توردا ئىگىلىك تىكلەڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت | ئۇنىۋېرسال | ئاساسىي مەزمۇن
ئۇيغۇرلاردىكى 2014-يىللىق ئەڭ مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگلارنى باھالاش پائالىيىتى باشلاندى
2015-يىلى03-ئاينىڭ29-كۈنى ئۇنىۋېرسال ⁄ جەمئى 9196خەت بار ئىنكاس يوللانماپتۇ ⁄ 2,431 قېتىم كۆرۈلدى+

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەزىزلەر!

بىلوگدىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئارىمىزدا قانچىلىك تېز پەيدا بولغان بولسا، شۇنچىلىك تېز تەرەققىي قىلىپ، . كەينىدىن يەنە شۇنداق تېزلىكتە تۆۋەنگە قاراپ ماڭدى . بىز «ياق، بىلوگ تۈگەشمىدى ، تۈگەشمەيدۇ» دەپ تۇرۇۋېلىپمۇ باقتۇق. لېكىن، ئاچچىق رېئاللىق بۇ گېپىمىزنى قېتىغا ئېلىپ قويمىدى. كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولغىنىدەك ، يۈكسەل بىلوگى 2008 –يىلىدىن 2011-يىلىغا قەدەر «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» نامىدا پائالىيەت تەشكىللەپ، بىلوگنى ئۇيغۇر تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەننى ئۇيغۇر بىلوگلىرىغا جەلپ قىلىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر بىلوگلىرىنىڭ ئۆزىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشتا ئۆزىگە خاس ئىجابىي رول ئويناپ كەلگەن ئىدى.

بىز بۇ يەردە يۈكسەل بىلوگىنىڭ نەچچە يىللىق پائالىيەتنى ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز ۋە يۈكسەل ئەپەندىگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.
2012-يىلدىن باشلاپ، بۇ پائالىيەتنى شىركىتىمىز تەشكىللەپ، «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» نامىدا ئۇيۇشتۇردى.
2013-يىلى يىل ئاخىرىغا كەلگەندە، بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزمەسلىكنى قارار قىلىپ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر-ئۇچۇر بەرمەيلا جىمجىت تۇرۇۋالدۇق. «قېنى، بىلوگگىرلار قانداقراق ئويلايدىكىن» دېگەندىمىز، بەلكىم. بىزنى بىرەرسى تىللاپمۇ كەتمىدى، «بۇ پائالىيەتنى قىلمىساق زادى بولمايتتى» دېگەن گەپنىمۇ ئاڭلىمىدۇق. قارىغاندا تەدبىركار، يۈكسەل، ئۇيغۇربەگ، شاھ ئۇيغۇر، قىسمەت ... قاتارلىق بىز ئىسمىنى ئاتىغان ياكى ئاتىمىغان بىلوگگىرلارنىڭ بىلوگ سېپىدىن بارا-بارا ئۆزىنى تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن تور ئەھلىلىرى بۇ پائالىيەت ھەققىدە گەپ قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەن بولسا كېرەك.
شۇنداق، ئۇ-بۇ سەۋەبلەر بىلەن بىلوگ ئاتلىق بۇ ئوت پىلىلداپ قالغىلى خېلى بولدى. ئۇنى ياندۇرىمىزمۇ ياكى تولۇق ئۆچۈرىمىزمۇ دېگەن مەسىلە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە ئامراق بىلوگخۇمار ئەزىزلەرنىڭ كاللىسىنى ئوچاق قىلىپ تۇرۇۋاتقىلىمۇ خېلى بولدى.
كۈنىمىزدىكى كۆڭۈل قويۇپ يېزىلىۋاتقان بىلوگلارنى ساناپ چىقساق، بارماقلىرىمىز ئېشىپ قالارمۇ؟ پائالىيەتنى قىلىش توغرا كەلسە، بىلوگلارنى بىر باشتىن ساناپ چىقىپ، قۇرغۇچىلىرىنى بىر يەرگە يىغىپلا، بىر-ئىككى قەغەز بېرىدىغان گەپمۇ؟
2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بىز مۇشۇ ھەقتە تېما يوللاپ، بىلوگگىرلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باققان ئىدۇق. زور كۆپ ساندىكى بىلوگگىرلار «مەيلى بىر بىلوگ قالغان تەقدىردىمۇ چوقۇم ئۆتكۈزەيلى» دېگەن پىكىرلەرنى بېرىشتى. قارىغاندا بىلوگلار پىلىلداپ قالغان بىلەن، بىلوگگىرلار تېخى پىلىلداپ قالمىغان بولسا كېرەك.
مانا 2015-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى. مۇشۇ دەملەردە بۇ پائالىيەتنى باشقىچىرەك قىلىشىنى ئويلىشىپ قالدۇق.
بۈگۈن «ئۇيغۇرلاردىكى 2014-يىللىق <ئەڭ> مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگ»لارنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىمىز!

بىرىنچى : پائالىيەت سورۇنى :
بىلوگلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش، تاللاش، بېلەت تاشلاش، بېكىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرى (http://bbs.xjcfan.com) دە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش : باشقا سورۇنلارمۇ قوشۇلۇشى مۇمكىن ياكى سورۇن باشقا يەرگە يۆتكلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنى ۋاقتى كەلگەندە ئۇقتۇرىمىز.

ئىككىنچى : پائالىيەت ۋاقتى :
پائالىيەت 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

ئۈچىنچى :  باھالىنىدىغان بىلوگ تۈرلىرى :
بۇ يىللىق پائالىيەتتە تۆۋەندىكى مۇكاپات تۈرلىرى بويىچە «ئۇيغۇرلاردىكى 2014-يىللىق <ئەڭ> مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگ»لار باھالاپ چىقىلىدۇ. مۇكاپات پەقەت ھەربىر تۈردە بىرىنچى بولغان بىلوگ ياكى بىلوگگىرغا تارقىتىلىدۇ.

1. گۈزەل بىلوگ (ئۇسلۇب) مۇكاپاتى
بۇ مۇكاپات بېكەت ئۇسلۇب لايىھەسىدە مۇكەممەللىك، يېڭىلىق قوغلىشىلغان، لايىھە يوچۇقى قالدۇرۇلمىغان، ئۇسلۇب كودلىرى ئۆلچەملىك يېزىلغان، كىشىگە كۆرۈم جەھەتتىن گۈزەل تەسىرات ئاتا قىلالايدىغان بىلوگقا بېرىلىدۇ.

2. ئاۋات بىلوگ مۇكاپاتى
بۇ مۇكاپات زىيارەت قېتىم سانى ۋە ئىنكاس جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى چەك ياراتقان بىلوگقا بېرىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ تۈرگە تەۋسىيە قىلىنغان بىلوگ باھالاش ھەيئىتىگە 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن 3-تەرەپ ئىستاتىستىكىسىنى تەمىنلىشى كېرەك.

3. سەرخىل بىلوگ مۇكاپاتى
بۇ مۇكاپات يوللانغان مەزمۇنلار يېڭى، ئىلىمىي، يۇقىرى ساھە كىشىلىرىنىڭ پايدىلىنىش ۋە زوقلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان بىلوگقا بېرىلىدۇ.

4. يۇقىرى كىرىملىك بىلوگ مۇكاپاتى
بۇ مۇكاپات ئۆزگىچە تېما ۋە تۈرلۈك كەسپىي مۇلازىمەتلەر ئارقىلىق ياراتقان كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بىلوگقا بېرىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ تۈرگە تەۋسىيە قىلىنغان بىلوگ باھالاش ھەيئىتىگە 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن كىرىم ئىسپاتىنى تەمىنلىشى كېرەك.

5. ئاممىباب بىلوگ مۇكاپاتى
بۇ مۇكاپات تېمىلىرىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ئۇنىۋېرساللىقى كۈچلۈك، ئۇچۇرچانلىقى يۇقىرى، قىزغىن بىلوگقا بېرىلىدۇ.

6. شەرەپلىك بىلوگ مۇكاپاتى
بۇ مۇكاپات مەلۇم بىر يۆنىلىشنى تۇتۇپ، شۇ ساھەدىكى تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى نىشان قىلىپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كۆپ سانلىق زىيارەتچىلەر بەلگىلىك ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن كەسپىي بىلوگقا بېرىلىدۇ.

7. ياخشى بىلوگ مۇكاپاتى
بۇ مۇكاپات قالايمىقان ئېلان-ئۇچۇرلاردىن خالىي، پاكىز، تېمىلىرى زىيارەتچىلىرىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىيەلەيدىغان، كىشىلىك تۇرمۇش ساۋاتلىرى مول؛ چوڭلارنىڭمۇ، بالىلارنىڭمۇ زىيارىتىگە ماس كېلىدىغان بىلوگقا بېرىلىدۇ.

8. چوڭ ياشلىق بىلوگ مۇكاپاتى
بۇ مۇكاپات قۇرۇلۇش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، شۇنداقلا ھازىرغىچە ئۆز ئىزچىللىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىلوگقا بېرىلىدۇ.

9. يېتەكچى بىلوگ مۇكاپاتى
بۇ مۇكاپات نۆۋەتتە بىلوگ قۇرۇلۇشى ساھەسىدە ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە بولغان، مۇشۇ ساھەگە ئەڭ كۆپ پايدىسى تېگىپ كېلىۋاتقان، بىلوگ قۇرۇش ۋە ئۇسلۇب مەسىلىلىرىدە ئەڭ كۆپ ئىجابىي كۈچ چىقىرىۋاتقان بىلوگقا بېرىلىدۇ.

10. قالتىس بىلوگ مۇكاپاتى
بۇ مۇكاپات ئىجادىي تېمىلىرى ئەڭ كۆپ، تېما كۆچۈرمەيدىغان، تېما يېڭىلىنىش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتمەيدىغان، ئېچىلىش سۈرئىتى تېز، تېخنىكىلىق باشقۇرۇلۇشى ئىلغار بىلوگقا بېرىلىدۇ.

تۆتىنچى : پائالىيەت قەدەم-باسقۇچلىرى :
پائالىيەت ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ بېرىلىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ: بىلوگ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش باسقۇچى بولۇپ، بىلوگگىرلار ياكى تورداشلار ئۆز بىلوگىنى ياكى ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بىلوگلارنى تۈرلەر بويىچە نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ.
بۇ باسقۇچ 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
ئەسكەرتىش: بىر بىلوگ پەقەت بىر تۈر بويىچە تەۋسىيە قىلىنىشى كېرەك.
ئىككىنچى باسقۇچ : دەسلەپكى 20 بىلوگنى تاللاش باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا باھالاش ھەيئەتلىرى باھالاش ئۆلچىمى بويىچە نامزات بىلوگلار ئىچىدىن ھەربىر تۈرگە ئىككىدىن جەمئىي 20 بىلوگنى تاللاپ چىقىدۇ.
بۇ باسقۇچ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

ئەسكەرتىش : باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ تالللىشى نەتىجىسىدە مەلۇم بىر تۈردىن بىرمۇ بىلوگ تاللىنالمىسا، شۇ تۈرگە مۇكاپات بېرىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ .
ئۈچىنچى باسقۇچ : «ئەڭ» مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگنى بېكىتىپ چىقىش باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا باھالاش ھەيئەتلىرى تاللاپ چىققان بىلوگلارغا تورداشلار بېلەت تاشلاپ ، «ئەڭ» مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگلارنى تاللاپ چىقىدۇ.
بۇ باسقۇچ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ .
پائالىيەت نەتىجىسى سۈپىتىدە 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى «ئۇيغۇرلاردىكى 2014-يىللىق <ئەڭ> مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگ»لار «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورى قاتارلىق تور بېكەتلەر ۋە ئۈندىدارلاردا بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىدۇ.
مۇكاپات 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ تارقىتىلىشقا باشلايدۇ.
بەشىنچى :  پائالىيەتنى ماددىي ۋە تەشۋىقات جەھەتتىن قوللىغۇچىلار :
قوللىغان ئورۇنلار ۋە تەپسىلاتى ئايرىم تېما شەكلىدە يوللىنىدۇ .
ئالتىنچى :  مۇكاپات سوممىسى :
1. بەلگىلەنگەن مۇكاپات تۈرىدە بىرىنچى بولغان بىلوگگىرغا XX يۈەن نەقپۇل، XX ماددىي بۇيۇم مۇكاپات بېرىلىدۇ.
2. بەلگىلەنگەن مۇكاپات تۈرىدە بىرىنچى بولغان بىلوگگىرغا بىلوگ نامى، بىلوگ تۇغى، پائالىيەت نامى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇمى مۇكاپات بېرىلىدۇ.
3. بەلگىلەنگەن مۇكاپات تۈرىدە بىرىنچى بولغان بىلوگگىر «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى ۋە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىدا سۈرەتلىك تونۇشتۇرۇلىدۇ.
4. بەلگىلەنگەن مۇكاپات تۈرىدە بىرىنچى بولغان بىلوگ ئۇلىنىش تورىدىكى بىلوگلار قاتارىدا ئەڭ ئالدىغا تىزىلىدۇ.
ئەسكەرتىش:
(1) 1-تۈردىكى مۇكاپات شىركىتىمىزنىڭ ۋە قوللىغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن مۇشۇ جايدا ئەسكەرتىلىدۇ.
(2) ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن مۇكاپات تۈرى ۋە سوممىسىدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.
يەتتىنچى : بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكەن بىلوگلار :
1. پالانى بىلوگ
ۋاز كېچىش سەۋەبى: مۇنداق ياكى ئۇنداق.
2. پالانى بىلوگ
ۋاز كېچىش سەۋەبى: مۇنداق ياكى ئۇنداق.
3. پالانى بىلوگ
ۋاز كېچىش سەۋەبى : مۇنداق ياكى ئۇنداق.
ئەسكەرتىش: پائالىيەتكە قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكەن بىلوگلارنىڭ نامى مۇشۇ جايغا تولۇقلىنىدۇ .
سەككىزىنچى : زۆرۈر ئەسكەرتىشلەر :
1. پائالىيەتنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ سالاھىيىتى تاكى پائالىيەت ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئاشكارىلانمايدۇ.
2. نامزات كۆرسىتىش ئاخىرلىشىپ، باھالاش ھەيئەتلىرى نومۇر قويۇش باسقۇچى(ئىككىنچى باسقۇچ)غا كىرگەندە نامزات بىلوگلار ئىچىدىن تەۋسىيە بىلوگنى تاللاش، نومۇر قويۇش ھەققىدىكى تەپسىلىي شەرت، پىرىنسىپ-ئۆلچەملەر ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ. باھالاش ھەيئەتلىرى شۇ پىرىنسىپ-ئۆلچەملەر بويىچە بىلوگلارنى تاللاپ چىقىدۇ .
3. پائالىيەت بېلەت تاشلاش باسقۇچى(ئۈچىنچى باسقۇچ)غا كىرگەندە بىر IP دىن پەقەت بىر بېلەت تاشلاش تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىدۇ. بىر IP دىن تەكرار تاشلانغان بېلەت ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. ئەگەر بۇ قىلمىش ئېغىر بولسا، ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلۈپ، بىلوگگىرلارنىڭ ھوقۇقى، پائالىيەتنىڭ نوپۇزى قوغدىلىدۇ.
4. بىز بۇ تېما يوللانغان ھەربىر بېكەتتىكى ئىنكاسلارغا قاراپ بولالماسلىقىمىز مۇمكىن. بۇ تېمىنىڭ مەزمۇنىدا ھەرقاچان ئۆزگىرىش بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا زۆرۈر ئىنكاس ۋە پىكىرلەرنى ئەسلى تېما http://bbs.xjcfan.com/thread-4346-1-1.htmlغا يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
توققۇزىنچى : بىلوگلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش شەرتلىرى :
1. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرلۈك قانۇن–نىزاملىرىغا ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە–تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان بىلوگ بولۇشى كېرەك.
2. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەخلاق-يوسۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغان بىلوگ بولۇشى كېرەك.
3. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىلوگ بولۇشى كېرەك.
4. 2014-يىلى 6-ئايدىن ئىلگىرى باشلانغان بىلوگ بولۇشى كېرەك .
5. ھەر ئايلىق يازما سانى چوقۇم بىردىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك .
ئونىنچى : ئاخىرقى سۆز :
شۇنداق، بۇ پائالىيەت باشلاندى، ھازىردىن باشلاپ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرىدىكى ئەسلى تېمىدا (http://bbs.xjcfan.com/thread-4346-1-1.html) بىلوگىڭىزنى ياكى سىز ياقتۇرغان بىلوگلارنى مەزكۇر پائالىيەتكە نامزاتلىققا كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك داۋاملىشىشى ئۈچۈن، نامزات بىلوگنىڭ تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە يوللىنىشىنى سورايمىز.
بىلوگ ئىسمى: پالانى بىلوگى
تور ئادرېسى: http://www.abcd.com
تەۋسىيە قىلىنغان تۈر: گۈزەل بىلوگ
سەۋەبى : مۇنداق سەۋەبتىن تەۋسىيە قىلىمەن. 
بۇ پائالىيەتنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە، چامىڭىز يەتكەن دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز.
زۆرۈر بولسا، شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ.

تېلېفون نومۇرى: 8554813-0991
تور بېكەت : http://www.xjcfan.com
ئېلخەت: master@xjcfan.com

ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 30-ئىشخانا

 كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى

2015-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى

ئىزاھات : مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولاي ۋە ياكى بلوگ تەۋسىيە قىلاي دېسىڭىز كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ  تور بېكىتىگە مەرھەمەت قىلىڭ .  http://bbs.xjcfan.com/thread-4346-1-1.html

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟