نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەتتورسودىسى>ئاساسىي مەزمۇن
تور سودىسىنى تاللاشنىڭ ئاساسى
2012-يىلى09-ئاينىڭ10-كۈنى تورسودىسى ⁄ جەمئى 5445خەت بار 12پارچە ئىنكاس بار ⁄ 1,587 قېتىم كۆرۈلدى+
بەشىنجى ئەۋلاد قىممەت تولۇقلاش سىستىمىسى

(1) تور دۇكانلىرى يېڭىچە ئىستېمال شەكلىنى بارلىققا كەلتۈردى

يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان توردىن مال سېتىۋالىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. نوپۇزلۇق ستاتىستىكا تارماقلىرىنىڭ ستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا، مەملىكەت ئىچىدە ئېلېكترون سودىسىنىڭ سېتىش سوممىسى 2011- يىلى706 مىليارد يۈەن بولغان.

توردىن مال سېتىۋالىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار. بۇ ئەھۋال كەلگۈسىدىكى خېرىدار ئاساسى توپىنىڭ تور سودىسىغا مەركەزلىشىدىغانلىقى شاھىتتۇر. دۆلىتىمىزدە ھازىر ھەر كۈنى بىر مىليونغا يېقىن ئادەم « تاۋباۋ تورى »،« يىچۈ تورى» قاتارلىق تور بېكەتلىرىنىڭ سودا سۇپىسىدا سودا قىلىدىكەن .بىزنىڭ ئىگىلىشىمىزچە، ئۈرۈمچىدىكى خالىغان ئون مىللىي ئىستېمالچىنىڭ بىرسى تۇردىن مال ئېلىپ باققان، ئوننىڭ ئىچىدە يەتتىسى توردىن مال سېتىۋېلىشنى خالايدىكەن، بىراق ئۇيغۇرچە تور سودا دۇكانلىرى بولمىغاچقا، ئۇلار بۇ خىل تور سودا دۇكانلىرىنىڭ تېزرەك بارلىققا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

(2) سېلىنىدىغان مەبلەغ ۋە خېيىم – خەتىرى ئاز، پايدا كۆپ

تور دۇكىنى ئېچىشنىڭ ئەڭ روشەن پايدىسى سېلىنىدىغان مەبلەغ ۋە خېيىم – خەتىرى ئاز بولۇپ ، مەغلۇپ بولۇشتىن ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز . بىرىنچىدىن ، تور دۇكىنى ئېچىش ھەقسىز، دۇكان ئىجارىسى ئادەتتە كۈنىگە پەقەت نەچچە يۈەن . ئىككىنچىدىن ، ئىشچى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ھاجەتسىز، يالغۇز ئىشلەپمۇ يېتىشكىلى بولىدۇ، ئىش ھەققىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ . ئۈچىنچىدىن، مالنى ئىسكىلاتقا بېسىپ قويۇش ھاجەتسىز ، سودىدا پۈتۈشۈپ بولغاندىن كېيىن مال كىرگۈزسىمۇ بولىدۇ. تۆتىنچىدىن ، دۇكان بېزەيمەن دەپ پۇل خەجلەش ھاجەتسىز ، كومپيۇتېر ئىچىدىكى دۇكاننى ياخشى بېزەپ قويسىلا بولىدۇ. بەشىنچىدىن، نۆۋەتتە، سودا سانائەت تارماقلىرىغا باشقۇرۇش ھەققى تاپشۇرۇش، تىجارەت كىنىشكىسى قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ھاجەتسىز. ئالتىنچىدىن ، تىجارەت ۋاقتى ئېشىپ كەتتى دەپ چىقىمنى كۆپەيتىش ھاجەتسىز.

ئەنئەنىۋى دۇكانلارنى ئېچىشتا نۇرغۇن قوشۇمچە راسخوتلار چىقىم قىلىنغاچقا ، سودىگەر بۇ چىقىملارنى سېتىلىدىغان ماللارنىڭ باھاسىغا چېچىپ پايدا ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ . شۇڭا، سېتىلىدىغان ماللارنىڭ باھاسى شۇ مالنىڭ ئەمەلىي باھاسىدىن خېلى يۇقىرى بولىدۇ . ئوخشاش مالنى توردا ساتقاندا خېلى ئەرزان ساتقىلى بولىدۇ ،خېرىدارمۇ سېتىۋېلىشنى خالايدۇ . سېتىش مىقدارىمۇ خېلى يۇقىرى بولۇپ، ئالىدىغان پايدا ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ .

(3) سودا ۋاقتىنى ئەركىن باشقۇرغىلى بولىدۇ

تور دۇكىنى ئاچقاندا ۋاقىتنى ئەركىن باشقۇرغىلى بولىدۇ . مەيلى كۈندۈزى مەيلى كېچىسى ، مەيلى يامغۇر قار ياغسۇن ، ئوخشاشلا تىجارەت قىلغىلى بولىدۇ. تۇرمۇش رىتىمى تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ، كىشىلەر ئادەتتە دەم ئېلىش كۈنلىرى توردىن مال سېتىۋالغاندا،ئۆيىدە ئولتۇرۇپ كومپيۇتېردا تورغا چىقىپ تور دۇكانلىرىدىكى خىلمۇ خىل ، رەڭگارەڭ ماللار ئىچىدىن ئۆزىگە لازىملىرىنى تاللاپ سېتىۋالسا بولىدۇ . ھەتتا كېچىسى ئۇخلاشتىن بۇرۇنمۇ تور دۇكانلىرىدىن مال سېتىۋالغىلى بولىدۇ . شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى ، تور دۇكانلىرىنىڭ شۇنچە تېز كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن مۇھىم بىر سەۋەب دەل ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق ئېھتىياجىغا ماسلىشالىغانلىقىدا .

(4) ئورۇن ۋە كۆلەم چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ

تور دۇكانلىرىنىڭ يەنە بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئورۇن چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ .تور دۇكانلىرىدا مەملىكەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك ماللار بولۇپ، ماللارنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، دۇكان كۆلىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئانچە ئۇچراپ كەتمەيدۇ . ھەر قانچە كۆپ مال بولسىمۇ بىمالال سىغىدۇ . بىر ئىشخانا بولسىلا كۇپايە ، ھەتتا ئائىلىدە ئېچىشقىمۇ بولىدۇ . تور دۇكانلىرى تور ئارقىلىق تۈرلۈك ماللارنى كۆرگەزمە قىلىپ ساتىدىغان سۇپابولۇپ، كۆرگەزمە قىلىنىدىغان ماللار نىڭ ئوبيېكتى شۇ جايدىكى خېرىدارلار بولۇپلا قالماستىن ،بەلكى، پۈتۈن ئۆلكە ، پۈتۈن مەملىكەت ،ھەتتا پۈتۈن دۇنيا . شۇڭا ، تور دۇكىنىدا مال بولسىلا، بۇ خېرىدار ئالمىسا ، ئۇ خېرىدار ئالىدۇ، بۇ يەردىكى خېرىدار ئالمىسا ، ئۇ يەردىكى خېرىدار ئالىدۇ. ياز بولۇۋاتقان جايدا كىشىلەر قىشلىق ماللارنى ئالمىسا، قىش بولۇۋاتقان جايلاردىكى كىشىلەر ئالىدۇ . قىش بولۇۋاتقان جايلاردىكى كىشىلەر يازلىق ماللارنى ئالمىسا ، ياز بولۇۋاتقان جايلاردىكى كىشىلەر ئالىدۇ . بۈگۈن ئالمىسا ، ئەتە ئالىدۇ .بۇ ئايدا ئالمىسا ، كېلەر ئايدا ئالىدۇ . بۇيىل ئالمىسا ، كېلەر يىلى ئالىدۇ . شۇڭا، تور دۇكاندىكى ماللارنىڭ سېتىلماي قېلىشىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز .

(5) مال سېتىۋېلىش تەننەرخى تۆۋەن ، خېرىدارلار نەپ ئالالايدۇ

مال سېتىۋالغۇچى ئۆيدە كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپلا توردىكى دۇكانلارنى ھېچقانچە ۋاقىت سەرپ قىلمايلا بىر بىرلەپ ئايلىنىپ چىقىپ ، ھەر قايسى تور دۇكانلىرىدىكى ماللارنى كۆرۈپ چىقالايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ باھالىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆزىگە مۇۋاپىق بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل مال بىلەن تونۇشۇپ چىقالايدۇ . بۇ ئىش ئەنئەنىۋىنى ئۇسۇل بىلەن مال سېتىۋېلىشتىكى پىيادە مېڭىپ ياكى قاتناش قورالىغا چىقىپ دۇكانلارغا بېرىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ مال سېتىۋالغاندىن كۆپ قۇلايلىق بولۇپ ،پۇل، ۋاقىت ۋەكۇچنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ .

ئۇندىن باشقا ، تور دۇكانلىرىدىكى ماللارغا قوشۇلىدىغان قوشۇمچە راسخوت ئاز بولغاچقا ، ماللارنىڭ باھاسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ ، خېرىدارلارغا كېلىدىغان نەپ بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، ئۇلارمۇ سېتىۋېلىشنى خالايدۇ .

(6) مال ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەش ئاسان، تېز ھەم قۇلايلىق

تور دۇكانلىرىدا مال سېتىشتا ، تور دۇكىنى ئاچقۇچىلار ماللارنىڭ رەسىملىرى، چۈشەندۈرۈش ماتېرىياللىرىنى تورغا چىقارسا ياكى ماللارنىڭ ئۇچۇرلىرى،باھادىكى ئۆزگىرىشلەرنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرسىلا، خېرىدارلار ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى توردىن كۆرەلەيدۇ . تور بېكەتلىرىدە باش بەتكە كىرىپ ئۇنى چەكسە، ماللارنىڭ تەپسىلىي تۈرلىرى چىقىدۇ . بۇ تۈرلەرنىڭ ئىچىدىن لازىملىق ماللارنى تېپىش ناھايىتى ئاسان . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ماللارنى سېتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا مال يەتكۈزگۈچىلەر مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ .

(7) تور دۇكانلىرىدىن مال سېتىۋېلىش بىخەتەر ، كاپالەتكە ئېگە

تور سودىسىدا ئىستېمالچىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش پىلانى ،خېيىم – خەتەرنى كونترول قىلىش سىستېمىسى، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش تەپتىش سىستېمىسى ۋە ئىستېمالچىلار نازارەت قىلىش سىستېمىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش بىخەتەر سودا سىستېمىلىرى شەكىللىنىپ، سودا بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىندى. ئىستېمالچىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىدىكى « ساتقۇچىلار ئاۋۋال تۆلەمنى ئۈستىگە ئېلىش » ، « بىرسى ساختا چىقىپ قالسا ، ئۈچنى تۆلەش »، « 7 كۈن ئىچىدە مالنى شەرتسىز قايتۇرۇش » ،« سېتىۋالغۇچى ئەرز قىلسا ، ساتقۇچى ئىسپات كۆرسىتىش »، « قىممەت تولۇقلاش كارتىسى ئارقىلىق مال سېتىۋالسا چاقماق تېزلىكىدە مال يوللاش»، «مالنىڭ ئەھۋالىنى ئەينەن چۈشەندۈرۈش » قاتارلىق تەدبىرلەر تور سودىسى كەسپىنىڭ ھەرىكەت قېلىپىغا ئايلاندى . بەزى تور دۇكانلىرى تور سودىسىدا ۋاسىتىلىك پۇل تۆلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ،مال سېتىۋالغۇچى مالدىن رازى بولغاندىن كېيىن ،ئاندىن مال پۇلىنى مال ساتقۇچى ھېساباتىغا يوللاپ بېرىش، مال سېتىۋالغۇچى رازى بولمىسا ، دەلىللىگەندىن كېيىن پۇلنى مال سېتىۋالغۇچىغا قايتۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ ، ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئادىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مال ساتقۇچى ۋە مال سېتىۋالغۇچىنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈردى

نۆۋەتتە 12 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :8 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :4 پارچە

  1. نۇرنىجات : 2012-يىلى09-ئاينىڭ12-كۈنى13:40:45  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مەن بىرەر قېتىممۇ توردىن مال سېتىۋېلىپ باقماپتىمەن!

  2. پەخرىم : 2012-يىلى09-ئاينىڭ13-كۈنى12:33:10  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مەن كىلەر يىلىدىن باشلاپ ئاندىن قىلاي جۇمۇ ھازىر مەكتەپتە خەنچىنى ياخشى ئۆگىنىپ

  3. پەخرىم : 2012-يىلى09-ئاينىڭ15-كۈنى16:57:48  -47-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئۇيغۇر بىلوگگىر مۇنبىرنىڭ لوگوسى نىمشىقا ئېلىۋىتلدى مەن قۇيپ يۇرۇپتىمەن قارىماي ئەسلى سىز قويماپسزى دە

    • تورسودا : 2012-يىلى09-ئاينىڭ16-كۈنى02:24:42  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      ئىلىۋىتىلدى دىگەن نىمە گەپ ئۇ؟ مەن قۇيپ يۇرۇپتىمەن قارىماي ؟ دىگەنچۇ؟ مەن سىزنىڭ ئىلىۋەتكىنىڭىزگە قارىماي سىزنىڭكىنى قويۇپ يۈرۈپتىمەن دىمەكچىمۇ؟ ئۆكۈنمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ھىلىھەم كىچىكمەيسىز….ئۆزىڭىز لوگونىڭ ئەسلى ئادىرسىنى ئۆزگەرتىۋىتىپسىز، بۇ ھالدا لوگورىڭىزنىڭ تەبىئى ھالدا ئۆزى ئۆچۈپ قالدىغانلىقىنى مەن دىمىسەممۇ ئوبدان بىلىسىز… بەزىلەرنىڭ خاتا چۈشىنىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن بلوگىىمنىڭ ئەڭ ئاستىدا چىقىپ تۇرىدىغان ئورۇنغا ئىلان قىپ قويغان ئىدىم، ?bulletin=%D8%A6%D8%A7%D8%BA%D9%86%D9%89%D9%84%DB%95%D8%B1%DA%AF%DB%95-%D8%A6%DB%87%D9%82%D8%AA%DB%87%D8%B1%DB%87%D8%B4

  4. قەقنۇس : 2012-يىلى09-ئاينىڭ17-كۈنى14:14:48  -46-رەت @جاۋاب جاۋاب

    قەقنۇس بىلوگىنىڭ لوگۇسىغىمۇ بىر كىشلىك ئورۇن بارمىكى ؟ :razz:

    • تورسودا : 2012-يىلى09-ئاينىڭ18-كۈنى03:32:17  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      چاتاق يوق بۇرادەر ئورۇن بولمامتىكى، مەن ھازىرلا قوشۇپ قوياي

  5. سادا425 : 2012-يىلى09-ئاينىڭ22-كۈنى14:06:59  -45-رەت @جاۋاب جاۋاب

    amazon دىن مال سىتىۋىلىش توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بىرىپ ئۆتمەمسىز ،تاۋباۋدىن مال ئىلىپ ،قۇيۇلۇپ دىگەندەك خىلى موللا بوپقالغان.

  6. ۋەھىمە : 2012-يىلى10-ئاينىڭ02-كۈنى16:03:06  -44-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، سىلى تەرەپكە ئۆتمىگىلى ئۇزۇن بولۇپتۇ ، قانداراق تۇر دىلا ،
    ئەمدى سىلىدىن بىر ئىشىنى سوراي دىگەن ئىدىم ، سودا – سانائەتنىڭ :sad: بانكا كارتىسى يۇتۇپ كەتكەن ئىدى ، قايتا بىجىرەى دىسەم كىملىكنىڭ ئەسىلى نۇسخسىمۇ ئۇرۇمچىدە يوقالغان ئىدى ، بۇنىڭغا بىرەر ئامال بارمىدۇ

    • تورسودا : 2012-يىلى10-ئاينىڭ02-كۈنى16:54:42  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھقا شۈكۈر ياخشى، مىنىڭچە كىملىكىڭىز بولمىسا قەتئىي بىجىرەلمەيسىز، بىردىنبىر چارە كىملىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بانكا كارتىسىنى قايتىدىن بىجىرمەي باشقا ئىلاج يوق….

  7. بىلىمىم : 2012-يىلى10-ئاينىڭ04-كۈنى17:29:23  -43-رەت @جاۋاب جاۋاب

    پەخرىم بىلوگى ئۆزگەردى ئەمدىكى يېڭى بىلوگقا مەرھەمەت قىلىپ بېقىڭ http://www.bilimim.com لوگو ئورنىمۇ بار :grin:

  8. huxhuy : 2012-يىلى11-ئاينىڭ11-كۈنى04:10:14  -42-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تور سودا بىلىملىرى ھەققىدە قانائەتلىنەرلىك بىلىملەرنى يوللاپ تۇردىڭىز.بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجرىڭىزنى ئاللاھ بەرگەي(ئامىن)!. مۇمكىن بولسا بلوگىڭىزنىڭ ئاستىدا ئوڭ-سول مېڭىۋاتقان ئۇلانمىلارغا خۇشخۇي تور خاتىرىسىنىمۇ قوشۇپ قويارسىز. مېنىڭ قانداق ماڭىدۇ كۆرۈپ باقاي :mrgreen:

    • تورسودا : 2012-يىلى11-ئاينىڭ11-كۈنى05:54:41  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      بولىدۇ چاتاق يوق بۇرادەر قوشۇپ قوياي، مىنىڭچە پەيزى ماڭىدۇ جۇما :eek:

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟