توردا ئىگىلىك تىكلەڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت | تاۋباۋ بىلىملىرى | ئاساسىي مەزمۇن
تاۋباۋدا دۇكان ئاچقۇچىلار يولۇقىدىغان خەتەرلەر ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى
2014-يىلى07-ئاينىڭ03-كۈنى تاۋباۋ بىلىملىرى ⁄ جەمئى 3954خەت بار 4پارچە ئىنكاس بار ⁄ 7,319 قېتىم كۆرۈلدى+

توردادۇكان ئىچىپ تىجارەت قىلىۋاتقانلار قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسگە ئايان ، توردا دۇكان ئاچقاندىن بىرى مىڭىپ كىلىۋاتقان يوللىرى ئۇنچىۋالا راۋان بولمىغان، سودىسى ياخشى بولغان چاغدىمۇ ھەرخىل خەتەرلەر مۇ تەڭ ئەگىشىپ كىلىدۇ، بۇخەتەرلەر بىۋاستە سودىغا تەسىرقىلىدۇ، دۇكان سېتىش مىقىدارىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ .
ئەمدى بىز قانداق قىلغاندا بۇخىل خەتەرلەرنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۇرىمىز ؟ قانداق قىلىپ خەتەرنى ئالدىن مۆلچەرلەيمىز؟ ئالدىنى ئېلش تەدىبىرىنى قانداق تۈزىمىز.
تۆۋەندە مەن يولۇققان بىر نەچچە نۇقىتنى ئوتتۇرىغان قويىمەن . ھەمدە بۇنىڭىدا قانداق ساقىلىنىش كېرەكلىكىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچى.
1. تاۋباۋ تورىنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىنى بىلمەسلىكىتىن كىلىپ چىقىدىغان خەتەر.
تاۋباۋدا دۇكان ئاچقان قېرىنداشلارنىڭ ھەممسى دىگۈدەك ،دۇكان ئېچشتىن ئىلگىرى تاۋباۋنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىدىن ئىمتىھان بىرىمىز. ۋاقىت ۋە كۈچنى تىجەيمىز دەپ كۆپىنچەقېرىنداشلىرىمىز بەيدۇ تورىدىن پايدىلىنىپلا ئىمتىھان بىرىپ تولۇق نومۇربىلەن ئۆتۈپ كىتىدۇ.ئەمما دۇكان ئېچىپ بولغاندىن كىيىن دائىم دىگۈدەك خاتالىق ئۆتكۈزۈپ نومۇر تارتىلىپ كىتىدۇ، بۇچاغدا نىمە سەۋەبىتىن نومۇر تارتىلىغانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ،ھەتتا ئۆزىنىڭ قەيەرنى خاتا قىلغانلىقىنى بىلەلمەي قالىدۇ. بۇنىڭىدىن ساقلىنىشنىڭ ئۇسۇلى تاۋباۋنىڭ قائىدە –تۈزۈملىرىنى ئوبدان چۈشنىش كېرەك. شەخسەن مەن ھەردائىم تاۋباۋنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى يىڭلانغان ۋاقىتتا مەخسۇس ئۇرۇپ چىقىرىپ بىردىن –بىردىن كۆرىمەن، بۇ ئارقىلىق خاتالىق ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ھەمدە قائىدە-تۈزۈملىرىدىن نۇرغۇن ياخشى سېتىش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقارالايمىز.
بۇجەھەتتە كۆرۈلىدىغان خاتالىقلار:مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرلىرىنى خاتا تاللاپ قويۇش، رەسمىدە چىنلىقىنى يوقۇتۇپ قويۇش، مەھسۇلاتنى چۈشەندۇرگەندە ھەددىن زىيادە ماختىۋىتىش، مەھسۇلات ئىسمىغا چەكلەنگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىپ قويۇش.
2.مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىدە مەسلە كۆرۈلۈش.
ئوتتۇرا-كىچىك دۇكاندارلار كۆپنىچە ھالدا باشقىلارنىڭ ماللىرىنى سېتىش ئارقىلىق كۈن كەچۇرىدۇ . شۇڭا ئوتتۇرا-كىچىك دۇكاندارلار مال تاللىغاندا سۇپەتكە قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى مالنىڭ سۇپىتى دۇكاننىڭ قان تومۇرى. ئوتتۇرا-كىچىك دۇكاندارلار مال تاللىغاندا ئامال بار ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى مال مەنبەلىرىنى ئويلىشش كېرەك. ئۇنداق ئۆزكۆزى بىلەن كۆرۈپ ئاندىن مال ساتالايدۇ. يەنە بەزى دۇكاندالار تاۋباۋدىكى مال تەمنىلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ ماللىرنى ۋاكالتەن سېتىپ بىرىدۇ. ئۆزى باشقا شەھەردە مال مەنبەسى يەنە باشقا بىرشەھەردە شۇنداق بولغاندىكىن مالنىڭ سۇپىتىنى ھەققىي تۈردە بىللەلمەي قالىدۇ. يەنە دۇكاندارلار ئۆزى پىششىق ساھەنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. مال سۇپىتىنىڭ ناچار بولۇشى بۇ دۇكاننىڭ ئىناۋىتىگە زور تەسىركۆرسىتىدۇ . شۇڭا مال تاللاشقا ئالاھىدە ئىتبار بىرىش كېرەك.
3. مال كىرگۈزۈشتە ھەددىن زىيادە كۆپ كىرگۈزىۋىلىش.
بەزى دۇكاندارلار ئالى بابا توردىن توپ باھادا مال سېتىۋىلىپ ئۆزىنىڭ ئۆيى قاتارلىق جايلارنى ئامبار قىلىپ تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇنداق دۇكاندارلاردا كۆرۈلىدىغان مەسلە بازارنى توغرا مۆلچەر قىلالماي مالنى ھەددىن زىيادە كۆپ كىرگۈزىۋىلىپ ساتالماي قىلىش. ناۋادا سىز كەسپ جەھەتتە پىشمىغان بولسىڭىز قارىغۇلارچە تەۋەككۈل قىلماڭ.
4.دۇكانداربىلەن خىرىدارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچى
يىڭى دۇكان ئاچقۇچىلار دائىم ئۇچرايدىغان مەسلە، بەزى قۇۋ خىرىدارلارنىڭ بوزەك قىلىشى ، بۇخىرىدارلار يىڭى دۇكاندارغا دائىم دىگۈدەك بەزى تەلەپلەرنى دەپ تۇرىۋالىدۇ.
تېخى سودا تۈگكەندىن كىيىن سەپ بەرگەن مىلىڭ ئۇنداقكەن بۇنداقكەن دەپ تۇرىۋىلىپ پۇل قايتۇرۇپ بېرىشكە قىستايدۇ . دۇكاندارشۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلسمۇ باھا بەرگەندە ناچار بىرىپ قويىدۇ. شۇڭا مال سېتىشتىن بۇرۇن ئوبدان تەييارلىق قىلىپ خىرىدار رازى قېلىش، مال بىرىپ بولغاندا خىرىدار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۆۋەنچىلىك بىلەن پىكر بىرىشىنى تەلەپ قىلىش ۋە ئۆزىگە ياخشى باھا ۋە تولۇق نومۇر قويدۇرۇش.
5. تىز يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆرۈلىدىغان خەتەرلەر
بىز تىز يەتكۈزۈشنى كونتىرول قىلالمايمىز، بىراق خىرىدارلارنىڭ ھەممىسى سۈرئىتى تىز بولغان تىز يەتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ . كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىز ماللارنى سېلىۋىتىپ ئاخىرى بىلەن كارىمىز بولماي قالىدۇ،ئەمما شۇنى بىلشىمىز كېرەك.تاۋباۋدا نومۇر قويغاندا ئۈچ خىل تۈرگە نومۇر قويىدۇ . ئۇنىڭ ئىچدە تىز يەتكۈزۈشمۇ بار . بىز مالنى سەپ بولدۇق دەپ كارىمىز بولمىغان بىلەن تاۋباۋ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولىدۇ . سىزنىڭ مال سالغان كۈنىڭز بىلەن مال تاپشۇرۋالغۇچنىڭ مال تاپشۇرۇپ ئالغان ۋاقىتى ئارىسىدىكى ۋاقىتقا ئاساسەن سىزنىڭ دۇكىنىڭىزنىڭ تىز يەتكۈزۈشىگە نومۇر قويىدۇ . شۇڭا بۇجەھەتتە بىز يەنە دىققەت قىلىشمىز كېرەك . سالغان مېلىمىز ۋاقىتىدا ماڭماي قالسا تېلفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىرىدارىمىزنىڭ قولىغا يىتىپ بارسا بىزگە ياخشى باھا بىرىدۇ . ھەمدە بىزنى ئىسدە تۇتىۋالىدۇ، كىيىن مال لازىم بولۇپ قالسا بىزنى ئالدى بىلەن ئويلىشىدۇ.
تاۋباۋدا دۇكان ئېچىۋاتقانلار توختىماستىن ھەر دائىم ھۇشىشيار تۇرۇپ ھەرقايسى خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشمىز كېرەك . يىڭى دۇكان ئاچماقچى بولغانلارنىڭىمۇ ھەرقايسى جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ بۇ ساھەگە قەدەم بېىسىشنى ئۈمىد قىلىمەن
تەييارلىغۇچى: مىراس كىيىمچىلىكى تور بازار بۆلىمىدىن ئەلگىيار

نۆۋەتتە 4 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە : زىيارەتچى قالدۇرغىنى : 2 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى : 2 پارچە

  1. يۇلتۇز China Safari  Android 4.2.2 SM-T315 Build/JDQ39 : 2014-يىلى07-ئاينىڭ23-كۈنى16:23:41  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم…مەنمۇ توردا دۇكان ئاچاي دىگەنتىم…ماڭا ياخشىراق مەسلەھەت بەرسەڭلار ….

    • تورسودا China Google Chrome Windows : 2014-يىلى10-ئاينىڭ30-كۈنى20:13:49  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، مەزكۇر بىلوگدا توردا دۇكان ئىچىشنىڭ نۆلدىن باشلانغان دەرىسلىكلىرى ۋە سىزگە كىرەكلىك بولغان يازمىلار بار، سىز يازمىلارنى بىرمۇ-بىر تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ، بىلمىگەن چۈشەنمىگەن جايلىرىڭىز بولسا ئىنكاس يىزىڭ ياكى تور سودا مۇنازىرە مۇنبىرىگە ياردەم تىمىسى يوللاڭ، مەن ۋە كۆپچىلىك قولىمىزدىن كىلىشىچە ياردەمدە بولىمىز :smile:
      تور سودا مۇنازىرە مۇنبىرى : http://www.torsoda.net

  2. ئابلا China Internet Explorer Windows : 2014-يىلى11-ئاينىڭ30-كۈنى13:29:48  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    تاۋباۋدىن دۇكان ئاچقان ئىدىم بىراق 1000يۇەن كاپالەت پۇلنى تاپشۇرمىغان ئىدىم بىر ئىككى ئايدىن كېىن ئۆزلىگىدىن تاقىلپ قالدى قانداق قىلسام تاقالمايدىغان بولىدۇ ؟

    • تورسودا China Google Chrome Windows : 2014-يىلى12-ئاينىڭ14-كۈنى07:10:01  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      1000يۇەن كاپالەت پۇلنى تاپشۇرمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن تاقىلىپ قالىدۇ، يەنە بىر سەۋەبى بولسا سىز دۇكاننى ئىچىپ قويۇپ ئۇزۇن مۇددەت كارىڭىز بولماي تاشلىۋەتسىڭىزمۇ تاقىلىپ قالىدۇ . پەقەتلا تاقىلىپ قالمىسۇن دىسىڭىز 1000 يۈەن كاپالەت پۇلىنى تاپشۇرۋەتسىڭىز بولىدۇ

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟