توردا ئىگىلىك تىكلەڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت | ئۇنىۋېرسال | ئاساسىي مەزمۇن
ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئالاھىدە خۇشخەۋەر
2014-يىلى06-ئاينىڭ23-كۈنى ئۇنىۋېرسال ⁄ جەمئى 3734خەت بار 2پارچە ئىنكاس بار ⁄ 6,667 قېتىم كۆرۈلدى+

ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئالاھىدە خۇشخەۋەر

تىجارەت كېنىشكىسى ۋە ماركا رويخەت ئىلتىماسىنى مۇلازىمەت ھەققى ئالماي بېجىرىپ بېرىمىز، ھەقسىز تەربىيەلەيمىز، ھەقسىز مەسلىھەت بېرىمىز، ئىگىلىك تىكلەش قەرزى ئالماقچى بولغانلارنىڭ رەسمىيەت بېجىرىشىگە ھەقسىز ياردەم قىلىمىز.

مۇلازىمەت ئوبيېكتىمىز 500 ئادەم بىلەن چەكلىنىدۇ، پۇرسەت غەنىمەت، ئىھتىياجىڭىز بولسا دەرھال تىزىملىتىڭ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ماركا تەتقىقات ئورنىنىڭ

«ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىپ، موقۇملۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش»

ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئېلانى

دۆلەت خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ماركا تەتقىقات ئورنى 2014– يىلى 6– ئاينىڭ 1– كۈنىدىن 11–ئاينىڭ 30– كۈنىگىچە قەشقەر شەھىرىدە «ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىپ، موقۇملۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئىجتىمائىي مۇلازىمەت تۈرىنى يولغا قويىدۇ.

1– مۇلازىمەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى:

مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا، قەشقەر شەھىرىدە مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار شەھەر– يېزا ئاھالىسىدىن 500 نى تىزىملاپ، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش، ئېھتىياجلىق بولغانلارغا ئايرىم ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش، تىجارەت كېنىشكىسى، ماركا رويخەت كېنىشكىسى قاتارلىقلارنى مۇلازىمەت ھەققى ئالماي بېجىرىپ بېرىش، ئىگىلىك تىكلەش قەرىز پۇلى ئېلىشقا ئىھتىياجلىق بولغانلارنى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا تونۇشتۇرۇش ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا بىربىرىگە كېپىل بولۇپ قەرىز پۇل ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىگە ياردەم قىلىش، يېرىم يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ 500 ئادەمنى مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش يولىغا يىتەكلەپ، ئىجتىمائىي موقۇملۇققا ئاكىتىپ تەسىر كۆرسىتىش.

2–تەشكىلىي ئاپپارات:

مەزكۇر پائالىيەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ماركا تەتقىقات ئورنىنىڭ قەشقەرگە مەخسۇس خادىم ئەۋەتىپ بىۋاسىتە تەشكىللىشى، قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، خۇسۇسىي كارخانا– يەككە سودا– سانائەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ بىۋاسىتە قوللىشى ۋە يېقىندىن ياردەم بېرىشى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3– مۇلازىمەت خىراجىتى:

مەزكۇر مۇلازىمەت پائالىيىتى مەركەز مالىيەسىنىڭ مەخسۇس تۈرمەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشكەن بولۇپ، مۇلازىمەت ئوبيېكىتلىرىدىن زۆرۈر بولغان مەمۇرىي ھەقتىن باشقا ھېچقانداق تۈردە مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنمايدۇ.

4– مۇلازىمەت ئوبيېكىتلىرىنىڭ ئۆلچىمى:

تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار يەرلىك ھۆكۈمەت خەلق ئىشلىرى تارمىقى ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاھالە كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن مۇلازىمەت ئوبېيكىتى بولالايدۇ:

(1) قەشقەر شەھىرىدە ئىشسىزلىقنى ئەنگە ئالدۇرغان كىشىلەر؛

(2) ئەرلەر 50 ياشتىن تۆۋەن، ئاياللار 45 ياشتىن تۆۋەن بولىشى كېرەك؛

(3) بەش ئەزايى ساق، تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەر؛

(4) ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى ۋە مۇئەييەن شەرت – شارائىتى بار كىشىلەر؛

5– مۇلازىمەتنىڭ قەدەم– باسقۇچلىرى:

(1) 6– ئاينىڭ 1– كۈنىدىن 7– ئاينىڭ 31– كۈنىگىچە مۇلازىمەت ئوبيېكىتلىرىنى تىزىملاش باسقۇچى بولىدۇ. ھەقسىز مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ماركا تەتقىقات ئورنىنىڭ قەشقەردە تەسىس قىلغان مۇلازىمەت ئورنى ياكى قەشقەر شەھەرلىك خۇسۇسىي كارخانا– يەككە سودا– سانائەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ كاتىبات بۆلۈمىگە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.

(2) 8– ئاينىڭ 1– كۈنىدىن 11– ئاينىڭ 31– كۈنىگىچە كونكرېت مۇلازىمەت باسقۇچى بولىدۇ. 8– ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ماركا تەتقىقات ئورنى قەشقەرگە مەخسۇس مۇتەخەسىسلەر گورۇپپىسى ئەۋەتىپ، مۇلازىمەت ئوبيېكىتلىرىنى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيىلەش ھەمدە ئۇلارغا مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. ھەربىر نەپەر مۇلازىمەت ئوبيېكتى 160 يۈەن قىممىتىدە دەرسلىك ماترىيالدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدۇ.

(3) 10– ئاينىڭ ئاخىرلىرى مۇلازىمەت پائالىيىتى مۇلازىمەت ئوبيېكىيلىرىنى قايتا يوقلاش، يولۇققان مەسىلىلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەل قىلىش، مۇلازىمەت نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ماركا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبىي ئازاتلىق يولى 148–  نومۇرلۇق باۋخېڭ سارىيى 7– قەۋەت، تېلېفون: 0991-2864588   2864688

مۇلازىمەت ئورنى : قەشقەر ساپ دىل مەدەنىيەت پەن-تىحنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تور سودا ئىشخانىسى، شىركەت ئادىرىسى: قەشقەر شەھەر ياۋاغ كوچا باشقارما جانقورغان كومتىت  6-گورۇپ .

تور ئادىرىسى  : www.torsoda.com    www.torsoda.cn   www.torsoda.net     www.torbazar.com                    تىزىملاش ئورنى : قەشقەر شەھەر گۈزەر پوچتىخانىسىنىڭ ينىدا  ( تور سودا كومپىيۇتىر تور ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورنى ) .

تىلىفۇن نومۇرى   :  13565650767        1445087455    QQ :

نۆۋەتتە 2 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە : زىيارەتچى قالدۇرغىنى : 2 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى : 0 پارچە

  1. ئەلتەر China Google Chrome Windows : 2014-يىلى06-ئاينىڭ25-كۈنى13:01:07  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ما ئاداشنى ياخشى ئىش بولسا خەۋەرمۇ قىلماي دىكەنمىز ھە؟

  2. سارايۋەن China Google Chrome Windows : 2014-يىلى09-ئاينىڭ04-كۈنى12:00:23  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    بۇ بەك ياخشى گەپكەنغۇ بۇرادەر سودا قىلىش ئۇچۇن قەرىز ئالماقچى ئىدىم مۇمكىن بولسا مەن سىلە بىلەن ئالاقىلشاي

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟