نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەتتاۋباۋ بىلىملىرى>ئاساسىي مەزمۇن
داڭلىق تور ماگىزىنى 淘宝 دا دۇكان ئېچىش باسقۇچلىرى (2)
2012-يىلى08-ئاينىڭ02-كۈنى تاۋباۋ بىلىملىرى ⁄ جەمئى 8865خەت بار 9پارچە ئىنكاس بار ⁄ 2,156 قېتىم كۆرۈلدى+
بەشىنجى ئەۋلاد قىممەت تولۇقلاش سىستىمىسى

图片1.png

 

 

داڭلىق تور ماگىزىنى淘宝 دا دۇكان ئېچىش باسقۇچلىرى (2)

(«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى) نىڭ2011-يىللىق 4-سانىدىكى «داڭلىق تور ماگىزىنى淘宝 دا دۇكان ئېچىش باسقۇچلىرى (1)» ناملىق ماقالىسىدە دېيىلگەندەك، ئابۇنت نامىمىزنى تەڭشەپ نورمال ھالەتكە كەلتۈردۇق.

ئەمدى دۇكان ئېچىش مەشغۇلاتىنى باشلىساق تامامەن بولىدۇ .
كېرەكلىك ماتېرىياللار:
1) دۇكانغا سالماقچى بولغان ماللارنىڭ تىزىملىكى ۋە تەپسىلاتى
2) دۇكان ۋىۋىسكىسىغا ئىشلىتىدىغان رەسىم
3) ھەربىر مال ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن رەسىم
淘宝 دا دۇكان ئېچىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئاز بولغاندا 10 دانە مال يوللاش كېرەك. ئېلان قىلغان مال سانى 10 غا يەتكەندىن كىيىن ئاندىن دۇكان ئېچىشقا بولىدۇ ھەمدە دۇكان ئادرېسى، ۋىۋىسكا قاتارلىقلارنى بەلگىلىگىلى بولىدۇ. چۈنكى، ساتماقچى بولغان مال كەمچىل بولغان ئەھۋال ئاستىدا دۇكان
ئاچسىڭىز ئۆزىڭىزگىمۇ ھەم باشقىلارغىمۇ ياخشى بولمايدۇ.

تور دۇكىنىغا مال سېلىش

1) 淘宝تور بېكىتىگە كىرىپ ئەڭ ئۈستىدىكى 我的淘宝دىكى已卖出的宝贝 نى بېسىڭ ۋە تىزىملاتقان نام ۋە پارول ئارقىلىق كىرىڭ. (تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ)

图片2.png

2) كېيىنكى قەدەمدە «مەن دۇكاندار我是卖家 » ئاستىدىكى «مال ساتىمەن 我要卖 » نى بېسىڭ.

图片3.png

 

3) ئاندىن» مۇقىم باھا 一口价 «نى باسسىڭىز مال تۈرىنى تاللاش تىزىملىكى ئېچىلىدۇ.
4) مال تۈرىنى تاللاش تىزىملىكىدىن ئۆزىڭىز دۇكانغا سالماقچى بولغان مالنىڭ تۈرىنى تاللايسىز. ئەگەر سىز شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتى بادامنى دۇكانغا چىقارماقچى بولسىڭىز 粮油/蔬果/干货/速食/水产 نى تاللاپ干货/土特产 ئاستىدىن مۇناسىۋەتلىك تۈرنى تاللايسىز.

图片4.png

ئەسكەرتىش: بىر قىسىم ماللارنى دۇكانغا سېلىش ئۈچۈن، يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى، مەھسۇلاتنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرى، ماركىسى قاتارلىقلارنى، ئەگەر ئەنگە ئالدۇرۇلغان يېمەكلىك بولسا شۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ تېخىمۇ بازارلىق بولۇشى ۋە سېتىۋالغۇچىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
شۇنداق قىلىپ، دۇكاننى ئېچىۋالدۇق، دۇكانغا ئاز-تولا مالمۇ سالدۇق، ئەمدى مال تۈرىنى كۆپەيتىپ، كەم ماللارنى تولۇقلاپ، تەشۋىق قىلغاچ سودىغا كىرىشسەك بولىدۇ.
淘宝تورىدا مەيلى ئىستېمالچى ياكى دۇكاندار بولسۇن ئىناۋەت ھەممىدىن مۇھىم، باشتا دۇكان ئاچقاندا بەلكىم دۇكىنىڭىزغا خېلى ۋاقىتقىچە خېرىدار كىرمەسلىكى مۇمكىن، سەۋەبى ئىنتايىن ئاددىي: سودا ئىناۋىتىڭىز 0 بولغاچقا كىشىلەر سىزدىن مال سېتىۋىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.

پۇل كىرگۈزۈش ۋە چىقىم قىلىشتا ئەڭ كېرەكلىك بولىدىغان مۇلازىمەت: Alipay سىفىرلىق بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسى 支付宝数字证书

Alipay سىفىرلىق بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسى- Alipay ھېساباتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان، كىرىم-چىقىمنىڭ ۋە ئېلىپ بېرىلغان سودىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى. بۇ گۇۋاھنامىنى ئىلتىماس قىلسىڭىز Alipay تورىدا «پۇل تۆلەيمەن 我要付款» دىن 20000 يۈەن چىقىم قىلىشقا بولىدۇ.
كومپيۇتېرغا يېڭى سىستېما قاچىلانغان ياكى淘宝دا بۇرۇن سودا قىلىپ باقمىغان بولسىڭىز، يۇقىرىقى مەشغۇلاتلارنى قىلغاندىن كېيىن Alipay ھېساباتىڭىزغا كىرگەندە ياكى淘宝دا سودا قىلغاندا سىفىرلىق بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسى 支付宝数字证书 نى قاچىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.
سىفىرلىق بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسى 支付宝数字证书 نى ئىلتىماس قىلىش ۋە قاچىلاشنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
سىفىرلىق بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسى 支付宝数字证书 نى بىر نەچچە كومپيۇتېرىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. يەنى، سىز ئۆيىڭىزدە سىفىرلىق بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسى 支付宝数字证书 نى ئىلتىماس قىلدىڭىز ۋە كومپيۇتېرىڭىزدىكى سىستېمىدا سىفىرلىق بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسى 支付宝数字证书 نى تونۇتتىڭىز. ئەگەر ئىشخانىڭىزدىكى كومپيۇتېردىمۇ سىفىرلىق بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسى 支付宝数字证书 نى تونۇتمىسىڭىز ئىشخانىدىكى كومپيۇتېردا پۇل تۆلەش ۋە پۇل تاپشۇرۇۋېلىش قاتارلىق بىر قىسىم مەشغۇلاتلارنى قىلالمايسىز، شۇڭا ئىشخانىدىكى كومپيۇتېردىمۇ سىفىرلىق بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسى 支付宝数字证书 نى تونۇتۇشىڭىز كېرەك.
ئاۋۋال بىز ئۆيدىكى كومپيۇتېردا سىفىرلىق بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسى 支付宝数字证书 ئىلتىماس قىلىنمىغان ھېساباتقا گۇۋاھنامە ئىلتىماس قىلىش ۋە سىفىرلىق بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسى 支付宝数字证书 نى كومپيۇتېر سىستېمىسىغا تونۇتۇشنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. كېيىنكى مەزمۇندا ئىشخانىدىكى كومپيۇتېردا سىفىرلىق بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسى 支付宝数字证书 نى تونۇتۇشنى (قاچىلاشنى) ئۆگىنىمىز.

سىفىرلىق بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسى 支付宝数字证书 ئىلتىماس قىلىنمىغان ھېساباتقا گۇۋاھنامە ئىلتىماس قىلىش ۋە سىفىرلىق بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسى 支付宝数字证书 نى كومپيۇتېر سىستېمىسىغا تونۇتۇش ئۇسۇلى

1) Alipay ھېسابىڭىزغا كىرگەندىن كېيىن «بىخەتەرلىك مەركىزى 安全中心» دىن «بىخەتەرلىك مەھسۇلاتلىرى 安全产品» نى بېسىڭ.

图片5.png

2) ئېچىلغان بەتتىكى «بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسى 安全证书» ئاستىدىكى «ئىلتىماس قىلىش 申请» نى بېسىڭ.

图片6.png

3) ئەگەر سىستېماAlipay ھېساباتىغا قايتا كىرىشنى تەلەپ قىلسا، ئابۇنت ئېلخەت ئادرېسى ۋە پارولنى بېسىپ كىرىڭ.

图片7.png

4) چىققان بەتتىن «بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسى 数字证书» ئاستىدىكى «ئىلتىماس قىلىش 立即申请» نى بېسىڭ.

图片8.png

5) چىققان بەتتە «填写信息» كۆرۈنىدۇ. كىملىك نومۇرى دېگەن قۇرغا دەسلەپتە ئىشلەتكەن كىملىكنىڭ نومۇرىنى كىرگۈزىسىز، ئاستىغا قايسى ئورۇندا Alipay ھېساباتىڭىزنى ئاچقانلىقىڭىزنى تولدۇرىسىز.

图片9.png

6) يۇقىرىقى رەسىمدىكىدەك «يوللاش 提交» نى باسقاندىن كېيىن قىسقا ئۇچۇر جەزملەش كودى كىرگۈزۈش بېتى ئېچىلىدۇ. يەنە شۇ بەت ئېچىلىشى بىلەن تەڭ Alipay تور بېكىتى سىز تىزىملاتقان ۋاقىتتا كىرگۈزگەن يان تېلېفون نومۇرىغا جەزملەش كودىنى قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە يوللايدۇ. يان تېلېفونغا كەلگەن 6 خانىلىق جەزملەش كودىنى 校验码 بىر مىنۇت ئىچىدە كىرگۈزۈپ جەزملەيسىز.

图片10.png

ئەگەر قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالالمىسىڭىز «يان تېلېفون نومۇرىنى ئالماشتۇرۇش 更换手机号码» نى بېسىپ، باشقا يان تېلېفون نومۇرىغا ئۆزگەرتىپ، قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
7) مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ .

图片11.png

 

شۇنىڭ بىلەن淘宝ۋە Alipay غا تىزىملىتىپ، ھېسابىڭىزنىڭ ھەقىقىيلىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جەزملەشتۈرۈپ بولدىڭىز. ئەمدى 淘宝 دا دۇكان ئاچسىڭىز ياكى  نەرسە-كېرەك سېتىۋالسىڭىز تامامەن بولىدۇ.

باشقا بىر كومپيۇتېرغاAlipay سىفىرلىق بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسى 支付宝数字证书 نى قاچىلاش ئۇسۇلى

يۇقىرىدا گۇۋاھنامىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە قاچىلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردۇق. ئىلتىماس قىلىش پەقەت بىرلا قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ. باشقا كومپيۇتېرلاردا淘宝دا بىر نەرسە سېتىۋېلىش، Alipay دا كىرىم-چىقىم قىلىش ئۈچۈن، پەقەت سىفىرلىق بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسى 支付宝数字证书 نى سىستېمىغا تونۇتساقلا كېرەك .
1) بىز淘宝دا بىر نەرسە سېتىۋېلىپ Alipay ھېساباتى ئىچىگە كىرىپ پۇل چىقىم قىلىدىغان ۋاقىتتا ياكى بىۋاسىتە Alipay ھېساباتى ئىچىگە كىرگەندە سىستېما بىزگە «سىز سىفىرلىق گۇۋاھنامىلىق ئەزا، گۇۋاھنامىنى بۇ كومپيۇتېر سىستېمىسىغا تونۇتقاندىن كېيىن ئاندىن باشقا مەشغۇلاتلارنى قىلالايسىز» دېگەن مەزمۇندا ئەسكەرتىش بېرىدۇ.

图片12.png

 

يۇقىرىقى بەتتىكى «قاچىلاش 立即安装» نى بېسىڭ، ياكى Alipay ھېسابىڭىزغا كىرگەندىن كېيىن «بىخەتەرلىك مەركىزى 安全中心» دىن «بىخەتەرلىك مەھسۇلاتلىرى 安全产品» نى بېسىڭ.

图片13.png

2) ئېچىلغان كۆزنەكتىكى «بىخەتەرلىك مەھسۇلاتلار تىزىملىكى 安全产列表» دىن «سىفىرلىق بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسى 数字证书» نىڭ ئاخىرىدىكى «قاچىلاش 安装»نى بېسىڭ.

图片14.png

 

3) كېيىنكى بەتتە «سىفىرلىق بىخەتەرلىك گۇۋاھنامىسى 数字证书» نى قاچىلاشنىڭ ئۇسۇللىرى چىقىدۇ. ئادەتتە بىر ئاز قۇلايلىق ئۇسۇل يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق جەزملەش كودى تاپشۇرۇۋېلىپ، شۇ ئارقىلىق گۇۋاھنامىنى قاچىلاش ئۇسۇلى بولۇپ، يان تېلېفونىڭىز قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالالىسىلا بولىدۇ .
تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك 1-تۈرنى تاللاپ «كېيىنكى قەدەم 下一步» نى چېكىڭ.

图片15.png

4) ئېچىلغان بەتتىن قايسى جايدا تورغا چىققانلىقىڭىزنى تاللاڭ، جەزملەش كود نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، «كېيىنكى قەدەم 下一步» نى بېسىڭ.

图片16.png

5) بۇ قەدەمدە يېڭى بىر كۆزنەك ئېچىلىشى بىلەن تەڭ يان تېلېفونىڭىز قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالىدۇ. يان تېلېفونغا كەلگەن 6 خانىلىق جەزملەش كودى (校验码) نى بەتتىكى رامىكىغا بىر مىنۇت ئىچىدە كىرگۈزۈپ جەزملەيسىز.

图片17.png

يۇقىرىقى مەشغۇلاتنى توغرا قىلغان بولسىڭىزلا كېيىنكى قەدەمدە «قاچىلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى 安装成功» دەپ ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق گۇۋاھنامىنى قاچىلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئەمدى نورمال مەشغۇلاتلارنى قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى باسقۇچتا يان تېلېفونىڭىز قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالالمىسا، ئۇنداقتا سىز ئېلخەت ئارقىلىق گۇۋاھنامىنى قاچىلاش ئۇسۇلىنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇ ھالدا Alipay ھىساباتىڭىزغا ئىشلەتكەن ئېلخېتىڭىزگە جەزملەش ئادرېسى يوللايدۇ. ئېلخەت ھېساباتىڭىزغا كىرىپ شۇ جەزملەش ئادرېسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرسىڭىز، سىزدىن «بىخەتەرلىك سوئالى ئارقىلىق جەزملەش 安全问题的校验» ئارقىلىق مەشغۇلاتنى تاماملاشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇرۇن  بەلگىلىگەن جاۋابىڭىز ئېسىڭىزدە بولسا جاۋاب بېرىپ قاچىلاش مەشغۇلاتىنى تاماملىسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلمۇ قۇلايلىق ئۇسۇل.
يۇقىرىقى مەشغۇلات مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانسا淘宝 دا كىرىم-چىقىم قىلسىڭىز، توسالغۇغا ئۇچرىمايسىز.
ئەمدى淘宝دىن بىر نەرسە سېتىۋالسىڭىز پۇل تۆلەيدىغان جايدا ئالدىنقى قېتىملىق مەشغۇلاتىمىزدا بىز بەلگىلىگەن «پوچتا ئامانىتى淘宝كارتىسى 邮政储蓄淘宝卡» دىن چىقىم قىلىشنى تاللىسىڭىز، پوچتا ئامانىتى كارتىڭىزدىن بىۋاسىتە پۇل چىقىم قىلالايسىز. تور بانكىسى ياكى U盾 لارنى بېجىرىشىڭىز بىھاجەت. پوچتا كارتىڭىزغا پۇل قاچىلاپ قويۇپ،淘宝دا بىۋاسىتە خەجلىسىڭىز بولىۋېرىدۇ. پۇل چىقىم قىلغاندا پەقەت «Alipay پۇل تۆلەش پارولى 支付宝付款密码» نى كىرگۈزسىڭىزلا كۇپايە.

Alipay ھېسابىڭىزدىكى پۇلنى كارتىغا ئاغدۇرۇپ چىقىرىش ئۇسۇلى

1) Alipay ھېسابىڭىزغا كىرگەندىن كېيىن سول تەرەپتە كۆرۈنگەن «پۇل ئېلىش 提现» نى بېسىڭ.

图片18.png

 

ئەگەر Alipay ھېساباتىغا قايتا كىرىشنى تەلەپ قىلسا، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ۋە پارولىڭىزنى قايتا بېسىپ كىرىڭ.
2) ئېچىلغان بەتتە پوچتا بانكىسى كارتىڭىزنى تاللاپ، چىقىم قىلماقچى بولغان پۇل سانىنى كىرگۈزۈڭ.

图片19.png

 

3) كېيىنكى بەتتە كارتا ئۇچۇرلىرىڭىزنى جەزملەشتۈرىسىز. يەنى «بانكا كارتىڭىزنىڭ ئاخىرقى 4 خانىسى ئوخشامدىكەن؟» ياكى «ئىسمىڭىز شۇمۇ» دېگەندەك. ئەگەر ئۇچۇرلار توغرا بولسا پۇل تۆلەش پارولى 支付密码نى كىرگۈزۈپ، «پۇل ئېلىشنى جەزملەيمەن 确认提现» نى باسسىڭىزلا Alipay دىكى پۇللىرىڭىز كارتىغا ئاغدۇرۇلىدۇ.

图片20.png

 

4) ئەگەر مەشغۇلاتلار توغرا بولسا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. بەتتە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار چىقىدۇ. ئاخىردا «تەڭشەكلەرنى ساقلىۋېلىش 保存设置 » نى بېسىپ ساقلاپ قويسىڭىز، كېيىنكى قېتىمدا پۇل ئاغدۇرغاندا مۇشۇ خىل تەڭشەكنى ئىشلىتىدۇ.
مۇشۇ ئۇسۇلدا بىر كۈندە 3 قېتىم پۇل ئاغدۇرۇپ چىقىم قىلغىلى ھەمدە ھەر قېتىمدا 5000 يۈەن ئاغدۇرغىلى بولىدۇ.

«淘宝دا دۇكان ئېچىش باسقۇچلىرى» ناملىق ماقالىمىزنىڭ 2-قىسمى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.
ماقالە ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى،淘宝جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ سودا تورى. بۇ تور بېكەتنىڭ ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىغا قويغان تەلىپى، جۈملىدىن سەمىمىيلىك تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى. مەيلى بۈگۈنكى ماقالىمىزدە سۆزلىگەندەك淘宝غا دەسلەپكى كىرىش باسقۇچى بولسۇن، مەيلى توردا دۇكان ئېچىپ سودا قىلىش باسقۇچى بولسۇن، ئازراقلا سەمىمىيەتسىزلىك قىلسىڭىز، باشقىلارنى ئالداش، قاقتى-سوقتى قىلىش كويىدا بولسىڭىز، ئاخىرقى زىيان تارتقۇچى يەنىلا ئۆزىڭىز بولىسىز. شۇڭا تور سودىسىغا كىرمەكچى بولغان ياكى كىرىپ بولغان ھەرقانداق كىشىنى يۇقىرىدىكى سۆزىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا دالالەت قىلىمىز.

* ئاپتورى: ياسىنجان ئىمىن، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىمى

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى تور بىكىتى باشقۇرىشىدىكى («كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى) نىڭ 2011-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان. يازما ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان ئاساستا بلوگىمىزغا يۆتكەپ كىلىندى ھەمدە كەڭ تورداشلارنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلدى....
«داڭلىق تور ماگىزىنى淘宝دا دۇكان ئېچىش باسقۇچلىرى (1)» نى بۇ يەردىن كۆرۈڭ...

نۆۋەتتە 9 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :7 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :2 پارچە

  1. پەخرىم : 2012-يىلى08-ئاينىڭ02-كۈنى14:11:30  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    تورسودا رەخمەت جۇما

  2. تورسودىسى : 2012-يىلى08-ئاينىڭ03-كۈنى07:27:22  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    سىز بىلەن ئالاقىلاشماقچىدىم،چ چ 365735538 قوشىۋىلىڭ

  3. مۇئەللىم : 2012-يىلى08-ئاينىڭ07-كۈنى08:52:49  -47-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مەن بۇرۇن دۇكاندىن بىرنى ئاچقان ، ئەمما ، ساتالمىغان ، كېيىن تاۋباۋ تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلگەن ….ھازىر يەنە قىزىقىپ قىلىۋاتمەن ، قانداق قىلسام بولار ، دوستۇم ؟ :?:

    • admin : 2012-يىلى08-ئاينىڭ07-كۈنى09:00:48  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      ھەممە ساھەدە باركەنسىز جۇما مۇئەللىم ، مەن يەنە ئىچىڭ دەپ جاۋاپ بىرىمەن ، دۇككان تەستىقلىنىپ ئۇزۇنغىچە مال چىقىرىلمىسا تاۋباۋ تەرىپىدىن ئۆچۈرۋىتىلىدۇ…

  4. پەخرىم : 2012-يىلى08-ئاينىڭ10-كۈنى18:14:36  -46-رەت @جاۋاب جاۋاب

    Alipay ھېساباتىمغا ئېلخەتنى باغلاي دىگەن ياكى ئۆزگەرتەي دىگەن نەدىن ئۆزگەرتىدۇ

  5. تورسودا : 2012-يىلى08-ئاينىڭ11-كۈنى04:11:10  -45-رەت @جاۋاب جاۋاب

    Alipay ھېساباتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغۇ دەيمەن، مەنمۇ نەچچە قىتىم سىناپ باققان ئۆزگەرتەلمىدىم…..
    ئەڭ دەسلىپىدىلا ئالىپايغا خەت ساندۇقىغا تىزىملىتىش ئەڭ ئاقىلانىلىق، ئەگەر يان تىلفون ئارقىلىق تىزىملاتقاندا ، ناۋادا كىيىنچە تېلفون نومۇرىمىزنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەپ قالسا ئۇ چاغدا يەنە ئاۋارچىلىق بولىدۇ..شۇنىڭ ئۈچۈن خەت ساندۇقىغا تىزىملىتىش كىرەك

    • گۈلزىبا : 2012-يىلى08-ئاينىڭ11-كۈنى04:21:12  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      مەنمۇ تورسودا نىڭ پىكىرىنى قوللايمەن :oops:

  6. umud : 2012-يىلى11-ئاينىڭ18-كۈنى01:33:24  -44-رەت @جاۋاب جاۋاب

    پايدىلنىش قىممىتى يۇقىرى ئىكەن :mrgreen:

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟