توردا ئىگىلىك تىكلەڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت | تور سودىسى | ئاساسىي مەزمۇن
ئۇتۇق قازانغان تور دۇكىنىنىڭ خېرىدارلىرى نەدىن كەلگەن؟
2012-يىلى05-ئاينىڭ31-كۈنى تور سودىسى ⁄ جەمئى 2543خەت بار ئىنكاس يوللانماپتۇ ⁄ 4,867 قېتىم كۆرۈلدى+

 

ئۇتۇق قازانغان تور دۇكىنىنىڭ خېرىدارلىرى قانداق كەلگەن؟ ئەلۋەتتە ئۇتۇق قازانغان بىر تور دۇكىنىنىڭ ياخشى تەشۋىقات يولى، زىيارەت ئېقىمى، سۈپەتلىك مال مەنبەسى بولۇشى كېرەك. ئەمىسە ئۇلار قانداق قىلىپ غەلبە قازانغاندۇ؟

تاۋباۋ تورىدىكى دەرىجىسى يۇقىرى نۇرغۇن دۇكانلارغا قارايدىغان بولساق ھەر ھەپتىدە مەلۇم خىل مالدىنلا نەچچە يۈزنى ساتالايدۇ. مۇشۇنداق سېتىش مىقدارىغا ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم مەلۇم زىيارەت مىقدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. بىراق تاۋباۋ تورىدىكى دۇكانغا ئىزدەش ماتورى ئارقىلىق زىيارەت ئېقىمى ئېلىپ كېلىش ئىنتايىن مۈشكۈل. يەنە كېلىپ ئوخشاش مەھسۇلاتتىنلا نەچچە مىڭدىن نەچچە يۈزمىڭغىچە بار. شۇڭا بەزىدە ئويلاپ قالىمەن. ئۇلارنىڭ شۇنچىۋالا كۆپ مالنى ساتالىغۇدەك زىيارەت مىقدارى زادى نەدىن كەلگەن؟! ئەجىبا ئۇلار بىرەر چوڭ تورغا ئېلان بېرەمدىغاندۇ؟؟

ئەمەلىيەتتە تاۋباۋ تورىدا شۇنچە كۆپ دۇكانلارنى، شۇنچە كۆپ ئوخشاش تۈردىكى ماللارنى چوقۇم زىيارەتچىلەرگە بىر-بىرلەپ كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر مەھسۇلاتىڭىز شۇ خىل مەھسۇلاتنى ئىزدەش نەتىجىسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرالىسا ئۇنداقتا سىزگىمۇ ياخشى بازار بار. قىسقىسى مەھسۇلاتىڭىزنى ئىزدەش نەتىجىسىدە ئالدىنقى قاتارغا تىزىلدۇرۇشقىمۇ ئانچە-مۇنچە كاللا ئىشلەتمىسڭىز بولمايدۇ.

1. تاۋار نامى. تاۋار نامى چوقۇم شۇ مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۆرىدىگەن ھالقىلىق سۆزلەرنى ئاساس قىلىشى كېرەك.

2. مەھسۇلات ئوبراز رەسىمى. مەھسۇلات رەسىمى چوقۇم ئېنىق، جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

3. مال تۇرۇش ۋاقتى: بۇنىڭدىمۇ كاللا ئىشلىتىشىڭىز كېرەك. تاۋباۋ تورىنىڭ قائىدىسىدە «مالنىڭ دۇكاندا تۇرۇش ۋاقتى قىسقارغانسىرى ئىزدەش تەرتىپىدە ئالدىغا تىزىلىدۇ» دېگەن قائىدە بار. مالنى چىقارغاندا مالنىڭ تۇرۇش ۋاقتىنى 14كۈن ۋە 7 كۈن قىلىپ ئىككى خىل تەڭشەشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە 7كۈننى تاللاش 14كۈننى تاللاشتىن ئاقىلانىرەك ئۇسۇلدۇر. مالنىڭ تۇرۇش ۋاقتى بىر كۈن قىسقارسا مېلىڭىزنىڭ ئىزدەش نەتىجىسىدە ئالدىغا تىزىلىشىدىمۇ رولى كۆپ. شۇڭا بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

4. باھا : بەزى دۇكاندارلارغا قارىسىڭىز تاۋار نامىغا ئالاھىدىرەك باھانى قوشۇپ قويىدۇ. بەزى خېرىدارلار ئىزدەش سىتونىغا تاۋار نامى بىلەن مال باھاسىنىمۇ كىرگۈزۈپ ئىزدەشنى ئادەت قىلغان. ئەلۋەتتە ئۇلار سىز كىرگۈزگەن شۇ باھادا خېرىدارنىڭ نىشانى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

5. تېز سۈرئەتتە دەرىجىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ. دۇكىنىڭىزغا كىرگەن كىشى چوقۇم سىزنىڭ ئشەنىچ دەرىجىڭىزگىمۇ قارايدۇ ئەلۋەتتە. دۇكىنىڭىزدىكى مال يارىسىمۇ ئىشەنىچ دەرىجىڭىز يۇقىرى بولمىسا دۇكىنىڭىزدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتشى مۇمكىن. ئىشەنچ دەرىجىڭىزنى تېز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن باشقىلارغا مال ساتقاندا «بىرنى سېتىۋالسا بىرنى قوشۇپ بېرىش» سىياسىتىنى قوللانسىڭىز تېز ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز . ئەگەر بىرسى دۇكىنىڭىزدىن 50يۈەنلىك مالدىن بىرنى سېتىۋالسا سىز 1يۈئەنلىك مالنى سوۋغا قىلسىڭىز مېنىڭچە سىزگە زىيان بولمايدىغۇ دەيمەن. ئەكىسچە سوۋغا قىلغان يەنە بىر تۈرلۈك مېلىڭىزدا سىز يەنە بىر قېتىملىق ئىشەنىچ دەرىجىسىگە ئېرىشەلەيسىز. شۇنداق داۋاملاشسا ئۇزاق قالماي سىزمۇ ئىشەنىچ دەرىجىسى يۇقىرى، داڭلىق دۇكاندار بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

يىغىنچاقلىغاندا تاۋباۋ دۇكىنىڭىزغا ئىزدەش ماتورىدىن كىرىدىغانلار كۆپ بولمايدۇ. بىراق تاۋباۋ تورىدىكى يۇقارقى كىچىك نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلسىڭىز سىزنىڭمۇ سودىڭىز بارا-بارا يۈرۈشۈپ كەتكۈسى...

 

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟