ئادەتتە توردىن مال سېتىۋېلىشتا (قىسقىسى توردا پۇل-مۇئامىلە قىلىشتا) چوقۇم بىزدە توردا پۇل چىقىم قىلالىغۇدەك شەرت-شارائىت ھازىرلىنىش كېرەك. ئادەتتە توردا بانكا كارتىسىدىن بىۋاستە پۇل يۆتكەش ئۇسلى بولغاندىن سىرىت ئىنتايىن ئىشەنچىلىك تور بانكا مۇلازىمىتى alipay تور بانكىسى بار. ئادەتتە سىز alipay ئارقىلىق ھېسابات قىلالىغۇدەك شارائىتنى ھازىرلىغان بولسىڭىزلا توردا مال سېتىۋېلىش ياكى دۇكان
ئېچىش(كېيىنكى باسقۇچتا سۆزلەيمىز) ئىشلىرى ئانچە تەس ئەمەس.قېنى ئۇنداقتا توردا مال سېتىۋېلىش، ياكى دۇكان ئېچىشتا كەم بولسا بولمايدىغان، چوقۇم بېسىشقا تېگىشلىك بىرىنچى باسقۇچلۇق دەرسلىك يوللاندى.
مەزكۇر دەرسلىكنى بىلىملەر تورى ئىشلىگەن بولۇپ، ئاساسەن ياخشى سۆزلەنگەن، مەن ئايرىم سۆزلىسەممۇ بۇنىڭدىن ياخشى سۆزلىيەلىشىم ناتايىن. شۇڭا دەرسلىك تورداشلارنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشى ئۈچۈن يۆتكەپ ئەكىلىندى.
مەزكۇر قەدەمنى ئورۇنلاپ بولغان بولسىڭىز كېيىنكى تېمىلىرىمىز مالنى قانداق سېتىۋېلىش توغرىلىق بولىدۇ. شۇڭا بلوگىمىزغا داۋاملىق دىققەت قىلىڭ. بىلەلمىگەن نۇقتىلار بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭ.
پۇل تۆلەش گۆھىرى 支付宝ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم پوچتا بانكىسىنىڭ تاۋباۋ كارتىسىنى بېجىرىشىمىز كېرەكمۇ؟
يىزا ئامانەت قەرىز كوپىراتىپىنىڭ كارتىسىدىن باشقا ھەرقانداق بانكىنىڭ كارتىسى بولىۋىرىدۇ
مەندە يىزا ئىگلىلىك نىڭ توردا مال سىتۋىلىش كارتىسى باتى
بولىدۇ، يىزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ تور بانكىسى بەك قولايلىق، ئالىپاي ھىساباتىڭىزغا باغلاپ ئىشلىتەلەيسىز…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مەن يىقىندا بىر تور كارتا بىجىرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ماۋدۇن يەنى بارماق دىسكىسىغا ئوخاش بىرنىمە بەرگەن پۇل چىقىم قىلغاندا بىۋاستە كارتىدىن چىقىم قىلدىم ، ئەمما ھىلىقى ماۋدۇن دىگەننى ئىشلىتىپ باقمىدىم، ئۇنىڭ نىمە رولى بار ، قانداق چاغدا ئىشلىتىمىز، چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئەگەر سىز ئەلىپاي ھىسابات نومۇرىڭىز بىلەن بانكا كارتىڭىزنى بىر-بىرىگە باغلىغان بولسىڭىز، ئۇ ماۋدۈن دىگەن نەرسىنى ئىشلەتمىسىڭىزمۇ ئوخشاشلا چىقىم قىلالايسىز، ماۋدۈننىڭ ئىشلەيدىغان جايلىرى كۆپ، مەسىلەن توردىن مال سىتىۋىلىش، تور بانكىسى ئارقىلىق باشقىلارغا پۇل ئۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى بىمالال پۈتتۈرەلەيسىز . . . . . .
قانداق ئەزا بولغىلى بولىدۇ ؟
دەرىسلىكنى تەپسىلىي كۆرسىڭىز ئاندىن بىلىسىز، يەنىلا بىلەلمىسىڭىز قالغىنىغا بىز بار . . . . .
رەخمەت سىلەرگە،مەن پۇل تۆلەش گۆھىرىگە تىزىملىتىشنى ۋە ئۇنى ئىشلىتىنى ئۈگىنىۋالدىم ، توردا سىلەرنىڭ ياردىمىڭلاردا خىلى كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگىنىۋالغۇدەكمەن ، رەخمەت سىلەرگە ….
سلەردىن يەنە مەسىلھەت سورايدىغان بولدۇم :
يىقىندا توردىن مال سىتىۋىلىپ مونداق ئىككى ئىشقا يولۇقتۇم
1. توردىن بىر چاپان سىتىۋالغان ، نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن قارىسام مالنى سالغانلىق ئۈچۈرى كۆرۇندى ، 运单号ئارقىلىق سۈرۈشتۇرسەم مال توغىرىسدا ئۈچۈر يوق ، ئالى ۋاڭ ۋاڭ ئارقىلىق مال ساتقۇچى بىلەن يەنە ئالاقىلاشسام 运单号سى خاتا بولۇپ قاپتۇ ، كەچۈرۇڭ دەپ يەنە بىر نومۇرنى دەپ بەردى ، بۇ نومۇر ئارقىلىق سۈرۈشتۇرسەممۇ يەنە ئۈچۈر يوق ، مال ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلاشسام خاتىرجەم بول ، چاتاق چىقمايدۇ دەيدۇ ، بۇ ئالدامچىلىقمۇ ياكى ، نورمال ئەھۋالمۇ ؟
بۇنىڭدىن بەكمۇ ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بەزىدە مال توشۇش ئۇچۇرلىرى كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ، سودىلىشىش ۋاقتىغا دىققەت قىلسىڭىزلا بولىدۇ، 10 كۈن توشۇپ كەتسە پۇل ئاپتوماتىك دۇكاندارنىڭ ھىساباتىغا ئۇرۇلۇپ كىتىدۇ…..
مەن يىقىندا يەنە بىر ئاياغ سىتىۋالغان، ئۇلارنىڭ توردۇكىنىدا 活动截止日期12月31号统一发货
دىگەن ئەسكەرتىش باركەن ،مەن بۇنىڭغا دىقەت قىلماي مالنى زاكاس قىلىدىم ، پۇلىنى پۇل تۆلەش گۈھىرى ئارقلىق چىقىم قىلىدم ،(ئەمما مال تاپشۇرۇپ ئالدىم دىگەننى باسمىدىم ) ، نەچچە كۈن ئۆتتى ،مالنى سالمىدى ، مال سىلىشنى ئەسكەرتسەم 活动截止日期12月31号统一发货 دىگەننى كۆرمىگەنما 31-چىسلا سالىمىز ديدۇ ، 31-چىسلاغىچە مەن مال زاكاس قىلغىلى 20نەچچە كۈن بولۇپ كىتىدۇ ، ئۇۋاققىچە پۇل زىدۇڭ سىلەرگە يوللىنىپ كىتىدۇ ، سىلەر مال سالمىساڭلار مەن زىيان تارتىمەنمۇ دىسەم ، مال ساتقۇچى خاتىرجەم بول مەن مال سالمىسام پۇل چىقىم بولمايدۇ دەيدۇ بو توغرا گەپمۇ ياكى ئالدامچىلىقمۇ ،؟
ئۇلار 发货 قىلمىغان بولسا بىر ئىككى ئاي ئۆتسىمۇ پۇل ئۇلارنىڭ ھىساباتىغا ئۇرۇلمايدۇ، بۇ تەرەپتىن سىز خاتىرجەم بولسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئۇ ۋاقىتقىچە ساقلاشنى ئىغىر كۆرسىڭىز دۇكاندار بىلەن دىيىشىپ مال قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ . . .
ئەۋەتكەن ئۈچۈرۇڭلارنى كۆرۇپ خاتىرجەم بوۇلۇپ قالدىم ،رەخمەت سىلەرگە ،ئاللاھ ئۆمرىڭىزنى ئۈزۈن قىلسۇن ، ساغلام تەن ،ساغلام ئەقىل ئاتا قىلسۇن ،
10كۈن ئۈتۈپ كەتسە پۇل قارشى تەرەپكە چىقىم بولۇپ بولسا ، مال كەلمىسە ،زىيان تارىتمامدىمەن ، ياكى يەنە قايتۇرۇپ ئالغىلى بولامدۇ ؟
سىز مال تاپشۇرۋىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋالسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر تىلفۇنىڭىز ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلفۇن بولسا ئالى ۋاڭ ۋاڭ سۆزلىشىش قۇرالىنىڭ يانفۇن نۇسقىسى بار، شۇنى تىلفۇنىڭىزغا چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالسىڭىز سىزگە كۆپ قولايلىق ئىلىپ كىلىدۇ، مىلىڭىز نەگە كەلدى، نەدە كىتىۋاتىدۇ دىگەنلەرنى ۋاقتى ۋاقتىدا ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ
يىزا ئىگىلىك بانكىسىدن كارتىدىن كارتىغا پۇل يۆتكىگىلى بولامدۇ ، بولسا يۆتكەش ئۇسۇللىرى قانداق ؟ بىركۈن بىرئاغىينەم توردىن ۋاكالىتەن مال سىتىۋىلىپ بىرىشىمنى ئۆتۇندى ، ئۇنىڭ كارتىسىدن كارتامغا پۇل يۆتكەي دىسەم قانداق مەشغۇلات قىلىشنى بىلمىدىم ، بانىكغا بىرىشقا پۈرسەت بولمىدى ….
كارتىڭىزنىڭ تور بانكا كەسپى ئوچۇق بولسىلا كارتىدىن كارتىغا ھەر ۋاقىت بىمالال پۇل يۆتكەش مەشغۇلاتىنى قىلالايسىز ، مەن بۇنى ئاخشام دەرىسلىك قىلىپ ئىشلەپ قويغان ، بىردەمگىچە بىلوگقا يوللاپ قويىمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،يىزا ئىگىلىك بانكىسىدن پۇل يۆتكەش توغرىسىدىكى دەرىسلىكىڭىزنى كۆرۈپ سورىغان سۇئاللىرىمغا جاۋاپ تاپتىم ، شۇنداقلا كاللامدا تۆۋەندىكىدەك سۇئاللار شەكىللەندى …
1. بانكا تەمىنلىگەن سەككىز خانىلىق نومۇر قايسى نومۇرنى كۆرسىتىدۇ، پۇل چىقىم قىلىش مەخپى نومۇر دەپ چۈشەنسەم بولامدۇ؟
2. بۇ دەرىسىلىكتە ئۆزىمىزنىڭ ھىسابىدىكى پۇلنى باشقىلارغا يۆتكەش توغىرىسدا سۆزلىنىپتۇ ، باشقىلارنىڭ كارتىسىدن مىنىڭ ھىسابىمغا قانداق پۇل يۆتكەيدۇ؟
ياكى بولمىسا باشقا ئىككى ئادەمنىڭ ھىسابىدىن بىر-بىرىگە پۇل يۆتكەپ بەرگىلى بولامدۇ ؟ بۇ سۇئالنى سورىشىمدىكى سەۋەپ ، نۇرغۇن ئاتا_ئانىلار يىراقتا ئوقۇۋاتقان باللىرىغا پۇل سىلىپ بىرىشنى ئۆتۈنگەن ، ناھىيەگە بىرىپ پۇل سالاي دىسە ئارىلىق يىراق ، ھەم بىرمۇنچە كىرا پۇلى تاپشۇرىدۇ …
3. ھەرقىتىم يىزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ تورنى ئاچسام IE تۈرىدىكى تۇر كۆرگۈچنى قاچىلاڭ دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە كومپىيۇتىرىمدا IE تور كۆرگۈچ قاچىلاغلىق بۇ قانداق مەسىلە ؟
سۇئالنى كۆپ سۇراپ سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم…
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام :
1. يىزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ تور بانكىسىدا پەقەت ئىككى خىللا مەخپى نومۇر بولىدۇ، بىرسى 6خانىلىق مەخپى نومۇر(ئاپتوماتىك پۇل ئىلىش ماشىنىسى 取款机 )دىن پۇل ئالغاندا ئىشلىتىدىغان مەخپى نومۇرنى كۆرسىتىدۇ . يەنە بىرسى 8خانىلىق مەخپى نومۇر (优盾، K宝) تور بانكىسىدا مەشغۇلات قىلغاندا ئىشلىتىدىغان بارماق دىسكىغا ئوخشايدىغان، كومپىيۇتىرنىڭ USB ئىغىزىغا چىتىپ ئىشلىتىدىغان نەرسىنىڭ مەخپى نومۇرنى كۆرسىتىدۇ .
2. مەيلى سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھىساباتىدىن باشقىلارنىڭ ھىساباتىغا پۇل يۆتكەڭ، ياكى باشقىلار ئۆز ھىساباتىدىن سىزنىڭ ھىساباتىڭىزغا پۇل يۆتكىسۇن پەرقى يوق، مەشغۇلات جەريانى ئوپمۇ ئوخشاش، قارشى تەرەپنىڭ تور بانكا كەسپى ئوچۇق بولسىلا پۇل يۆتكەش مەشغۇلاتىنى بىمالال قىلالايدۇ .
3. بەلكىم ئىشلەتكەن IE تور كۆرگۈچىڭىز كونا نەشىردىكى تور كۆرگۈچ بولۇشى مۇمكىن، بۇ پۇل-مۇئامىلە ئىشى بولغاچقا ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەلەپ قىلىدۇ، ئالدى بىلەن تور كۆرگۈڭىزنىڭ نەشىرىگە قاراپ بىقىڭ، يەنە بىر ئىش كومپىيۇتىرىڭىزغا 360ۋىرۇسخورنى قاچىلىۋىلىڭ، بانكىنىڭ بىخەتەرلىك ياماقلىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ . . .
ئەسسالامۇ ئەلەيگۇم ، يىقىندىن بىرى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان يۇدۇننى يەنە ئىشلەتمەكچى بولۇپ مەخپى نومۇرىنى كىرگۈزسەم مەخپى نومۇر خاتادەپ تۇرۋالدى ،بانكىدىن چىقىرىپ بەرگەن تالۇن بويىچە كىرگۈزسەم يەنە خاتا دەپ تۇرۋالدى ، نىمىشقا يۇدۇننىڭ مەخپى نومۇرى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ، ياكى بىرە ۋىرۇسنىڭ ئىشىمۇ ؟
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بەك خۇش بولدۇم رەخمەت
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ئەرزىمەيدۇ
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەن 支付宝نىڭ دەرىسلىكتىكى باش بېتىنى ئاچالمىدىم ئېغىر كۆرمەي مەسلىھەت بەرسىڭلا تور ئادرىسىنى كىرگۈزگەندىن كىيىن بۇ بەت ئېچىلدى
قالدۇرغان رەسىمىڭىز ئىچىلمىدى، قايتىدىن يوللاپ قويامسىز؟
كەچۈرۈڭ رەسىم يوللاشنى بىلمەيدىكەنمەن مەن支付宝غا تېلفۇن نۇمۇرىغا تىزىملاتتىم چوڭ خەتەر چىقمايدىغاندۇ؟ رەھمەت سىزگە
ياق،ھىچقانداق خەتەر چىقمايدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم تورداشلار: مەن تور سودا بىلۇگىنىڭ ياردىمىدە تاۋباۋدا دوكان ئىچىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئاخرى دۇكان ئىچىش ئىلتىماسىمنى تەستىقلىدى، ئەمما كىنكى باسقۇچلارنى بىلمىدىم ، دوكاننىڭ قۇرۇلمىسىنى ،قانداق بىزەشنى پەقەتلا بىلىمدىم ، ياكى بولمىسا ئۈزۈم پىرۇنپىچ دىن پايدىلىنىپ دوكان قۇرۇلمىسىنى لاھىيەلىسەم ، بولاھىيەنى ئىشلەتكىلى بولامدۇ، ياكى موقىم دۇكان قۇرۇلمسى بارمۇ ، ياردەم قىلغان بولساڭلار .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم تورداشلار: مەن تور سودا بىلوگىنىڭ ياردىمىدە تاۋباۋدا دوكان ئىچىش ئىلتماسى سونغان ، سونغان ئىلتىماسىم تەستىقلىنىپ دۇكانغا بىر كود نومۇرى بىرىپ بولدى ، ئەمما كىيىنكى باسقۇچلارنى بىلمىدىم ، دۇكاننىڭ قۇرۇلمىسىنى ، قانداق بىزەشنى پەقەتلا بىلىمدىم ، ياكى بولمىسا ئۈزۈم پىرۇنپىچ دىن پايدىلىنىپ دوكان قۇرۇلمىسىنى لاھىيەلىسەم ، بۇ لاھىيەنى ئىشلەتكىلى بولامدۇ، ياكى موقىم دۇكان قۇرۇلمسى بارمۇ ، ياردەم قىلغان بولساڭلار .
تور دۇكان ئىلتىماسىڭىز تەستىقلىنىپ بولغاندىن كىيىن ، تاۋباۋدىن بەرگەن تور دۇكان قۇرۇلمىسى ئاددى ھالەتتە چىقىدۇ، ئۇنى ئۆزىڭىز ئۆزگەرتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، ياكى بولمىسا 装修市场 غا كىرىپ نەچچە مىڭلىغان ئۇسلۇبلار ئىچىدىن ئۆزىڭىز خالىغاننى ‹‹ھەقلىق››سىتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
http://zxn.taobao.com/index.htm بۇ ئادىرىستىن ئۆزىڭىزگە ماس ئۇسلۇبنى تاللاپ سىتىۋلسىڭىز مۇ بولىدۇ
يەنە چۈشەنمىگەن مەسلىلەر بولسا بىمالال سوراڭ . . .
يىزا ئىگىلىك بانكا كارتىسىدىن پۇل يۆتكەش توغىرىسىدا ئىشلىگەن دەرسىڭلارنىڭ كۆرۇپ سىناپ باقتىم ، پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئالپاي ھىساباتىغا باغلىغان كارتىدىن باشقا كارتىغا پۇل يۆتكىگىلى بولىدىگەن ، ئەمما باشقىلارنىڭ كارتىسىدىن مەسىلەن توركەسپى ئۈچۈق مائاش كارتا بارئىدى ، ئونوڭدىن ئالپاي ھىسابىغا ياكى باشقىلارنىڭ كارتىىسىغا پۇل يۆتىكىيەلمدىىم ، بو توغىرىسدا تەپسىلى تەلىم بەرسىڭىز .
تور بانكا كەسپى ئوچۇقلا كارتا بولسا باشقا كارتىغا پۇل يۆتكەش مەشغۇلاتىنى قىلالايسىز، ئۇنىڭ ئالىپايغا باغلىنىغ باغلانماسلىقنىڭ مۇناسىۋىتى يوق ….
سالام تورداشلار ئالىپاي ئەزالىق ھىساۋاتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى دەپ بەرگەن بولساڭلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
توربەتلەرنى كۆرۈپ سىزنىڭ ئىنكاسلارغا تەپسىلىي جاۋاپ بەرگەنلىكىڭىزنى كۆردىم ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن
مەن توردىن نەرسە سېتىۋېلىۋاتقىلى 4 يىل بولغان ھېچقانداق مەسىلە بولمىغان لىكىن 6 ئايدىن باشلاپ 支付宝نى توختىتىۋەتتى ، ھەقىيقى سالاھىيتىڭىزنى تولدۇرۇڭ دەپ ، سالاھىيەتنى تولدۇردۇم كىملىك رەسىمىنى چىقىرىپ دىگەندەك لىكىن كىملىكنى تولدۇرۇپ بولۇپ بانكا ھىساۋاتىڭىزنى باغلىمىسىڭىز بولمايدۇ دەپ چىقىۋالدى ، نەچچە قىتىم سودا سانائەت ، يېزا ئېگىلىك ، پوچتا بانكىسى كارتىلىنى تولدۇرۇپ قىلسام 1 2 كۇن ئىچىدە ئىلتىماس تەستىقلىنىدۇ 支付宝دىن 1 مۇچەن ئەۋەتىلىدۇ دەپ ، ھەرۋاقىت مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىدى ماڭا ياردەم قىلسىڭىز سىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن . بولسا چ چ نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز سىزدىن ئۆگەنسەم بولاتتى . ھەم 支付宝 دا ئازراق پۇل باتتى ئۇنى ئىشلىتەلمىدىم .
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، مەسلىڭىز ھەل بولدىمۇ يوق؟ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئالدىراشچىلىقتا يۈرۈپ ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالماي قالدىم . ئەگەر قىلالمىغان جايلىرىڭىز بولسا ئۆزۈم بىر قوللۇق ياردەم قىلىپ پۈتتۈرۈپ بىرەي . . .
مەن توردىن مال سېتىۋىلىشنى ئۇگەنمەكچى ئىدىم . ماڭا ياردەم قىلغان بولساڭلار. 2195356484 ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن . ئىشلىرىڭلار بەرىكەتلىك بولسۇن . مەن بەكلا قىزىقاتتىم .
دەرسلىكلەرنى ئوقۇدۇم . يەنىلا ئانچە چۈشىنەلمەيۋاتىمەن .
ئاز-تولا خەنزۇ تىلىدىن خەۋىرىڭىز بولسلا توردىن مال سىتىۋىلىش ، توردا دۇكان ئىچىشنىڭ ھىچقانداق تەس دىگۈدەك يىرى يوق .
بىلمىگەن چۈشەنمىگەن جايلار بولسا بىز يىتەكچىلىك قىلىمىز .
تور سودا بىلوگى :
تور سودا مۇنازىرە مۇنبىرى : http://www.torsoda.net
مەن بۇ تور بەتتىن خېلىلا رازى بولۇپ قالدىم . تور بەت قۇرغۇچى ناھايىتى ئەستايىدىل ، سەمىمى كىشى ئىكەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئالىپايغا تىزىملاتقاندا ئىسىم فامىلە ئوتتۇرسىغا چىكىت قويغاندا بوشلۇق قۇيۇپ چىكىت ئاندىن يەنە بوشلۇق فامىلە يازامدۇق ياكى بوشلۇق قويمايلا چىكىت قويامدۇق.بۇنداق دىيىشىم مەن تېلېفوندا تىزىملاتماقچىتىم يازسام مۇنداق چىقتى
阿阿阿•阿阿阿 ھالەتتە چىقتى،لىكىن كىملىكىمدە 阿阿阿 • 阿阿阿 ھالەتتىكەن