نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەتتورسودىسى>ئاساسىي مەزمۇن
تور سودىسى قانداق كىشىلەرگە ماس كىلىدۇ؟
2012-يىلى11-ئاينىڭ16-كۈنى تورسودىسى ⁄ جەمئى 4671خەت بار 3پارچە ئىنكاس بار ⁄ 1,581 قېتىم كۆرۈلدى+
بەشىنجى ئەۋلاد قىممەت تولۇقلاش سىستىمىسى

توردا دوكان ئېچىپ سودا قىلىش ھازىرقى مودا كەسىپ بولۇپ قالدى،نۆۋەتتە بۇ كەسىپ بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزگىمۇ سىڭىپ كىردى،لېكىن ھەممىلا كىشى بۇ كەسىپكە ماس كىلىۋەرمەيدۇ، قارا قويۇق بىردەملىك قىزىقىپلا بۇ يولغا كىرىپ قېلىپ ئاخىرىنى چىقارمايدىغانلار، جاپاكەش تور قۇرغۇچى قېرىنداشلىرىمىز مىڭ تەسلىكتە ھازىرلاپ بەرگەن چەكلىك بوشلۇقنى ئىسراپ قىلىشقا ھەسسە قوشىدۇ خالاس ....

يېقىندا نۇرغۇن دوستلار ماڭا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ توردا دۇكان ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كىلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى سورىدى،ئەلۋەتتە يوقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك ھەممىلا ئادەم توردا دۇكان ئېچىشقا ماس كەلمەيدۇ، بۇ كەسىپكە كىرىش ئۈچۈن ئاۋۋال بۇ كەسىپنى ياخشى چۈشۈنۈڭ ،ياخشى ئۆگىنىڭ..كېسىپ ئېيتىمەنكى توردا دۇكان ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەپ غەلىبە قازانغانلارنىڭ ھەممىسى ئاۋۋال ئۆزى شۇ توردا مال سېتىۋېلىپ ئاندىن ئۆزىدىكى ئەۋزەل شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن، شەخسەن ئۆزەممۇ شۇنداق.

توردا دۇكان ئېچىپ سودا قىلىشنى بىرىنجى كەسىپ قىلىپ مۇقىم قىلىش كېرەكمۇ ياكى ئىككىنجى كەسىپ قىلىش كېرەكمۇ؟ بۇنى ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىمىزغا قاراپ بېكىتسەك بولىدۇ.

كارخانا باشقۇرغۇچىلىرى
ئوتتۇراھال،كىچىك كارخانىلارغا نىسبەتەن،توردا دۇكان ئېچىپ ماللىرىنى توردا تەشۋىق قىلىپ سېتىش،ھازىرقى شارائىتتا كارخانا تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر ئۇسول، ئىلگىرى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ ئۆز ماللىرىنى چوڭ سودا سارايلىرىغا كىرگۈزمىگى ئاسمانغا چىقماقتىنمۇ تەس ئىدى،مانا ھازىر تور دۇكىنى ئۇلارغا كەڭرى بىر مەيدان ھازىرلاپ بىرىپ ،نامى چىقمىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشى ھەم تونىلىشى قىيىن بولمايدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتى داڭلىق مەھسۇلاتلار بىلەن بىرگە ئوخشاش سودا ئۇچۇر ۋە مەيدانغا ئىگە بولدى ھەتتا ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان خەلقئارا سودىغىمۇ يول ئېچىلماقتا....

ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
مېنىڭ بىر نەچچە خەنزۇچە سودا تور بەتلىرىدە نۇرغۇن ھەمكارلاشقۇچىلىرىم بار،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خېلى كۆپى ئالى مەكتەپ ئوقۇغىچىلىرى،ئۇلار ئۆزلىرىدىكى يېڭى شەيئىلەرنى ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان،يېڭى ئۇقۇملارنى ئاسان چۈشىنەلەيدىغان،ياشلىق جاسارىتى ۋە قىزغىنلىقى ئەۋج ئېلىپ تۇرغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تور سودا كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا زور تۇرتكە بولماقتا،ئىشىنىمەنكى ئۇيغۇر ئالى مەكتەپ ئوقۇغىچىلىرىدىكى بۇ خىل روھ تېخىمۇ كۈچلۈك،يەنە كىلىپ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شۇ خىل شارائىت ۋە ۋاقىتقا ئىگە،ئۇلارنىڭ كومپىيوتېر ۋە ئىنگىلىز تىلى ئاساسى ئالدىنقى دەۋىردىكىلەردىن مۇستەھكەم،ئۇلارنىڭ تور سودىسىنى ئىنتايىن تىز ئىگىلەپ كېتىشىدە مەسلە يوق يەنە كىلىپ تور سودىسىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىگى كۆپ مەبلەغ تەلەپ قىلمايدۇ. گەپ ئۇلارنىڭ قايسىسىنى تاللىشىدا....

ئىگىلىك تىكلەش دەسلەپكى غېمىدە بولىۋاتقانلار
ئۆتكەن يىلى مۇشۇ چاغلاردا مەن ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان بىر نەچچە ئۇيغۇر ياش بىلەن تونۇشۇپ قالدىم،شۇ ۋاقىتتا بىز بىللە تاماق يىگەچ خېلى ئۇزۇنغىچە قانداق ئىگىلىك تىكلەش ؟ زادى نىمە قىلىش توغرىسىدا قىزغىن سۆھبەتلەشتۇق،ئەلۋەتتە تور سودىسىنىڭ گېپى ئەڭ كۆپ بولدى ،كېيىن ئالاقىمىز ئۇنداق قۇيوق بولۇپ كېتەلمىدى،يېرىم يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر نەچچىسى ئۆزىدە بار بولغان ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ تور دۇكىنى ئېچىپ خېلى پايدا ئېلىپتۇ، تىلىفۇن قىلىپ سورىسام بەزىلىرىنىڭ سودىسى ناھايىتى ياخشىكەن بەزىلىرىنىڭ سودىسى ئادەتتىكىچە بولىۋېتىپتۇ، بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى مەيلى قانداقلا بولسۇن ئۇلار ئىگىلىك تىكلەشتە مۇشۇ يولنى تاللىدى،ھەم شۇ نۇقتا ئىسپاتلاندىكى تور سودىسىدا سېلىنىدىغان مەبلەغ كۆپ بولمىغاچقا خەتىرىمۇ يىنىك بولىدۇ، مەنچە ئىگىلىك تىكلەشتە بىراقلا دەستە دەستە پۇلنى كۆتىرىۋېلىپ قىسقا ۋاقىتتىلا نەچچە ھەسسە پۇل تاپىمەن دىگەن نادانلىق، قاراپ بېقىڭ ئىنتايىن ئاز مەبلەغ بىلەن باشلىغان تور سودىڭىز ھەر بىر زاكاسنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئازراق بولسىمۇ پايدا ئالغان چېغىڭىزدا يۈرىكىڭىز شۇنداق ھاياجانلىق سوقىدىكى....بۇ ھېچقانداق ھېسياتقا ئوخشىمايدۇ ،بۇ غەلىبە خوشاللىغى مەيلى ئاز بولسۇن بۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە مەنسۈپ!! ئىگىلىگىڭىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىدىن كەلگەن ئىپتىخارلىق ھېسياتى!!!!
ئاندىن كېيىنكى ئىشلار سىزنىڭ سەمىمىلىكىڭىز،مەسئولىيەتچانلىقىڭىز،ھەمدە سىز تاللىغان تاۋارنىڭ تور سودىسىغا ماس كىلىشى ،ھەمدە سىزدىكى باھا ئارتۇقچىلىقىڭىزغا باغلىق!!ئەلۋەتتە تەلىيىڭىزغىمۇ ئازراق باغلىق.

تۇراقلىق ئەۋزەل مال مەنبەسىگە ئىگە كىچىك تىجارەتچىلەر
سىزدە باشقىلاردىن ئەۋزەل مال ياكى ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتى بار ئەمما كۆپ ئادەم بىلمەيدۇ،بۇ ھالدا سىز تور دۇكىنى ئېچىڭ ،،ھەمدە مىلىڭىزنىڭ ئالاھىدىلىگى ئارتۇقچىلىقىنى راسچىللىق بىلەن توردا تەشۋىق قىلىڭ ھەمدە مۇۋاپىق باھا قويۇڭ،،،بۇ چاغدا سىزدىن بىرەرسىنىڭ مېلىڭىزنى سورىمايدىغىنىغا ئىشەنمەيمەن،تور سودىسىدىكى مۇھىم بىر ئامىل مال مەنبەسى ،ياخشى بىر مال مەنبەسى سىزنىڭ غەلىبە قىلىشىڭىز ياكى مەغلۇب بولىشىڭىزنى بەلگۈلەيدۇ،ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن باشقا ئۆزىڭىزنىڭ سودىغا ئۇستا بولۇش بولماسلىقىڭىزمۇ مەلۇم رول ئوينايدۇ.

كۈندە كۆپ قىسىم ۋاقتى توردا ئۆتىدىغان كىشىلەر
توردا سودا قىلىش سىزنىڭ 24سائەت توردا بولىشىڭىزنى تەلەپ قىلمايدۇ،ئەمما كۈندە ئاز دىگەندە 1سائەت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ تور دۇكىنىڭىزنى رەتلەپ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىپ قويىشىڭىز لازىم، ناۋادا سىز بىر پۈتۈن كۈن توردا يۈرىدىغان تور قۇرىتى بولسىڭىز ،ئىشىنىڭكى بۇمۇ سىزنىڭ بىر كۈچلۈك تەرىپىڭىز،چۇنكى نورمال خېرىدار بىر مالنى ياخشى كۆرگەندە ئاۋۋال ئۇنى ئەستايىدىل سۇرۇشتۇرىدۇ،بۇ چاغدا ئەلۋەتتە توردا بار بولغان سىزگە بېرىلىدىغان پۇرسەت باشقىلاردىن كۆپ بولىدۇ دە، يەنە بىر جەھەتتىن ئېيىتقاندا تور سودىسىدا نوقۇل خېرىدار كۈتۈپلا ئولتۇرماي يەنە خېرىدار،ئىھتىياج ئۇچۇرى دىگەندەك ئۇچۇرلارنى ئىزلەپ تۇرۇش لازىم، بۇ چاغدا سىز ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭالايسىز...ھەممىدىن ياخشى سودا ئۇسۇللىرىنى خىلمۇ خىل سودىدا ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلارنى ئۆگىنەلەيسىز
بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن كەسىپتىكى قېرىنداشلارمۇ يوقىرىدىكى بىر نەچچە ھالقىلىق مەسلىلەرگە دىققەت قىلسىلا تور سودىسى بىلەن ئىگىلىك تىكلەش تامامەن مۇمكىن.

نۆۋەتتە 3 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :2 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :1 پارچە

  1. ئالغا : 2012-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى13:53:00  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مىنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ تور سودىسىغا بولغان كۆز قارىشى يىتەرلىك ئەمەس ، ئەلۋەتتە ، ياخشىلىرىمۇ بار ، لىكىن يەنىلا ئاز ساندا ، شۇڭا مۇشۇ ساھەنى ئۇيغۇلاردىكى چوڭراق بىر شىركەت باش بولۇپ ئاچسا كىڭەيتسە ، ئاندىن كىشىلەرنىڭمۇ ئېڭىدا ئاز تولا ئۆزگىرىش بولامىكىن دەيمەن ، ئاۋال مۇشۇ ساھەدىكى بازار ئىچىلسا ئاندىن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگىمۇ يول ئىچىلاتتى ، خەنزۇلارنىڭ تور بىكىتى بىلەن تور سودىسى قىلىش بىزگە تەرەققىيات ئىلىپ كىلەلمەيدۇ…

    • تورسودا : 2012-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى14:50:14  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      مىنىڭچە بۇ كۈنلەرگىمۇ ئاز قالدى، ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە تورسودا ئىشلىرىغا بەكرەك كۈچەۋاتقان ئۇيغۇر كارخانىلىرىمىزدىن كۆك ياقۇت شىركىتىگە قاراشلىق شىنجاڭ سودا تورى بىلەن، ئىزنا شىركىتى قارمىقىدىكى ئىزنا سودا تورى بۇ ساھەگە ھە دەپ كۈچىمەكتە، بولۇپمۇ شىنجاڭ سودا تورىنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى، ئۇيغۇر كارخانچىلارنىڭ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ مۇكەممەل بولغان سودا سۇپىمىزنى بارلىققا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمەن

  2. بازار : 2012-يىلى12-ئاينىڭ05-كۈنى20:03:24  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مەنمۇ دۇكان ئىچىۋالغىلى يىرىم يىلچە بوپ قالدىم،ئازبولسىمۇ ئانچى-مۇنچە كىرىم قىپ تۇردۇم،موچەن بولسىمۇ يانچۇققا كىرگىنى ئەۋزەلدە :eek:

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟