توردا دۇكان ئىچىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بىلىدۇ، تاۋباۋ تورى تاۋباۋدا دۇكان ئاچقان دۇكاندارلاردىن 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىستىمالچىلار كاپالەت پۇلى ئىلىشنى يولغا قويغان بولۇپ، دۇكاندارلار 1000 يۈەن كاپالەت پۇلى تاپشۇرىدۇ. بۇ پۇلنى قايتۇرۋالغىلى بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ، سىز كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن خالىغان ۋاقتىڭىزدا پۇلنى ئۆز ھىساباتىڭىزغا يۆتكىۋالسىڭىز بولىدۇ. تۆۋەندە مەن ئەڭ ئاددى ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.
ئالدى بىلەن 卖家中心 ، دۇكاندارلار مەركىزى گە كىرىمىز، سول تەرەپ تىزىملىكنىڭ ئاستىغىراق قارىساق 客户服务 دىگەن تىزىملىكنىڭ ئىچىدىن 消费者保障服务 نى بىسىپ كىرىمىز، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :
消费者保障服务 نى باسقاندىن كىيىن تۆۋەندىكى بەت ئىچىلىدۇ
申请解冻保证金 كاپالەت سوممىسىنى قايتۇرىۋىلىش ئىلتىماسى دىگەننى باسىمىز، باسقاندىن كىيىن تۆۋەندىكى ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقىدۇ :
ئەسكەرتىش مەزمۇنى : كاپالەت پۇلىنى قايتۇرغاندىن كىيىن، دۇكىنىڭىزنىڭ كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇپ بولغانلىق بەلگىسى يوقايدۇ، قايتۇرۇشنى جەزىملەشتۈرەمسىز؟ ئەگەر قايتۇرماقچى بولسىڭىز مۇقۇملاشنى باسسىڭىز ئىش تامام ۋەسسالام .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟ ئەگەر زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۋالسا ، تاۋباۋدىكى دۇكاننى داۋاملىق ئىچىشقا بولامدۇ ؟ زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۋىلىشنىڭ زىيانلىق تەرىپى بارمۇ ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۋالسا يەنە دۇكاننى ئىچىشقا بولىدۇ، لىكىن مەۋھۇم بويۇملارنى چىقىرىشقا بولمايدۇ، كاپالەت پۇلىنى قايتۇرۋالغاننىڭ دۇكان سودىسىغا كۆپ تەسىرى بولىدۇ، ئادەتتە كاپالەت پۇلى تاپشۇرمىغان دۇكاندىن ھىچكىم مال سىتىۋالمايدۇ، كاپالەت پۇلى تاپشۇرمىغان دۇكاندىن مال ئىلىپ قويۇلۇپ كەتسىڭىز زىيان تارتىش نىسبىتىڭىز كۆپ بولىدۇ، تاۋباۋنىڭ تەۋسىيەسىمۇ شۇ، كاپالەت پۇلى تاپشۇرمىغان دۇكانلار بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغاندا ئىھتىيات قىلىڭ
رەھمەت بۇرادەر ، ئەمما بۇ ئىنكاس سىزنىڭ بىلوگىڭىزغا ئىنكاس يازغىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى سىناش ئۈچۈندۇر …..
دوغاپ بىلوگىدا ئىنكاس يازغىلى بولمايدۇ ، دەپتىكەنسىز ، ئەمما يازغىلى بولىدىكەن …..يالغانچى …..
چوپ چوڭ بوپ قالغاندا، چاچ-ساقالغا ئاق كىرگەندىمۇ يالغان سۆزلەپمۇ ئىشمۇ؟ بىلوگىمدىكى بەزى يازمىلارغا ئىنكاس يازغىلى بولىدۇ بەزىلىرىگە يازغىلى بولماس بوپ قالدى، بەزى يازمىلاردا ئىنكاس يىزىش رايۇنى چىقمايۋاتىدۇ
ھە راس بۇرادەر تاۋبادىن بىر نەرسە سىتىۋالماقچى بولساق ۋاكالىتەن ئەكەلدۇرۇپ بىرەمسىلەر مۇشۇنداق مۇلازىمىتىڭلار بارمۇ
ئۆزىڭىزلا ئەكەلدۈرمەسىز؟