توردا ئىگىلىك تىكلەڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت | تور سودىسى | ئاساسىي مەزمۇن
تور دۇكىنى ئېچىشنى خالامسىز؟
2013-يىلى12-ئاينىڭ16-كۈنى تور سودىسى ⁄ جەمئى 2611خەت بار 6پارچە ئىنكاس بار ⁄ 10,399 قېتىم كۆرۈلدى+

torkan

تور بانكىسى ۋە يان تېلېفون بانكىسى كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشىغا، تور دۇنياسىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگىچە سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، توردا مال سېتىۋېلىش تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ، ئەنئەنىۋى سودا سارايلىرى بىلەن تاللا بازارلىرىغا جەڭ ئېلان قىلدى. تور ماكان چەكلىمىسىنى بۇزۇپ، تور ئابۇنتچىلىرىغا ئۆزگىچە تور سودا سۇپىسىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق، سودا ئۇسۇلىنى تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى.

تور سودىسى يېڭى شەيئى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنئەنىۋى سودا ئورۇنلىرىدىن پەرقلىنىدۇ، شۇنىڭدەك ئەنئەنىۋى سودا ئىشلىرى بىلەن مەلۇم ئوخشاشلىققا ئىگە. تور سودىسى تور ئالاقە ئىشلىرى بىلەن ماگىزىن تىجارىتىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى بولغانلىقى ئۈچۈن، تور سودىسىغا تۇتۇش قىلغانلار تور تېخنىكا ئىشلىرىغا ماھىر بولۇپلا قالماستىن، بەلگۈلۈك سودا تەجرىبىسىگىمۇ ئىگە بولۇشى كېرەك.
تور سودىسى قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ تەجرىبىلىرىگە ئاساسلانغاندا، تور سودا تىجارىتى تۆۋەندىكىدەك قەدەم – باسقۇچلار بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك :

1. مۇكەممەل پىلان بولۇشى كېرەك . تور سودىسىدىمۇ ئەنئەنىۋى سودىغا ئوخشاش بازار ئىزدەپ، تاۋارلىرىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەندىلا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

2. مۇۋاپىق تور بېكەتلىرىنى تاللاش كېرەك . تورنى زىيارەت قىلىدىغان ئابۇنتچى سانىنىڭ ئاز – كۆپ بولۇشى ھەم تورنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنىڭ قانداق بولۇشى تور سودىسىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

3. تور سودا دۇكىنىنىڭ نامى مۇۋاپىق بولۇشى، تور سودا دۇكىنى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالايدىغان بولۇشى، دۇكان ئېچىلغاندىن باشلاپلا، كىشىلەرگە تور سودىسىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرالىشى كېرەك.

4. توردا سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ نامى، ئىشلەپچىقارغان جايى، تۇرۇشلۇق ئورنى، خاراكتېرى، تاشقى كۆرۈنۈشى، سانى، سودىلىشىش ئۇسۇلى ۋە سودىلىشىش چەكلىمىسى قاتارلىقلارنى تورغا تىزىملاش ھەم ئابۇنتچىلارغا ئوچۇق كۆرسىتىشى كېرەك.

5. ئۇچۇرلارغا ۋاقىتدا جاۋاب بېرىش ھەم سۇپىدا ئىستېمالچىلار بىلەن بىمالال پىكىر ئالماشتۇرىدىغان كۆزنەك تەسىس قىلىپ، مۇئامىلىدارلار بىلەن بولغان ئۇقۇشماسلىقلارنى دەرھال تورغا چىقىرىش، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا، مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇئامىلىدارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.

6. سودىلاشقان ئىككى تەرەپ ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، پۇل پېرېۋوت قىلىش، ھەم مالنى ئەۋەتىش قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، كىشىلەرنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
توردا سېتىلغان تاۋارلار ئاساسەن پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، چوقۇم پوچتا ياكى تۈرلۈك تىرانسپورت ئارقىلىق ئەۋەتىلىشتىكى ھەر خىل شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. بەزى تاۋارلارنىڭ باھاسى ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق تاۋارلار تور سودىسىغا قاتناشتۇرۇشقا ماس كەلمەيدۇ.

تور سودىسى ئەنئەنىۋى سودا ئۇسۇلىغا قارىغاندا ئۆزگە خاس ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولغاندىن باشقا، ئۇ يەنە ئۆزگە خاس ئاجىزلىقلارغىمۇ ئىگە. تور سودىسى ئالدىن پۇل چىقىم قىلىپ كېيىن مال تاپشۇرۇۋېلىشنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىر قىسىم تور ئالدامچىلىرى تور سودىسىغا تۇتۇش قىلغانلارغا قىلتاق قۇرۇپ، ئۇلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتە زىيانغا ئۇچراتماقتا. شۇڭا تور سودا سۇپىلىرىنى قۇرغانلار ياكى توردا مال سېتىۋالماقچى بولغانلار ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

 

نۆۋەتتە 6 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە : زىيارەتچى قالدۇرغىنى : 5 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى : 1 پارچە

  1. تېخنىك China Internet Explorer Windows : 2014-يىلى01-ئاينىڭ18-كۈنى05:34:56  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ھەقىقەتەن ياخشى پايدىلنىش ماتىريالىكەن بۇ…

  2. ئابلىز China Google Chrome Windows : 2014-يىلى02-ئاينىڭ26-كۈنى10:02:01  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مەن توردا دۇكان ئىچىشقا بەك قىزىقىمەن

  3. ئەسلىمە 888 China Internet Explorer Windows : 2014-يىلى03-ئاينىڭ01-كۈنى05:03:33  -47-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مەن تېخى تور بەت ئالمىغان لېكىن تور دۇكىنى قۇرۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن ھەم ئويلاۋاتىمەن . مۇمكىن بولسا ماڭا تور دۇكىنىنى ئېچىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك ھەم نېمىلەر كىرەك شۇنى ئېيتىپ بەرگەن بولساڭلار؟!مەسلىھەت بەرسەڭلار؟! ماڭا ياردەم قىلىپ تور دۇكىنى ئېچىشىمغا ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن ؟!

    • مۇئەللىم China QQ Browser  Android 4.2.2 H1 Build/JDQ39 : 2014-يىلى09-ئاينىڭ12-كۈنى04:35:51  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      تاۋباۋدىن تور دۇكىنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ

    • تورسودا China Google Chrome Windows : 2014-يىلى10-ئاينىڭ28-كۈنى17:59:10  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      تور بىكىتىمىزدە توردا دۇكان ئىچىشنىڭ نۆلدىن باشلانغان دەرىسلىك يازمىلىرى بار، سىز ئاۋال بىرمۇ بىر تەپسىلى كۆرۈپ چىقىڭ

  4. ئەلى China Google Chrome Windows : 2014-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى03:18:25  -46-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مال بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇقىم يەر بولسا ، توردا دۇكان ئاچسا ياخشى بولىدۇ

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟