ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار : مەن ئۆزۈم تاۋباۋ تورىدا دۇكان ئېچىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كىلىۋاتقىلى 3يىلدىن ئاشتى . ئۆزۈم دۇكان ئاچىتىم ۋە باشقا قېرىنداشلارنىڭ تاۋباۋ تورىدا دۇكا ن ئېچىشىغا ياردەم قىلىپ كەلدىم.
تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ 3يىل جەريانىدا توپلىغان بەزى تەجىرىبىلىرىمىنى قېرىنداشلارغا سۇنماقچى ، بۇ مەزمۇنلار نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىغا كۆپ ياردىمى بولغان شۇڭا دۇكان ئاچماقچى بولغانلارنىڭ تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلمەن .
1. تاۋباۋ تورىدا دۇكان ئاچماقچى بولغاندا نىشاننى ئېنىق بىكىتىش .
قانداق خاراكىتىرىدىكى دۇكان ئاچىمەن ، نىمە مەھسۇلات ساتىمەن ، نىمە مەقسەتتە دۇكان ئاچماقچى دىگەنلەر ئايدىڭ بولۇش كېرەك . بولمىسا تولا نىشانى ۋە مەقسدى ئۆزگىرىپ ۋاقىتى ئىسراپ بولىدۇ .
2 . ئازىراق مەبلەغ توپلىشى كېرەك .
دائىم دىگۈدەك قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش دىگەننى ئاڭلايمىز، بۇ پەقەت سىزنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈنلا دىيىلگەن گەپ .
تەييارلاشقا كېرەكلىك مەبلەغلەر : 1.زاكالەت پۇلى 1000يۈەن، تېلفون ساتماقچى بولغانلارنىڭ 10000 يۈەن .
2.ئېلان تەشۋىقات ۋە دۇكاننى بىزەش ئۈچۈن 500-5000 يۈەنگىچە پۇل تەييارلاپ قويۇش، پۇلىڭىز كۆپ بولسا تېخى ياخشى .
3 . ئىزچىللىق
تاۋباۋ تورىدا دۇكان ئاچقۇچىلار ئىزچىللىقنى داۋاملىق تۈردە ساقلاش كېرەك . مەلۇم بىر مەزگىل دۇكانغا ئادەم كىرمىسە سەۋىر قىلىپ ئىزچىل ھالدا ئېلان -تەشۋىقاتنى توختىماي قىلىش، باشقلار دۇكىنىغا مۇنداق مال كىرگۈزۈپتىكەن شۇڭا سودىسى بەك ياخشىكەن دەپ ئەگىشىپ ئىش قىلماسلىق . ئۆزىنىڭ ماڭغان يولىدا ئىزچىل ھالدا مىڭىش . ( بەزى ئەھۋاللاردا ئۆزىنىڭ ۋە باشقا سەۋەبلەرگە قاراپ دۇكان خاراكىتىرنى ئۆزگەرتسىە بولىدۇ .)
4 . ئۆگىنىش
تاۋباۋدا دۇكان ئاچقۇچىلارغا مېنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىم توختىماسىتىن ئۆگنىش . تاۋباۋ تورىدا 100 مىليۇنغا يېقىن ئادەم دۇكان ئاچىدۇ ، تېخنىكا ۋە ماركىتىڭ جەھەتتە يىڭىلىنىپ مىڭىش سۈرئىتى ئىنتايىن تىز، ھەمدە بۇيىل تورغا كىرىۋاتقانلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ . تور سودسىدا يىڭىپ چىقماقچى بولغان بولسىڭىز كۈندە ئۇگىنىڭ ھەم ئۇگەنگىنىڭىزنى شۇ ھامان ئشىقا سىلىڭ . ئەتەئىشلىتەي دىسىڭىز تارىخقا ئايلىنىپ قالىدۇ. ھەرقاچان تاۋباۋدىكى يىڭىلىقلارغا دىققەت قىلىپ تۇرۇش كېرەك .
5 . يىڭىلىق يارىتىش
بىز باشقىلار ماڭغان ئىزىنى بويلاپ ماڭساق ھامان شۇنىڭ كەينىدە ماڭىمىز . تاۋباۋدا ۋە تور سودىسى ساھەسىدە يىڭلىق يارىتىش بىزنىڭ سودىمىزنىڭ ياخشى بولشىغا مۇھىم تەسىرى كۆرسىتىدۇ . يۇقىرىدا ئۇگىنىش توغرىسدا سۆزلىدىم .
بىز ئۇگىنىش ئارقىلىق تاۋباۋ ۋە تور سودىسىغا بولغان چۈشەنچىمىز يۇقىرىلايدۇ ، تاۋباۋدا يىڭىلىق يارىتىش كۈچىمىز ئۇرغۇيدۇ .
6. ھەمكارلىشش
تاۋباۋ دۇكان ئاچقۇچىلار ئوخشاش كەسپتىكى ئوخشمىغان كەسپىتكى تاۋباۋ دۇكاندارلار بىلەن ياخىشى ھەمكارلىشىپ ئۆزىنىڭ دۇكىنى ياخشى تەشىۋىق قىلىش . دوستانە ئۇلىنىشلارنى قويۇش ئارقىلىق ئېقىم مىقدارىنى ئاشۇرۇش .
باشقا دۇكانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلان تەشۋىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ، ھەرخىل مۇكاپاتلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش .
7 . ئارام ئېلىش
تاۋباۋدا دۇكان ئاچقۇچىلارئارام ئېلىشنى ئۇگىنىشمۇ مۇھىم ئېشنىڭ بىرى . تاۋباۋ دۇكان ئاچقۇچىلار دائىم دىگۈدەك كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرىدۇ . پۈتۈن ئەس-يادى سودىسىدا دۇكىنىغا كىرگەن ئادەمدە بولىدۇ . شۇڭا چارچاش ئېغىر بولىدۇ ، ھەمدە ئەمەلىي تۇرمۇشتىن ئايرىلىپ قالغاندەك بولۇپ قالىدۇ ، شۇڭا كۈندە ۋاقىت چىقىرىپ ھەرىكەت قىلىش ، ئەتراپىدىكلەر بىلەن كۆپرەك مۇڭدىشىش . ھەپىتىدە بىر ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قاتنىشىش . (تۇغقانلار بىلەن باردى كەلدى قىلىش، دوستلار بىلەن يىغىلىش )
يۇقارىقى مەزمۇنلارنى تەييارلىغۇچى : مىراس كىيىمچىلىكى تور بازار بۆلىمىدىن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مىنىڭ تاۋباۋ ھىساۋاتىم بىر نەچچە كۈن بولدى ، بىنورمال ئوڭشىيالماي بەك ئاۋارا بولوپ كەتتىم ، 尊敬的用户,因您的帐号存在异常,需进一步校验您的信息。 مۇشۇ خەت چىقىۋىلىپ ھىساۋاتىمغا كىرگىلى بولمايۋاتىدۇ ، مۇمكىن بولسا يول كۆرسەتسەڭلار
مەسلىڭىز ھەل بولدىمۇ ؟ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئالدىراشچىلىقتا يۈرۈپ ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالماي قالدىم .
بەك ياخشى مەز مۇن يوللاپسىز ئۇستاز ! ھارمىغايسىز !
رەھمەت ، كۆپرەك قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرۇڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز سىز بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ مۇمكىن بولسا 15559446879 تېلپۇن قايتۇرغان بولسىڭىز.
ئەسسالام ئەلەيكۇم بەك ياخشى مەزمۇنلارنى يوللاپسىز بولۇپمۇ مېنىڭدەك ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان ھەۋەسكارلار ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك ئۆگىنىش پۇرسىتى ئىكەن ئاللا سىزگە تېخىمۇ كۆپ ئەقىل ۋە كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلغاي
ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت