ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تور سودا بىلوگىنىڭ ئەزىز ئوقۇرمەنلىرى ، ئاللاھ ئىشلىرىمىزغا بەرىكەت بەرسۇن .
مەقسەتكە كىلەيلى : يىقىندىن بۇيان كۆپ تورداش دوستلارنىڭ مەندىن ياردەم سوراپ ماڭا تىلفۇن قىلىپ ياكى QQ دا ئۇچۇر قىلىپ تاۋباۋدىن سىتىۋالغان مالنى قايتۇرالمىغانلىقى ھەققىدىكى ياردەم سوراشلارنىڭ كۆپلەپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، تاۋباۋدىن سىتىۋالغان مالنى قايتۇرۇش جەريانىنى رەسىملىك ئاددى قىلىپ يوللاپ قويۇشنى توغرا تاپتىم .
ئالدى بىلىن تاباۋ ھىسابات نومۇرىمىزغا كىرىمىز ، 我的淘宝 دىن 已买到的宝贝(سىتىۋالغان ماللىرىم) دىگەنگە كىرىپ ، قايتۇرماقچى بولغان مالنى تاللاپ تۆۋەندىكى مەشغۇلاتنى قىلىمىز، تۆۋەندە ئۆزۈم مال قايتۇرغان جەرياننى مىسال قىلىپ ئۆتىمەن .
بۇ رەسىمدىكى كۆرۈنۈش بولسا مەن مال سىتىۋالغان لىكىن دۇكاندار مال ئىۋەتىشتىن بۇرۇن ، مەن مالنى قايتۇرۇش ئىلتىماسى سۇنغان كۆرۈنۈش
قايتۇرماقچى بولغان مالنى تىپىپ ، 退款/退货 (مالنى قايتۇرۇش/ پۇلنى قايتۇرۇش) دىگەننى باسىمىز .
退款/退货 (مالنى قايتۇرۇش/ پۇلنى قايتۇرۇش) دىگەننى باسىقاندىن كىيىن يۇقارقى كۆرۈنۈش چىقىدۇ
请选择退款原因 (مال قايتۇرۇشنىڭ سەۋەبى) دىگەن تۈرنىڭ ئىچىدىن ئۆزىڭىزگە ماس كەلگەن سەۋەبدىن بىرنى تاللايسىز ، ئەگەر سىزگە ماس كەلگۈدەك تۈر بولمىسا 其他(باشقا) دىگەننى تاللاپ ئاستىدىكى بوش ئورۇنغا مال قايتۇرشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى يازسىڭىز بولىدۇ ، (پالان-پوكۇن بولغانلىقى ئۈچۈن مالنى قايتۇرماقچىمەن) دىگەندك .
مال قايتۇرۇش جەريانىدا دۇكاندار بىلەن كىلىشەلمەسلىك ياكى دۇكاندار قايتۇرۇشنى رەت قىلىپ قالسا ، سۆزلىشىش خاتىرىسى ۋە باشقا ئەمەلي ئىسپات رەسىملەرنىمۇ قوشۇپ يوللىسىڭىز بولىدۇ . 选择凭证图(ئىسپات رەسىملەرنى تاللاش) دىگەننى بىسىپ كومپىيۇتىرىڭىزدىكى ساقلاپ قويغان ئىسپات رەسىملەرنى تاللاپ بولغاندىن كىين 提交申请(ئىلتىماسنى يوللاش) دىگەننى باسسىڭىز مال قايتۇرۇش ئىلتىماسى يوللاش مەشغۇلاتىڭىز تاماملانغان بولىدۇ .
قايتۇرغان مىلىڭىزغا قارىسىڭىز رەسىمدىكىدەك 退款处理中(قايتۇرۇش بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ) دىگەن ئۇچۇر چىقىدۇ . دۇكاندار مال قايتۇرۇشقا قوشۇلسا 退款成功 (قايتۇرۇش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى)دىگەن خەت كۆرۈنىدۇ .
مال سىتىۋالغان ۋاقىتتا پۇلنى 支付宝(پۇل تۆلەش گۆھىرى) دىن چىقىم قىلغان بولسىڭىز قايتقان پۇل شۇ ھامان 支付宝(پۇل تۆلەش گۆھىرى) ھىساباتىڭىزغا كىرىدۇ، ئەگەر تور بانكىسىدىن چىقىم قىلغان بولسىڭىز پۇلنى بانكىدىكىلەر ھىساباتىڭىزغا ئۇرۇپ بىرىدۇ ، پۇل بىرنەچچە سائەت ياكى بىر نەچچە كۈن كىچكىپ ھىساباتىڭىزغا قايتىپ كىلىشى مۇمكىن .
چۈشەنمىگەن ، بىلمىگەن جايلار بولسا ئىنكاس يازسىڭىز بولىدۇ ، ئامال بار ۋاقتىدا چۈشەنچە بىرىلىدۇ .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،سىلىنى يوقلاپ كەلدىم تور سودا جانابلىرى ، مۇنۇ يازمىغا قارىغاندا ئادەتتە توردىن مال سېتىۋالغاندا پۇل تۆلەش گۆھىرى ئىشلەتسە ياخشىكەن ، مەنمۇ شۇنىڭغا ئادەتلەنسەم بولغۇدەكتە.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، خۇش كەپسىز بۇرادەر
كەلمىگەن ۋە كەلگەن ماللارنى قايتۇرۇشقا ئۇستا بولۇپ كەتتۇق ، دەيمە …..
بىلىمەن سىلى ئۇستا بوپ كەتتىڭلار، بۇ ئىشلارنى بىلمەيدىغان قىرىنداشلىرىمىزمۇ خىلى كۆپكەن ، شۇلار ئاز تولا پايدىلانسۇن دەپ يولاپ قويدۇم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورسودا ئاكا مەن يىقىندا توردىن مال سېتىۋېلىشقا كىرىشكەن ئىدىم . تۈنۆگۈن مەن دىققەت قىلماي مالنى باشقا بىرسى بىلەن گەپلىشىپ ئېلىپ ، پۇلنى ئۇرۇپ بىرىدىغان چاغدا ئانچە بەك قارىمايلا باشقا بىر دۇكاندارنىڭ مىلىنى ئېلىپ پۇلنى شۇنىڭغا ئۇرۇپ بىرىپتىمەن ، كيىن ئۇ دۇكاندار مەندە مال يوق دەپ ، يامالنى سېلىپ بەرمىدى يا پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىدى . مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ خاپا بولماي يادەم قىلسىڭىز؟ مەن خەنزۇچىنىمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيتىم شۇڭا قانداق قىلىشىمنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغانتىم. بىراق توردا سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزنى كۇرۇپ ، ماڭا ياردەم قىلغىدەك ئادەم چىقتى دوپ سەل ئۈمۈدۋار بوپ قالدىم……
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، سىز خاتا سىتىۋالغان بولسىڭىز مال قايتۇرۋىتىش ئىلتىماسى سۇنۇڭ، پۇل قايتۇرۇشنى ئۆزىڭىز ئىلتىماس قىلمىسىڭىز بولمايدۇ، بولمىسا دۇكاندار سىزگە بىۋاستە پۇلنى قايتۇرۇپ بىرەلمەيدۇ، پۇل ھازىر تاۋباۋنىڭ قولىدا ، ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەزكۇر دەرىسلىكتىكى بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تور سودا ئاكا مەن توردىن جۇجى قۇراشتۇراي دىگەن تازا ياخشى چىقماي قالامۇ دەيمەن مەن كومپىيۇتۇرنىڭ قايسسى ياخشى چىقا تازا ياخشى بىلىپ كەتمەيمەن تەخى تۇنجى قىتىم توردىن مال سېتىۋېلىشقا كىرىشكەن شۇڭا سزدىن سەپلىملەرنى سوراپ ئالاي قانداق مەسلىھەت بىرەلەسزمۇ ؟؟؟ 2500 يۇەن ئەتراپىدا ئادەتتە ئۇياننى كۆپرەك ئوينايمەن 30 ئەتراپىد چىقىدۇ
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ئۆزىڭىز ھازىر نەدە؟ ئەگەر قەشقەردە بولسىڭىز دۇكىنىمدىنلا سىزگە يارىغۇدەك قىلىپ قۇراشتۇرۇپ بىرەي
سىز كومپىيۇتېر مۇ ساتامسىز ، كونكىرىتنى ئورنىڭىز نى دەپ بىرەلەمىسىز؟
سىز دىن سۇرايدىغان سۇئالىم :بىز تاۋباۋدىن مال سىتىۋىلىش ئۈچۈن ماللنى تاللاپ بىر قارارغا كەلگۈچە ھارۋىغا سىلىپ قويىمىز ، ھارۋىغا سىلىنغان مال ،دوكاندارنىڭ سىتىشىغا تەسىر قىلامدۇ ، مەن يىقىندا بىر مالىنى ھارۋىغا سىلىپ قويۇپ ئىككى ھەپتىدەك ۋاقىت ئۆتۇپ كەتتى ، بىر كۈنى دوكاندار تېلغۇن قىلىپتۇ ، ئالمىساڭ مالىنى ھارۋاڭدىن ئۈچۈرۋەت دەپ ، بوقانداق گەپ.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
مەن تاۋباۋدىن بىر بەت سېستىمىسىنى 39 يۈئەنگە ئالغان ئىدىم ، خەت ساندۇقۇمغا يوللاپ بەردى ، لىكىن بەت سېستىمىسى مۇكەممەل ئەمەس،كام يەرلىرى بەك تۇلا ئىكەن ، مەن يۇقىردا دىيىلگەندەك مەشغۇلات قىلىپ پۇلۇمنى قايتۇرۋالاي دىسەم ،提款处理中 دىگەن خەت چىققان بىر كۈندىن كىيىن كىرسەم 交易关闭 دەپ خەت چىقىپ قاپتۇ ، مال ساتقۇچى 不想买 دەپ يېزىپ قۇيۇپتۇ ، يا پۇلۇم قايتىپ كەلمىدى ، يا مۇۋەپپىقيەتلىك بولماپتۇ ، بىر چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار .خەت ساندۇق ئادىرسىم59496604@qq.com
ئەسسالام
ئەگەر دۇكاندار مالنى قايتۇرۇشقا قوشۇلمىسا يەنىلا پۇلنى بىزگە سېلىپ بەرمەمدۇ؟
ئەگەر دۇكاندار مالنى قايتۇرۇشقا يولسىزلارچە قوشۇلمىسا، تاۋباۋ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ مەسلىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىدۇ ، دۇكاندار ياكى مال سىتىۋالغان خىرىدار ھەر ئىككى تەرەپكە يان باسمايدۇ .
مەن 158 يۈەنگە نەرسە سېتىىۋالغان ، مالنى سالالمايمەن دەپ پۇلنى قايتۇرۋېلىڭ دىدى ، مەن ئىلتىماس قىلغىلى ئىككى كۈن بولدى ، پۇل قايىتمىدى ، قانداق قىلسام بولار؟
دۇكاندار بىلەن ئالاقىلىشىپ سۈيلەپ قويسىڭىز بولىدۇ ، بەزى دۇكاندارلار شۇنداق پاسسىپ تۇرىۋالىدىكەن ، پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بىرىش ۋااقتى كەينىگە سۈرۈلگەننى ھىسابقا ئالمىغاندا بۇنىڭ سىزگە ھىچقانداق خەۋپى يوق .
كەپ بولغان مالنى قايتۇرۇش توغۇرلۇك بىر تېما يېزىپ قويغان بولسىڭىز.