەپكە ئىرىشكىلى بولمايدۇ
3.ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش كىرەك بەك كۆپ مەبلەغ سىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كىرەك
سىز مەلۇم بىر تۇرگە مەبلەغ سالماقچى بولغاندا كۆپ مەبلەغ سالماي مۇۋاپىق سىلىش ئارقىلىق مۇشۇ تۇرنىڭ بازار ئەھۋالىنى ئىگەللىشىڭىز كىرەك بىر مەزگىلدىن كىيىن ئىشەنىچ تۇرغۇزۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن چوڭ مەبلەغ سىلىش كىرەك ئاز مەبلەغ سالسام پايدىمۇ ئاز بولىدۇ دەپ ئويلىماڭ.‹‹تاما-تاما كۆل تولار ›› دىگەن ھىكمەت بار، ناۋادا خاتالىشىپ قالسىڭىزمۇ تۇزۇتىشكە پۇرسەت بار
4.كەلگۇسى تەرەققىياتى يۇقىرى ،ئىستىقبالى ياخشى تۈرلەرنى تاللاش كىرەك
تىجارەت تۇرىنى تالاشتا مودا قوغلاشماسلىق ھىچقانداق باھا بەرمىگەن كۆپ پۇل تىپىپ كەتكەن كەسىپلەرنى تاللىماسلىق كىرەك بىلىشىڭىز كىرەككى بۇ كەسىپلەرنىڭ بازىرى چوڭ مەبلەغ سالغۇچىلار  بىلەن توشۇپ كەتكەن بولۇپ كىچىككىنە ئورۇن بولسىمۇ پايدىسى بۇرۇنقىدەك كۆپ بولمايدۇ
5.ئەتىراپلىق كۇزۇتىش ۋە ئىلمىي تەھلىل قىلىپ تاللاش كىرەك
ئىگەللىگەن ئۇچۇرلارنى كۆپ تەھلىل قىلىپ كۈزەتمىگەن ۋە كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى بىلمەي تۇرۇپ ھەرگىز مەبلەغ سىلىشكا بولمايدۇ چوڭقۇر كۈزۈتىش كىرەك، بىرىنجىدىن: يەنى، يوللانغان ئۇچۇرلارنىڭ ئەمىلىيەتچانلىقى ۋە ئىشەنچىلىكىگە قاراش كىرەك.ئەڭ ياخشىسى سودا سانائەت ئورۇنلىرىغا بىرىپ شىركەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگەللەش كىرەك ئىككىنجىدىن:مۇشۇ تۇرنىڭ پىشىپ يىتىلگەنلىكىگە، ئۇسكىنىلىرىنىڭ تولوق ياكى ئەمەسلىكىگە مۇلازىمەت ئەھۋالىغا، تىز سۇرئەتتە بازارغا يۇزلۇنەلەمدۇ؟ دىگەن تەرەپلەرگە قاراش كىرەك. ئۈچىجىدىن: بۇ تۈرنىڭ ئەمىلىيلىشى بازارنى قانچىلىق دەرىجىدە ئىگەللىدى تىجارەت ئەھۋالى قانداق دىگەنلەرگە قاراش كىرەك
6.‹‹ئۈچنى چوقۇم››قىلماسلىق كىرەك
(1). مۇشۇ تۈر ئەمىلىيلەشتۇرگەن جەرياندا ھەرگىزمۇ ئاۋال پۇل تاپشۇرۇپ كىيىن ئىش بىجىرمەسلىك كىرەك. ھەرگىزمۇ جاپا تارتىپ تاپقان پۇلىڭىزنى بىر قۇرۇق توختام كىلىشمگە تايىنىپلا پۇلىڭىزنى قارشى تەرەپكە بەرمەسلىكىڭىز لازىم
(2) ئاسانلا قارشى تەرەپنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ كەتمەڭ. توختاملىشىپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىڭىزگە بىر نۇسخا ئىلىپ قىلىڭ شۇ ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ قەستەن كىلشىمنى بۇزۇپ سىزگە ئىلىپ كىلىدىغان زىيىنىدىن ساقلىنىشڭىز كىرەك.
(3).بىراقلا بەك كۆپ پۇل تىپىشنى ئارزۇلاپ كەتمەڭ. ئاسان پۇل تىپىشقا بولىدىغان تۈرلەرنى تاللىماڭ بۇنداق تۈرلەرنىڭ خەتىرى يۇقىرى بولۇپ زىييىنىمۇ بەك يۇقىرى.

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟