نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەتتورسودىسى>ئاساسىي مەزمۇن
تور سودىسى بىخەتەرلىكى سۇئال-جاۋابلار
2012-يىلى11-ئاينىڭ22-كۈنى تورسودىسى ⁄ جەمئى 11641خەت بار 6پارچە ئىنكاس بار
بەشىنجى ئەۋلاد قىممەت تولۇقلاش سىستىمىسى

تور سودىسى قىلىش جەريانىدا بىزنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىمىز ، ھىساباتىمىزنىڭ دەخلىگە ئۇچۇرىشى . ھىساباتقا كېلىدىغان خەتەر ئاساسلىقىق ياغاچ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . ئۇنداقتا بىز ماقالىمىزنى "ياغاچ ئات"غا بولغان چۈشەنچىدىن باشلايمىز .*

يا غاچ ئات دېگەن نىمە ؟ ئۇنىڭ قانداق زىيىنى بار ؟
ياغاچ ئات ئادەتتە كومپيۇتېرغا سەزدۈرمىگەن ئەھۋالدا قاچىلىنىدۇ ياكى بىر قىسىم ئىجرائى پروگراممىلار بىلەن بېرىكۋالىدۇ . ياغاچ ئات پروگراممىسى ئادەتتە كومپيۇتېرغا زىيار يەتكۈزمەيدۇ ، ئىشلەتكۈچىنىڭ كومپيۇتېرىدا ساقلانغان ئۇچۇرلارنى ئوغۇرلايدۇ . مەسلەن ، تور بانكىسى ھىساباتى ۋە پارولى ، ئېلخەت پارولى ۋەئىشلەتكۈچىنىڭ كومپيۇتېردىكى پائالىيەت ئۇسلۇبى قاتارلىقلار ......
ئىشلەتكۈچىنىڭ بايلىق مەنبەسىدىن پايىدىلىنىپ بۇ ئۇچۇرلارنى يىراقتىكى باشقا بىر مۇلازىمىتىرغا يوللاپ بېرىدۇ ، شۇ ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنىڭ ھوقوقىغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ . بەزى ياغاچ ئات پروگراممىلىرى سېستىمىدىن ئارقا ئىشىك ئاچىدۇ . خاككىرلار ئىشكەتكۈچى سەزمىگەن ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىنىڭ كومپيۇتېرىغا مۇشۇ ئارقا ئىشىكتىن كىرىپ ، ئىشلەتكۈچىنىڭ مەشخۇلاتىنى كۈزىتىدۇ ۋە كومپيۇتېرنى كونترول قىلىدۇ . نۆۋەتتىكى بىر قىسىم ياغاچ ئات پروگراممىلىرى ئىشلەتكۈچىنىڭ كومپيۇتېرىدا بىر ۋاكالەتچى مۇلازىمىتىر قۇرىدۇ ، خاككىرلار مۇشۇ مۇلازىمىتىردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ يەنە باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىغا زىيانكەشلىك قىلىپ ئۆزىنىڭ سالاھىيتىنى يوشۇرىدۇ .
بانكا ھىسابات نۇمۇرى ، تور سودىسى پارولى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كومپيۇتېردا ساقلاش بىخەتەرمۇ ؟
كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلىتىشكە قولاي بولىشى ۋە ئۇنتۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، ئۆزىنىڭ بانكا ھىسابات نۇمۇرى ، تور سودا ھىساباتى ۋە پارولى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئادەتتىكى ئۇسۇلدىلا كومپيۇتېردا ساقلاپ قويىدۇ . بۇنداق قىلىش سال خەتەرلىك . كۆپ قىسىم ياغاچ ئات پروگراممىلىرى كومپيۇتېردا ساقلانغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشى ئىقتىدارىغا ئېگە ، ئەگەر كومپيۇتېر ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلا بولسا بۇ ئۇچۇرلار خەقنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشى تامامەن مۇمكىن . شۇ سەۋەپتىن بۇنداق مۇھىم ئۇچۇرلارنى كومپيۇتېردا ساقلاپ قويماسلىق كېرەك . ئەگەر ساقلاپ قويۇش توغرا كەلسە ئۆزىمىزلا بىلىدىغان ئۇسۇللار بىلەن ئۇچۇرلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئاندىن ساقلىشىمىز كېرەك .

تور سودىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرىمىز ؟
تور سودىسىنىڭ بىخەتەرلىكى توردا سودا قىلىدىغانلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى . نۆۋەتتە تور سودىسى بىخەتەرلىكى ئۇچراۋاتقان ئاساسلىق خەۋىپلەر : ئىشلەتكۈچى ھىسابات نۇمۇرى ، پارولى قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ئوغۇرلىنىشى ، ئىشلەتكۈچى سالاھىيىتىنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلىشى ، سودىلاشقان تەرەپنىڭ ئالدامچىلىقى قاتارلىقلار . بۇ خەۋىپلەرگە قارتا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىش بىر قەدەر مۇۋاپىق .
(1) شىەخسى كومپيۇتېرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، خاككىرلارنىڭ ياغاچ ئات ئارقىلىق ھىسابات نۇمۇرى ۋە پارولىنى ئوغۇرلاپ كېتىشتىن ساقلىنىش .
2) ئىمكانقەدەر سىفىرلىق ئىسپات ( 数 字 证 件 ) ، يانفون ھەركەتچان پارولى قاتارلىق سالاھىيەت جەزىملەشتۈرۈش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش .
(3) ئىمكانقەدەر تورخانا قاتارلىق سورۇنلاردىكى ئاممىۋى كومپيۇتېرلارنى ئىشلىتىپ تور سودىسى قىلماسلىق .
(4) يەڭگىللىك قىلىپ ھىسابات نۇمۇرى ، پارول قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارلاپ قويماسلىق .
(5) تۇغۇلغان كۈن ، تېلفۇن نۇمۇرى ، كىملىك نۇمۇرى قاتارلىق تارتىپلىك سانلاردىن تۈزۈلگەن نۇمۇرلارنى پارول قىلىپ ئىشلەتمەسلىك (ئادەتتە تۈپ سان ۋە ھەرىپلەردىن تۈزۈلگەن پارول ئەڭ بىخەتەر دەپ قارىلىدۇ ) ۋە پات - پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش .
(6) سودا قىلىشتىن بۇرۇن قارشى تەرپنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىنى جەزىملەشتۈرۈش .
(7) سەزگۈرلۈكنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ < تور قارماقلىرى> غا ئىلىنىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش .

تور سودىسى قىلغاندا قارشى تەرەپ ئىناۋاتلىك كارتا نۇمۇرىنى سورىسا قانداق قىلىش كېرەك ؟
قارشى تەرەپنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈشۈشتىن بۇرۇن ھەرگىز ئېيتىپ بەرمەسلىك كېرەك . بولمىسا ئىناۋاتلىك كارتىنىڭ ئوغۇرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .
ئىناۋەتلىك كارتىنى ئوغۇرلاپ ئىشلىتىش ئاساسلىقى ، بىۋاستە كارتا سۈرۈپ سودا قىلمايدىغان ئەھۋالدىكى پوچتىدىن سېتىۋېلىش ، تېلفۇن ئارقىلىق سېتىۋېلىش ۋە تور سودىسى قىلىش جاريەنىدا كارتا ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىسمى ۋە ھىسابات نۇمۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئارقىلىق سودىنى تاماملىۋېلىشى مۇمكىن . شۇ ئارقىلىق كارتا ئېگىسىنى زىيانغا ئۇچىرتىدۇ ، شۇڭا ھىسابات نۇمۇرىنى ئاسانلىقچە ئاشكارلىماسلىق كېرەك . نۆۋەتتە تور سودىسىغا نىسبەتەن ھەرقايسى بانكىلار ئوخشاش بولمىغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللانغان بولسىمۇ لىكىن ، مۇتلەق بىخەتەر دېگىلى بولمايدۇ ، شۇڭا كۆپ تەرەپلەردە يەنىلا ئۆزىمىز سەزگۈر بولىشىمىز كېرەك .

تور سودىسى قىلغاندا كۆپىنچە يۇمشاق كونۇپكا تاختىسى (كونۇپكا تاختىسى ئېكراندا كۆرۈلىدۇ ، مائۇس ئارقىلىق ئۇچۇر كىرگۈزىلىدۇ) ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ ، ئۇنىڭ قانداق رولى بار ؟
كۆپ قىسىم ياغاچ ئات پروگراممىلىرى كونۇپكا تاختىسىنىڭ بېسىلىش ھادىسىسىنى خاتىرلىيەلەيدۇ ، خاككىرلار مۇشۇ پروگراممىلاردىن پايدىلىنىپ كونۇپكا تاختىسىنىڭ بېسىلىش ھادىىسىگە ئاساسەن باشقىلارنىڭ كىرگۈزگەن پارولىغا ئېرىشىدۇ . مۇشۇ ئۇسۇلدىكى پارول ئوغۇرلاشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆپلىگەن توردا سودا قىلىش تور بېكەتلىرى يۇمشاق كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق پارول كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ئىشلەتكەن .
ئەمەلىيەتتە يۇمشاق كونۇپكا تاختىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق پارولنىڭ ئوغۇرلىنىشىدىن تولۇق ساقلانغىلى بولمايدۇ ، بىر قىسىم ياغاچ ئات پروگراممىلىرى ئېكراننى تىز سۈرەتكە تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەشخۇلات قىلغان بەت يۈزىنى سۈرەت ھالەتتە ساقلىۋېلىپ ، بېكىتىلگەن ئېلخەت ئادىرېسىغا يوللاپ بېرىدۇ . خاككىرلار سۈرەتتتىكى مائۇسنىڭ چىكىلگەن ئورنىغا ئاساسەن كىرگۈزگەن پارولغا ئېرىشۋېلىشىمۇ مۇمكىن . شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپىنچە توردا پۇل - مۇئامىلە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلار كومپيۇرتېرىنى ياغاچ ئات ھۇجۇمىدىن ساقلىشى زۆرۆر .

تور بانكىسى ئىشلەتكۈچىلەرگە ئادەتتە ئىككى خىل سىفىرلىق ئىسپات ( 数 字 证 书 ) تەمىنلەيدۇ ، ئۇلارنىڭ قانداق رولى بار ؟
نۆۋەتتە كۆپ قىسىم تور بانكىلىرى ئىككى خىل سىفىرلىق ئىسپات تەمىنلىگەن يەنى ھۆججەت ھالىتى ۋە يۆتكەلمە ھالەت .
ھۆججەت ھالىتىدىكى سىفىرلىق ئىسپات كومپيۇتېرىدا( 本 地 计 算 机 ) ساقلىنىدۇ ، قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاش ھاجەتسىز ، ھۆججەت ھالىتىدىكى سىفىرلىق ئىسپات چۈشۈرۈلگەن ۋاقىتتا ، ئىشلەتكۈچىدىن پارول بېكىتىدىغان ياكى بېكىتمەيدىغانلىقىنى سورايدۇ ، ئەگەر بېكىتىلسە ، بۇ ئىسپاتنى باشقا كومپيۇتېرلاردىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ . ئەگەر بېكىتىلمىسە ، پەقەت مەزكۈر كومپيۇتېردىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ . باشقا كومپيۇتېرلاردا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
يۆتكىلىشچان سىفىرلىق ئىسپات USB Key  دەپمۇ ئاتىلىدۇ . USB ئېغىزلىق بىر خىل قاتتىق دېتال . ئىچكى قىسمىدا ئىشلەتكۈچىنىڭ پارولى ۋە ئىسپاتى ساقلىنىدۇ ، ئادەتتە ئىشلەتكۈچىدىن قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ . USB Key دىكى شەخسى پارولنى كومپيۇتېردا ساقلىۋالغىلى بولمايدۇ ، يەنە تېخى PIN نۇمۇرى ئارقىلىق قوش جەزىملەشنى ( 双 重 校  ) تەلەپ قىلىدۇ .
بۇ ئىككى خىل ئىسپاتنىڭ ئاساسلىق پەرىقى تۆۋەندىكىچە :
USB Key نى ئوخشاش بولمىغان كومپيۇتېردا ئىشلىتىشكە بولىدۇ ، پەقەت ئىشلەتكۈچى تەرەپتە قوزغىتىش پروگراممىسى قاچىلانسا بولىدۇ (بەزى USB Key ھەتتا قوزغاتقۇچ تەلەپ قىلمايدۇ) ھۆججەت ھالەتتىكى ئىسپات بولسا پارول بەلگىلەنگەندىن كىيىن ئاندىن باشقا كومپيۇتېرلاردىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ . ئىشلىتىشتىن ئاۋال ئىسپاتنى ئىشلەتمەكچى بولغان كومپيۇتېرغا چوقۇم كىرگۈزۈش كېرەك .
نىڭ قاتتىق دېتالى ۋە PIN نۇمۇرى ئىسپاتنى ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئىككى مۇھىم ئامىلىنى تەشكىل قىلغان . ناۋادا PIN نۇمۇرى ئوغۇرلانسىمۇ ، USB Key ئوغۇرلانمىسىلا يەنە بىخەتەر بولىدۇ . ناۋادا USB Key يۈتۈپ كېتىپ ، PIN نۇمۇرى بولمىسا سىفىىرلىق ئىسپاتنى يەنىلا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ . لىكىن ھۆججەت ھالەتتىكى ئىسپات ئىشلەتكەندە ، ناۋادا پارول بەلگىلەش ئۇسۇلى قوللانغان بولسا ، خاككىرلار ئاساسى كومپيۇتېرنى كونترول قىلىۋالسىلا ئىسپاتنى ئۆزىنىڭ كومپيۇتېرىغا يۆتكەپ ئىشلىتەلەيدۇ .

يانفون ھەركەتچان پارولى تور بانكىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قانداق قوغدايدۇ ؟
سىفىرلىق ئىسپاتتىن سىرت كۆپ قىسىم بانكىلار يانفون ھەركەتچان پارولى ئارقىلىق تور بانكىسىنى ئىشلىتىپ سودا قىلىدىغانلارنىڭ سالاھىيىتىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانماقتا .
يانفون ھەركەتچان پارولى ئىشلىتىشنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى بولسا : ھەر قېتىم تور بانكىسى مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەندە مەسلەن ، تىزىملاتقاندا ، پۇل تۆلىگەندە ، ھىسابات يۆتكىگەندە بانكا ئاپتوماتىك ھالدا خالىغان يوسۇندا بىرلا قېتىم ئىشلىتىلىدىغان پارول شەكىللەندۈرۈپ ئۇنى ئىشلەتكۈچىنىڭ تىزىملاتقان تېلفۇن نۇمۇرىغا ئۇچۇر شەكىلدە يوللاپ بېرىدۇ ۋە ئىشلەتكۈچى مۇشۇ پارول بىلەن كىرگەندە ئاندىن تور بانكىسىنىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلىتەلەيدۇ . ھەر قېتىم مۇلازىمەت بىجىرگەندە ئىشلىتىلىدىغان پارول ئوخشاش بولمايدۇ .
انفون ھەركەتچان پارولى ۋاقىت چەكلىمىلىكىگە ئېگە يەنى ، مۇئەييەن ۋاقىت چەكلىمىسى دائىرسىدە ئۈنۈملۈك (مەسلەن 1 مىنۇت) . ئەگەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە پارول كىرگۈزۈلمىسە . بۇ پارول ئىناۋەتسىز بولىدۇ . ئىشلەتكۈچى باشقىدىن پارول ئىلتىماس قىلىشى كېرەك . ھەر قېتىم ئىشلىتىدىغان پارول ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ، خاككىرلار پارولغا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ ، بۇ پارول ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچىرتالمايدۇ .

توردا قارماق تاشلاپ بېلىق تۇتۇش دېگەن نېمە ؟
قارماق تاشلاپ بېلىق تۇتۇش ئۇسۇلى يەنە قارماق تاشلاش ئۇسۇلى ياكى قارماق تاشلاس ھالىتىدىكى ھۇجۇم دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بانكا ياكى نۇپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ نامىدا ئېلخەت يوللاپ مەلۇم مەشخۇلاتنى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ . مەسلەن ، شۇ ئورگان تور بېكىتىگە ئاساسى جەھەتتىن ئوخشايدىغان بىر بەتكە باشلاپ كىرىپ تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ . شۇ ئارقىلىق ھىسابات نۇمۇرى ۋە پارولغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنىدۇ . بۇ خىل ئۇسۇلنى كۆپىنچە ھالدا ئىشلەتكۈچىلەر سېزەلمەي قالىدۇ .

تور سودىسى جەريانىدا "قارماق تاشلاش" ئۇسۇللىرىدىن قايسىلىرى بار ؟
نۆۋەتتە تور سودىسى بارغانسېرى راۋاجلىنىۋاتىدۇ ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ قارماق تاشلاش ئۇسۇللىرىمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ . ئومومەن تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ .
(1) تەقلىدى پۇل تۆلەش بەتلىرى ۋە باشقا بەتلەر ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنى باشلاپ كىرىپ ھىسابات نۇمۇرى ۋە پارولىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ . شۇڭلاشقا تور سودىسى قىلىۋاتقاندا ئۆزى مەشخۇلات قىلىۋاتقان بەتنىڭ راست - يالغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش كېرەك .
(2) ئېلخەت قاتارلىق ئالاقە قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەتكۈچى ھىساباتى ۋە پارولىنى ئاشكارلاتقۇزۇش . دېققەت : ھەقىقى بېكەت ياكى ئورگانلار ھەر قانداق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىدىن پارول ۋە ھىسابات نۇمۇرىنى تەلەپ قىلمايدۇ .
(3) ئالاھىدە ئەرزان باھا ۋە قوشۇپ بېرىش باھانىسى بىلەن مەلۇم تور بېكەتنى زىيارەت قىلىشقا قىزىقتۇرۇش . شۇ بەتكە ياغاچ ئات پروگراممسى ئورنىتىپ ، ئىشلەتكۈچىنىڭ مۇھىم ئۇچۇرلىرىنى ئوغۇرلاش . شۇڭا ئالاھىدە ئەرزان باھا قاتارلىق كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان ئۇچۇرلارغا قارتا سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇش كېرەك . ئېسىڭىزدە بولسۇن "دۇنيادا ھەقسىز غىزا يوق ! "
(4) كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلار قولايلىق بولىسىنى كۆزلەپ ، ھەر قايسى بېكەتلەردە تىزىملاتقاندا ئادەتتە ئىشلىتىدىغان پارولنى ئىشلىتىدۇ . "قارماق تاشلىغۇچىلار" ھەقسىز تىزىملاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىشلەتكۈچى تىزىملاتقان نام ياكى پارولغا ئېرىشىشى مۇمكىن ، شۇڭا بېكەتلەرگە تىزىملاتقان ۋاقىتتا ھەممە بېكەتلەردە پارول ۋە نامنى ئىمكانقەدەر ئوخشاش ئىشلەتمەسلىك كېرەك .
(5) يالغاندىن ساتقۇچى ياكى سېتىۋالغۇچى بولىۋېلىش . ئالاقە قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ سۈرەت قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يوللىشى مۇمكىن ، شۇ ئارقىلىق ياغاچ ئات پروگراممىلىرىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ ئۇچۇرلارنى ئوغۇرلايدۇ . شۇڭا ناتونۇشلار يوللىغان ئۇچۇرلارغا قارتا ئالاھىدە سەزگۈر بولۇش ، ھۆججەتنىڭ كىڭەيتىلگەن نامىغا دېققەت قىلىش ۋە ۋىرۇسخور ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قىلتاققا چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .
نىمە ئۈچۈن بەزىدە تور كۆرگۈچكە ئادرېسنى توغرا كىرگۈزسەكمۇ ، <>لىق بېكەتلەرگە ئۇلىنىپ كېتىدۇ ؟
قارماققا ئېلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، زىيارەت قىلىماقچى بولغان بېكەت ئادىرېسىنى تور كۆرگۈچكە بىۋاستە كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ . لىكىن بەزىدە توغرا كىرگۈزسەكمۇ يەنىلا <> لىق بېكەتلەرگە ئۇلىنىش كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ . بۇ ئادىرېس بەلگىلەش ( 地 址 解 析 ) تىن كېلىپ چىققان مەسىلە . بەلكىم تۆۋەندىكىدەك ئىككى سەۋەپتىن كېلىپ چىققان بولىشى مۇمكىن .
(1) ئىشلەتكۈچىنىڭ كومپيۇتېرىنىڭ Hosts ھۆججىتىگە بىر قۇر پروگرامما جۈمىلىسى قىستۇرۋېتىپ، مۇشۇ بېكەتنىڭ IP ئادىرېسىنى بىر قارماقلىق بېكەتنىڭ IPئادىرېسى قىلىپ بەلگىلەپ قويغان بولىشى مۇمكىن . ئادىرېسى بەلگىلىگەن ( 地 址 解 析 ) ۋاقىتتا ، Hosts ھۆججىتىنىڭ ئىلغارلىق دەرىجىسى ( 优 先 级 ) ئەڭ يۇقىرى بولغانلىقتىن ، ئىشلەتكۈچى بۇ بېكەتنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا <>لىق بېكەتكە ئۇزىتىپ بېرىدۇ .
ئادەتتە ئىشلەتكۈچىلەر Hosts ھۆججىتىگە ئانچە دېققەت قىلمايدۇ ، شۇڭا بۇ خىل ئۇسۇلنى بايقاش قېيىن .
(2) قارماق تاشلىغۇچىلار DNS مۇلازىمىتىرىغا ھۇجۇم قىلىپ مۇشۇ بېكەتكە ماس IP ئادىرېسىنى <>لىق بېكەتنىڭ IP سىغا ئۆزگەرتىپ قويىشى مۇمكىن ، شۇڭا بۇ بېكەتنى زىيارەت قىلغاندا DNS قايتۇرغان ئادىرېسقا ئاساسەن ، تەبئىيلا <>لىق بېكەتكە ئۇلىنىپ كېتىدۇ .
بىراق بۇخىل ئەھېال ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ . كەسپى بولغان DNS مۇلازىمىتىرلىرىنىڭ مۇداپىئە تەدبىرلىرى ناھايتى مۇستەھكەم بولىدۇ . ھۇجۇم قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش قېيىن . مۇۋاپىقىيەت قازانغان تەقدىردىمۇ ، تەسىز دائىرسى كەڭ بولغاچقا ( يەنى شۇ بېكەتنى زىيارەت قىلغۇچى بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تور كۆرگۈچى بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا) ئاسانلا بايقىلىپ قالىدۇ .

تور بانكىسىدا مەشخۇلات قىلغاندا نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك ؟
تور بانكىسىدا مەشخۇلات قىلغاندا تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئادەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك .
(1) تورخانا ۋە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېرلاردا تور سودىسى قىلماسلىق .
(2) ئادىرېسنى تور كۆرگۈچكە بىۋاستە كىرگۈزۈش ، ھەقىقى ئادىرېسنى ساقلاپ ( 收 藏 ) قويۇپ ، كىيىن زىيارەت قىلىشنى قولايلىقلاشتۇرۇش .
(3) تور بانكىسىغا كىرگەندىن كىيىىن HTTPS نىڭ ئۇلانغان ياكى ئۇلانمىغانلىقىنى ، تور كۆرگۈچنىڭ ئوڭ ئاستى تەرىپىدە ئالتۇن رەڭلىك كىچىك قۇلۇپنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ، ئاشۇ قۇلۇپنى ئوڭ چېكىپ ئىسپاتنىڭ ئۈنۈملۈك ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش . ئەڭ ياخشىسى ئىسپاتتىكى ئادىرېسى بىلەن تور كۆرگۈچنڭ ئادىرېس كىرگۈزۈش ستونىدىكى ئادىرېسىنىڭ ماس يەكى ئەمەسلىكىنىمۇ تەكشبۈرۈش . ئەگەر مۇشۇلاردىن بىرى نامۇۋاپىق بولسا شۇئان تور بانكىسى مەشخۇلاتىنى توختىتىپ سەۋەبىنى ئېنىقلاش .
(4) تور بانكىسىدىن چىكىنگەندا بىخەتەر چىكىنىش ( 安 全 退 出 ) كونۇپكىسىنى بېسىپ چېكىنىش .
(5) تور بانكىسىنىڭ تىزىملىتىش پارولى بىلەن سودا قىلىش پارولىنى ئوخشاش قىلماسلىق ۋە تۇغۇلغان كۈن ، تېلفۇن نۇمۇرى ، كىملىك قاتارلىق تەرتىپلىك سانلاردىن تۈزۈلگەن پاروللارنى ئىشلەتمەسلىك . يەنە پات - پات پارولىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش .
(6) سودا خاتىرسىنى قەرەرلىك تەكشۈرۈپ تالون بىلەن سېلىشتۇرۇپ تۇرۇش .
(7) ھەر قانداق ۋاقىتتا ھىسابات نۇمۇرى ۋە پارولىنى ئۆزى ساقلاش ، ھەرگىزمۇ باشقىلارغا ئېيتىپ بەرمەسلىك كېرەك . ھەر قانداق ئېلخەت ، قىسقا ئۇچۇر . تېلفۇن قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھىسابات ۋە پارول سۈرۈشتە قىلىش ھەركەتلىرىگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەسلىك . ئەگەر ناتونۇشلارنىڭ پارولنى بايقاپ قالغانلىقىنى سەزگەن ھامان پارولنى ئۆزگەرتىش كېرەك .

نۆۋەتتە 6 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :4 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :2 پارچە

  1. بىلىمىم : 2012-يىلى11-ئاينىڭ23-كۈنى15:14:16  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ئشىكەن، رەھمەت

  2. elmizat : 2012-يىلى11-ئاينىڭ24-كۈنى03:09:03  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ خىلى كۆپ بىلىم ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم رەھمەت سىزگە….

  3. پارلاق : 2012-يىلى12-ئاينىڭ03-كۈنى11:21:46  -47-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئۆتكەندە ئالىپاي ھىساۋاتىمدىن بىرمۇنچە پۇل ئوغۇرلاندى،بۇنداق بىلوگنىڭ بارلىقىنى بالدۇراق بىلگەن بولسام،بىخەتەرلىك ئىڭىمنى ياخشى ئۆستۈرۋالاركەنمەن بۇ بىلوگنىڭ قۇرۇلغىنى ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ، رەھمەت

    • تورسودا : 2012-يىلى12-ئاينىڭ04-كۈنى04:18:13  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      بىلوگىمغا پات-پات كىرىپ تۇرغايسىز،سىزگىمۇ رەھمەت

  4. كىررورەن : 2012-يىلى12-ئاينىڭ04-كۈنى04:11:16  -46-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مۇمكىن بولسا ئالىپاي ھىساۋاتىمنى گۇۋاھلىقتىن‹‹实名认证››ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسىڭىز،مۇۋاپىق رازى قىلغان بولاتتىم :smile:

    • تورسودا : 2012-يىلى12-ئاينىڭ04-كۈنى04:22:24  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      ۋاي بۇرادەر،ئالىپاي ھىساۋاتىنى گۇۋاھلىقتىن‹‹实名认证›› دىن ئۆتكۈزۈش تەس ئىش ئەمەس، رازى قىلمىسىڭىزمۇ ياردەم قىلىپ توغۇرلاپ بەرسەم بولىدۇ،بىر رەھمەت بىلەنلا رازى بولىمەن :eek: چ چ ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟