توردا ئىگىلىك تىكلەڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت | تور سودىسى | ئاساسىي مەزمۇن
كۆچمە تور سودىسى ھەققىدە چۈشەنچە
2015-يىلى04-ئاينىڭ07-كۈنى تور سودىسى ⁄ جەمئى 3555خەت بار ئىنكاس يوللانماپتۇ ⁄ 3,932 قېتىم كۆرۈلدى+

torsodacn

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار :

يېقىنقى نەچچە يىلىدىن بۇيان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفوننىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئەسلىدىكى كومپيۇتېردا ئىلىپ بېرىلىدىغان تور سودىسى ئەقەللىي تېلېفونلاردا ئېلىپ بېرىشقا ئۆزگەردى .

بۈگۈنكى يازمامدا كۆچمە تور سودىسى ھەققىدە چۈشەنچە سۆزلىمەكچى .

كۆچمە تور سودىسى : ئاساسلىقى تېلېفون ۋە باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان سودىدىن ئىبارەت . دۆلىتىمىزدە ئەڭ بۇرۇن 2008-يىلى باشلانغان ، 2008-يىلى ئالى بابا تاۋباۋ تورىنىڭ تېلېفون تور بەت نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان . 2010-يىلىغا كەلگەندە تاۋباۋ تېلېفون ئەپ نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان . 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جۇڭگودىكى ھەرقايسى چوڭ تور سودا شىركەتلىرى بەس-بەستە ئۆزىنىڭ تېلېفون ئەپ نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى . 2013-يىلى 8-ئايدا تىڭشۈن ئۈندىداردا ھەق تۆلەش ئېقىتىدارنى ئاچتى ، شۇندىن كېيىن كۆچمە تور سودىسىدا زور ئۆزگىرىش بولدى .  تاۋباۋ ، جىڭدۇڭ ، فەنكى چىڭپىن قاتارلىقلار كۆچمە تور سودىسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى . بىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارمۇ ھەرخىل تېلفون ئەپلىرىنى ئىشلەپ  بازارغا سالدى . شىركەتلەرمۇ ئۆزىنىڭ تور بىتىگە ماسلاشتۇرۇپ تېلفون ئەپ نۇسىخلىرىنى ئېلان قىلشقا ئېتىبار بېرىشىكە باشلدى . جۇڭگۇدا تېلفون ئىشلىتىدىغان ئابونىت سانى ئاللىقاچان بىر مىلياردىن ئىشىپ بولدى . ئەقلىي تېلېفون  ئىشلىتدىغانلارنىڭ سانى 600 مېليوندىن ئاشقان . دىمەك كۆچمە تور سودىسنىڭ تەرەققىيات ئىستقبالى يۇقىرى . بىزمۇ كۆچمە تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشىمىز كېرەك . 2008-يىلى كۆچمە تور سودىسنى باشلىغان تاۋباۋ يەنىلا ئۆزىنىڭ باشلامچىلق رولىنى ئوينىدى .

تېلفوندا مال سېتىۋالغۇچىلار ئەڭ ئالدى بىلەن يەنىلا تاۋباۋنىڭ تېلفوندىكى ئەپ دىتالىدىن پايدىلىنىپ سېتىۋىلىغنى تاللايدۇ. يېقىنقى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە 58% كىشى يەنىلا تاۋباۋنىڭ ئەپ دىتالدىن مال سېتىۋالىدىكەن . 8% كىشى جىڭدوڭدىن سېتىۋالىدىكەن ، ئەينى ۋاقىتتا تېڭشۈننىڭ تېلفون ئەپ دىتالى  ئارقىلىق سېتىۋالىدىغان مال 3.9% بولۇپ بۈگۈنكى كۈندە 27% كە كۆتۈرۈلگەن . تېڭشۇن ئۈندىداردىن ئىبارەت ئىجىتىمائىي ئالاقىلىش قۇرالى ئارقىلىق كۆچمە تور سودا بازىرىنى ئاستن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى . جىڭدوڭ قاتارلىق تور سودىگەرلىرى ئۈندىدارغا جەڭ ئېلان قىلالمىدى . تاۋباۋ بولسا ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا تىرىشىپ كەلدى . 2014-يىلى 3-ئايدا تاۋباۋ تېلفون ئەپ دىتالىنى يىڭلىدى ، ۋە تېلفون ئەپ دىتالىدىن پايدىلىنىپ مال سېتىۋالسا ئېتىبار بېرىش پائالىيتى ئېلىپ باردى . 4-ئايدا دۇكاندارلارغا قۇلايلىق يارىتىش مەقىستدە يىڭى ئېقىتىدار قوشتى .

ھازىر مېنىڭ تېلفونۇمدىكى دىتاللارنىڭ سانى 100خىلدىن ئاشىدۇ . بۇنىڭ ئىچدە 50% دىتال كۆچمە تور سودا دىتالى . تاۋباۋ ، ئالىي بابا ، تىيەنماۋ ، جىڭدوڭ ، گومىي ، سۇنىڭ ، فەنكى چېڭپىن ، لاشوۋۋاڭ قاتارلىقلار ئەپلەردىن ئىبارەت . بۇ ئەپلەر دائىم دىگۈدەك يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ ، ھەممىسگە ھەرخىل يىڭى ئېقىتىدارلار قوشۇلغان . ھەركۈنى ئوخشاش بولمىغان پائالىيەت ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىمەن . كۆچمە تور سودىسىنىڭ بارلىققا كېلىپ تېز سۇرئەتتە تەرەققىي قىلىشى نۇرغۇن ئەمەلىي دۇكان ۋە سودا سارايلارنىڭ تاقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .

ئۆتكەن يىلى جىنبا ، لوتو ، لىنىڭ قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق كىيىم-كىچەك شىركەتلىرى جۇڭگۇدىكى نۇرغۇن ئەمەلىي دۇكانلىرىنى تاقاپ تور سودىسىغا يۈزلەنگەن . گومىي ۋە سۇنىڭمۇ تور سودا ساھەسىگە يۈرۈش قىلغان . ( گومىي ۋە سۇنىڭ جۇڭگۇدىكى ئائىلە ئېلكتىر سايمانلىرى ساتىدىغان زەنجىرسىمان سودا سارايلار) ئۇلارمۇ تېلفون ئەپ دىتالىنى چىقىرىپ نۇرغۇن كونا-يىڭى خىرىدارلارنىڭ قوللىشىغا ئېرشكەن . ئۇنىڭ ئۈسىتىگە ھازىر ئەمەلىي دۇكانلاردىن مال سېتىۋالغاندا خىرىدار تېلفوننى چىقىرىپ تاۋباۋ ۋە باشقا ھەرقاىسي تور سودا ئەپلىرىدىن شۇخىل تۈردىكى ماللارنى ئىزدەپ باھاسنى سېلشتۇرۇش ئارقلىق ئاخىرىدا توردىن سېتىۋالىدىغانلار كۆپەيدى . داڭلىق ماركىلارنىڭ ئەمەلىيەتتىكى دۇكىنى مال ساتمايدىغان ، ئەكسچە كۆرگەزمە زالىغا ئايلىنىپ قالدى . ھازىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلفون ئىشلەتكەنلەرنىڭ قولىدىن سائەت-سائەتلەپ تېلفون چۈشمەيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن كۆچمە تور سودىسىنىڭ ئىستقبالى يۇقىرى بولىدۇ .

كۆچمە تور سودىسىدا ئېلانلارنى تېلفونغا چۈشۈرۈپ ئىشلتىدىغان ھەرخىل ئەپلەرنىڭ يانداش قىلىپ بەرگەندە تېىخمۇ بازىرىنى ئاچىقىلى بولىدۇ . ئۈندىدار ۋە ئۈندىدار سالونىدا سودا قىلىشمۇ تەرەققىي قىلماقتا . ئۈندىدار دا دۇكان ئېچىش ئېقىتىدارىمۇ قېتىلىپ كۆچمە تور سودىسىنى يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈردى . قېرىنداشلارنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەۋسىيە  قىلمەن .

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟