توردا ئىگىلىك تىكلەڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت | تور سودىسى | ئاساسىي مەزمۇن
تور سودا دەۋرىدە بىر قەدەم ئالدىدا ماڭغانلار غەلىبە قىلىدۇ
2014-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنى تور سودىسى ⁄ جەمئى 1681خەت بار ئىنكاس يوللانماپتۇ ⁄ 4,466 قېتىم كۆرۈلدى+

تور ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بارلىققا كەلتۈرگەن يېڭى قورال بولۇپ ، بىزنىڭ تۇرمۇش ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىمىزدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى .  بولۇپمۇ ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ گۈللىنىشى سودا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىدا غايەت زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى .
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ قوللىنىلىشى ، پارچىلاپ سېتىش ھالقىسىنى قىسقارتىپ ، ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى ئىككى تەرەپنىڭ پايدا ئېلىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، سودىنىڭ تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى، بولۇپمۇ تاۋار ئىزدەش سۈرئىتى «ئەمەلىي بازار+دۇكاندا سېتىش» ئەندىزىسىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى . ھېسابات قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئېلېكتىرونلىشىشى ئىككى تەرەپنىڭ ھېسابات بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى يوق قىلدى .
توردىكى رەسىم بىلەن خېرىدارنىڭ قولىغا تەگكەن مەھسۇلات ئاساسەن ئوخشاش بولغاچقا ، ئېلېكتىرونلۇق سودا دەسلەپتە ئۆلچەملەشكەن مەھسۇلاتلار بازىرىنى ئىگىلىگەن. كىيىم-كېچەك نىسبەتەن ئۆلچەملەشمىگەن مەھسۇلات بولغاچقا ، ياخشى يامانلىقىنى پەقەت كىيىپ بېقىپ ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ . شۇڭلاشقا بۇ خىل قول بىلەن بىۋاسىتە تۇتۇپ تاللايدىغان تاۋار سودىسىنى ، ئېلېكتىرونلۇق سودىدەك ئىككى تەرەپ ئۇچراشمايدىغان مۇھىتتا ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن مۈشكۈل .
بۇ ساھەدە ئېلېكتىرونلۇق سودا كىيىم-كېچەكنىڭ سېتىش ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىشى كېرەك بولۇپ ، O2O (تور ۋە دۇكان) ئەندىزىسى ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە ئەنئەنىۋى ماگىزىندا سېتىشنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بىرلەشتۈردى . گەرچە بۇ خىل يېڭىلىق ئېلىپ كەلگەن ئۈنۈمگە بىر نېمە دېمەك بالدۇرلۇق قىلسىمۇ ، لېكىن يېڭىلىقنىڭ يۆنىلىشى توغرا بولۇپ ، نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى بارلىق سودىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن ئەمەس ھالەت شەكىللەندى .
قەدىمكى دەۋردىكى شىنجاڭدا ، بىر قېتىملىق سودا ئۈچۈن يىپەك يولىدا ئىنتايىن ئۇزۇن يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدىغان بولۇپ ، بۇ ھالەت شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋەتكەن. ئېلېكترونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتى سودا شەكلى جەھەتتە شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى كارخانىلىرىنى ئوخشاش بىر پەللىگە ئېلىپ كەلدى . بۇ بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەت بولۇپ ، پۇرسەتنى كىم تۇتالايدىكەن شۇ غەلىبە قىلىدۇ !

نۇر تورى تەرجىمىسى

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟