ھەرقايسى مەۋھۇم بويۇم سودىگەرلىرىگە:
تاۋباۋتورىنىڭ سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا،يىقىندىن بېرى %70تىن كۆپرەك مال سېتىۋالغۇچىلار مال سېتىۋالغاندا ئاۋال ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشقان مەھسۇلات ۋە دۇكانلارنى تاللىغان،ھەمدە ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشقان سودىگەرلەرگە قارىتا پۇل قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشمۇ ئادەتتىكى سودىگەرلەرگە قارىغاندا خېلىلا ئاز بولغان.
ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش؛بازارنى ساپلاشتۇرۇش ۋە نورمال سودىگەرلەرگە ياخشى بىر بازار مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن،تاۋباۋ تورى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل تۈردىكى مال ساتقۇچىلارغا قارىتا"پۈتۈن تۈرلۈك كاپالەت مۇلازىمىتى"پىلانىنى يولغا قويماقچى.
بۇ ئۈچ تۈر تۆۋەندىكىدەك:
1.تېڭشۈن QQمەخسۇس رايونى
2.تور ئويۇنلىرى مۇلازىمەت رايونى
3.كۆچمە،بىرلەشمە،تېلىگىراف ئابونتلىرىغا پۇل قاچىلاش رايونى
تەپسىلى ئەھۋال تۆۋەندىكىچە:
1. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ پەقەت ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشقان(ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىپ،1000يۇەن كاپالەت پۇلى تاپشۇرغان)سودىگەرلەرلا ئاندىن يۇقىرىقى ئۈچ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالالايدۇ.
2. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كىيىن،ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشمىغان بارلىق سودىگەرلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئۆچۈرىلىدۇ.
بۇ پىلان ئوتتۇرغا قويۇلغاندىن كىيىن تور سودىگەرلىرى ئوتتۇرسىدا بەس-مۇنازىرە پەيدا بولدى.ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى بۇ قاراشنى قوللىغان.لېكىن كۆپلىگەن ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشمىغان،لىكىن ھەقىقىي سودا قىلىپ كېلىۋاتقان سودىگەرلەر بۇ خىل قاراشقا قارشى تۇرغان.
ئىستىمالچىلار كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ سودىسىنىڭ ياخشى بولىشى ھەم ئىستىمالچىلارنىڭ مۇشۇ تۈردىكى دۇكانلارنى تاللىشىنى ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ تاۋباۋ تورى يۇقارقى پىلاننى ئوتتۇرغا قويغان.
بەلكىم مۇشۇ پىلان ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كىيىن تاۋباۋ تورى نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەردىن ئايرىلىپ قىلىشى مۇمكىن،لېكىن تاۋباۋ تورىنىڭ ئىشەنچىسى ئىشىپ بېرىشى مۇمكىن.
مانا بۇ مۇشۇ پىلانغا قارىتا يەنە بىرخىل پىكىردە بولغان تېما
http://bbs.taobao.com/catalog/thread/154503-252158963.htm
ئەمەلىيەتتە كاپالەت سوممىسىنى تاپشۇرۇشنىڭ، سىتىۋالغۇچى ۋە ساتقۇچى ھەر ئىككى تەرەپكە ئورتاق پايدىسى بار، مال سىتىۋالغۇچىلارمۇ ئىشەنچىلىك بولغان كاپالەت پۇلى تاپشۇرغان دۇكانلاردىن خاتىرجەم ھالدا مال سىتىۋىلىشنى ئويلايدۇ، شەخسەن مەن ئۆزۈمنى مىسالغا ئالسام كاپالەت پۇلى تاپشۇرمىغان دۇكانلاردىن ئومۇمەن مال سىتىۋالمايمەن
تورداشلارنىڭ توردا مال سېتىۋالغاندا كۆپرەك ئېھتىيات قىلىشىنى،ئامال بار ئىشەنچ دەرىجىسى يۇقىرى،يۇقىرىقى كاپالەت سوممىسىنى تاپشۇرغان سودىگەرلەردىن مال سېتىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
كاپالەت پۇلى تاپشۇرغان دۇكانلاردا بۇنداق بەلگە بولىدۇ
تېما ئەسلى ئادرىسى:
http://bbs.taobao.com/catalog/thread/513886-252121274.htm
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ياخشى بىلىملەر ئىكەن،بىلوگىڭىزدىن كۆپ نەپكە ئىرىشتىم،كۆپچىلىك ئۈچۈن خالىس ياردەملىرىڭىز داۋاملىق ئۈزۈلمىگەي رەھمەت
بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك مۇھىم ئۇچۇر ئىكەن. مېنىڭ قىممەت تولۇقلاش ماللىرىمنى ھازىرغىچە ئۆچۈرۋەتمىدى. لېكىن يىقىننڭياقى ئۇچۇر كەلگىلى تۇردى.قارىغاندا مۇشۇ گەپ ئوخشايدۇ. مەنچە: كاپالەت قويغۇچە ئۆچۈرۋەتسە مەيلى دېدىم. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ توردا قىممەت تولۇقلاش ئىقتىدارى بەك تۆۋەن بولغاچ 3-4 ئاي بولدى قىممەت تولۇقلاش سودىسى قىلمىغىلى. بۇ ئۇچۇردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.
ئانچە-مۇنچە يوقلاپ تۇرغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگىمۇ كاتتا رەھمەت بۇرادەر، مىنىڭچە ئىمكان بولسا كاپالەت سوممىسىنى تاپشۇرۇپ قويغاننىڭ دۇكاندارغا پايدىسى كۆپ دەپ ئويلايمەن، چۈنكى ئۇ پۇلنى خالىغان ۋاختىدا قايتۇرۋالالايمىز ئەمەسمۇ، داۋامىلىق يىتەكلەپ،ئۈگىتىپ تۇرساق ئۇيغۇرلىرىمىزمۇ تەرەققىيات ۋە قولاي بولغان ئەۋزەللىككە يۈزلەنگۈسى
بىلوگىڭىزدىن خىلىلا نەپ ئەپقالدىم دىسە،كۈندە نەچچە ۋاق يوقلاۋاتىمەن، بىلىم تەمە قىلىپ، رەھمەت
يوقلاپ تۇرغىنىڭىزغا رەھمەت، بۇندىن كىيىن يازمىلار تىخىمۇ سەرخىللاشقۇسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئەگەر توردا ئىئانە يېغىدىغان بىر دۇكان ئىلتىماس قىلىش توغرا كەلسە قايسى تۈردىكى دۇكاننى ئېچىش ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟
تاۋباۋ پۇلىنى (淘金币) ئەڭ ياخشى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز بوپتىكەن،