نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەتتاۋباۋ بىلىملىرى>ئاساسىي مەزمۇن
داڭلىق تور ماگىزىنى 淘宝 دا دۇكان ئېچىش باسقۇچلىرى (1)
2012-يىلى07-ئاينىڭ30-كۈنى تاۋباۋ بىلىملىرى ⁄ جەمئى 10130خەت بار 8پارچە ئىنكاس بار ⁄ 1,980 قېتىم كۆرۈلدى+
بەشىنجى ئەۋلاد قىممەت تولۇقلاش سىستىمىسى

 

图片1.png


 

داڭلىق تور ماگىزىنى 淘宝 دا دۇكان ئېچىش باسقۇچلىرى (1)

تىزىملىتىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق:
1. قىسقا ئۇچۇر قوبۇل قىلالايدىغان يانفون تەييارلىۋېلىڭ.
2. 163.com , mail.qq.com قاتارلىق ھەقسىز ئېلخەت ئادرېسى بىلەن تەمىنلەيدىغان بېكەتلەردىن ئېلخەت ئىلتىماس قىلىۋېلىڭ.
3. كىملىكىڭىزنىڭ ئالدى-كەينى سايىلەنگەن (扫描) نۇسخىسىنى تەييارلىۋېلىڭ.
ئەمسە باشلايلى:
1. www.taobao.comتور بېكىتىنى ئېچىڭ ۋە تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سول تەرەپ ئەڭ ئۈستىدىكى «免费注册» نى بېسىڭ.

图片2.png

 

图片4.png

 

2. چىققان بەتتە ئەزالىق ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈش ئورنى كۆرۈنىدۇ. ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك.
3. 1-قۇر 会员名 غا ئەزالىق نامىڭىزنى كىرگۈزۈڭ. ئادەتتە ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بىرەر تەخەللۇس نام دېگەندەك. مەسىلەن، pclife ياكى memet ،Alim ،guzal دېگەندەك خالىغانچە ئىسىمنى ئىشلەتسەك بولىدۇ. بۇ ئىسىم بىزنىڭ 淘宝 دىكى نامىمىز بولىدۇ. تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. (ئەزالىق نامىڭىزغا ھەقىقىي نامنى ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.) ئەگەر سىز تىزىملاتقان ئىسىمنى باشقىلار تىزىملىتىپ بولغان بولسا «该会员名已被使用» دەپ چىقىۋالىدۇ. باشقا نامنى ياكى شۇ نامنىڭ ئاخىرىغا ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان سۆز ياكى سانلارنى قوشۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ نام مەيلى سىز بىر نەرسە سېتىۋېلىڭ ياكى سېتىڭ ئېكراندا كۆرۈنىدىغان نامدۇر. شۇڭا ئويلىنىپ قويۇڭ. باشقىلار ئوقۇيالىغۇدەك بولسۇن.
2-قۇرغا 淘宝 غا كىرگەندە ئىشلىتىدىغان پارولىڭىزنى بەلگىلەيسىز. ئادەتتە 16 خەتتىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا چوقۇم ھەرپ ۋە ساننى بىرلەشتۈرۈپ پارول سېلىشىڭىز كېرەك. مەسىلەن، urumqi09913463 دېگەندەك. پارول سىز ئۇنتۇپ قالمايدىغان سان ۋە ھەرپتىن تەشكىل تاپسۇن.
3-قۇرغا پارولنى قايتىلاپ كىرگۈزۈڭ.
4-قۇرغا ئوڭ تەرەپتىكى تەستىق كودىنى (قارا خەتلىك ھەرپلەرنى) كۆچۈرۈپ يازىسىز. ئەگەر ھەرپلەرنى پەرق قىلالمىسىڭىز «看不清?换一张» نى چېكىپ باشقا كود ھاسىل قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئاخىرىدا «同意以下协议并注册» نى بېسىڭ.

图片5.png


4. تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ. ئاستى تەرەپتىكى 使用邮箱验证 دېگەن خەتنى بېسىپ چىققان بەتتىكى كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا ئىشلىتىۋاتقان ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى كىرگۈزۈڭ.

图片6.png


ئېلخەت ئادرېسىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن 提交 نى بېسىڭ.
5. بۇ بەتتە يانفون نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ 发送 نى بېسىڭ.

图片7.png


6. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بەت ئېچىلىدۇ ھەمدە نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن تېلېفونىڭىزغا 6 خانىلىق 效验码 (تەستىقلاش نومۇرى) كېلىدۇ. ئۇ نومۇرنى تۆۋەندىكى كۆزنەكتىكى ماس ئورۇنغا كىرگۈزۈپ، 验证 كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.

图片8.png


بىر مىنۇت ئىچىدە كىرگۈزۈپ بولالمىسىڭىز، يەنە 发送 نى بېسىپ، تەستىق نومۇرىنى قايتا تاپشۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ.
7. تەستىق نومۇرىنى كىرگۈزۈپ 验证 نى باسساق، تۆۋەندىكى رەسىمدىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىكى ئۇچۇر «تىزىملىتىشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ھېلى تىزىمغا ئالدۇرغان ئېلخەتنى ئېچىپ، ئەزا نامىڭىزنى ئاكتىپلاشتۇرۇڭ» دېگەن مەنىدە. كۆزنەكتىكى 去邮箱激活账户 دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، ئاپتوماتىك ھالدا سىز تىزىملاتقان ئېلخەتكە ئۇلاپ بېرىدۇ.

图片9.png


8. ئېلخەتكە كىرسىڭىز، 淘宝 دىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى كۆرىسىز. تۆۋەندىكىدەك:

图片10.png

 

كەلگەن خەتتە جەزملەش ئادرېسى بېرىلگەن بولىدۇ.
9. شۇ ئادرېسنى باسسىڭىز 淘宝 تورىغا ئۇلىنىپ بەتتە «مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزىملاتتىڭىز »(注册成功) دېگەن ئۇچۇر چىقىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

图片11.png


يۇقىرىقى مەشغۇلاتلار بىلەن 淘宝 ئەزالىق نامىمىز ۋە 支付宝 Alipay ھېساباتىمىز ئېچىلدى. ئەزا بولۇش مەشغۇلاتى ئوڭۇشلۇق بولدى.
ئەمدىكى مەسىلە 淘宝 ھېساباتىمىزدا بىخەتەر ۋە قۇلايلىق ئۇسۇلدا مال سېتىۋېلىش ۋە مال سېتىش ئۈچۈن كىملىكتىكى ئۇچۇرلىرىمىزنى تولدۇرۇپ تولۇقلايمىز ۋە كىملىكىمىزنى ئىسپاتلايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن مەشغۇلاتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.
1. يۇقىرىقى بەتنى ئۆچۈرمىگەن بولسىڭىز، تۆۋەندىكى كۆرسىتىلگەن «پۇل تۆلەش شەكلى (查看支付方式)»نى بېسىڭ. بەتنى ئۆچۈرۈۋەتكەن بولسىڭىز، www.alipay.comنى ئېچىپ، تىزىملاتقان ۋاقىتتا كىرگۈزگەن ئېلخەت ئادرېسى ۋە پارولىڭىزنى كىرگۈزۈپ ھېساباتقا كىرىڭ.

图片12.png


2.Alipay ھېساباتىڭىزغا كىرگەندىن كېيىن « ھېساباتىم (我的账户) » نى باسسىڭىز (未认证) 你的支付宝账户是:xx@ss.comدېگەن ئۇچۇرنى كۆرىسىز.

图片13.png

 

يۇقىرىقى رەسىمدىكىدەك 未认证 نى ياكى 申请实名认证 نى بېسىڭ.
3. بىز ئالدىنقى باسقۇچلاردا كىملىكتىكى ئۇچۇرلارنى كىرگۈزمىگەن ئىدۇق. ئەمدى كىملىك ئۇچۇرىمىزنى كىرگۈزىمىز. بۇلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك 未认证 نى باسسىڭىز،实名认证 بېتىدە تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ. كۆرسەتمە بەلگىدە كۆرسىتىلگەن جايدىكى 点此补全 نى بېسىڭ.

图片14.png

 

ئېچىلغان كۆزنەكتە كىملىك ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇش ئورۇنلىرى كۆرۈنىدۇ .
بۇلار ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر كىملىكتىكى ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسەك 淘宝 ئەزالىق ھوقۇقىنى ئىشىلىتەلمەيمىز.
4. بۇ بەتتە «ئابۇنت تۈرى» (用户类) دىن « شەخسىي ئابۇنت » (个人)نى تاللاڭ. ئاندىن «ھەقىقىي ئىسمىڭىز»(真实姓名) غا كىملىكتىكى ئىسمىڭىزنىڭ خەنزۇچىسىنى توغرا تولدۇرۇڭ. بۇ ھەممىدىن مۇھىم. ئىسمىڭىزنى كىرگۈزگەندە ئوتتۇرىغا چېكىت قويۇشقا ياكى بوشلۇق قويۇشقا بولمايدۇ. بەزى شەھەر ۋە ناھىيەلەردە چېكىتنى ئېتىراپ قىلغان بىلەن بەزى جايدا ئېتىراپ قىلمايدۇ. يەنە كېلىپ بانكا سىستېمىسىدىكى چېكىت بىلەن بىز تور بېكەتتە ئىشلەتكەن چېكىتتە پەرق بولۇشى مۇمكىن. بانكىغا بارغان ۋاقتىمىزدا بانكىدىكىلەر تور بېكەتتە ئىشلەتكەن چېكىتنى ئېتىراپ قىلماي، «ئىسىم ئوخشىمىدى» دەپ ھېساباتىمىزنى جەزملەشتۈرۈشنى رەت قىلىدۇ. شۇڭا كىملىكىڭىزگە قاراپ تۇرۇپ چېكىت ياكى بوشلۇق قويماي توغرا تولدۇرۇڭ. بۇ نۇقتا ئەڭ مۇھىم.
«设置安全保护问题» تۈرىدىن ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بىر سوئالنى تاللاڭ. بۇ سوئالغا ئۆزىڭىز خالىغانچە جاۋاب بەرسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، كېيىن ھېساباتتىن پۇل چىقىم قىلغاندا ياكى كىرىم قىلغاندا سىزدىن بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى تەلەپ قىلسا، ھازىر تاللىماقچى بولغان سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىڭىز كېرەك بولىدۇ. بۇنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە قىيىن بىر جەريان. شۇڭا ئىمكانقەدەر ئۆزىڭىز تېز جاۋاب بېرەلەيدىغان ۋە ئېسىڭىزدىن چىقىپ كەتمەيدىغان جاۋابنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.
« كىنىشكا نومۇرى » (证件号码)غا كىملىك نومۇرىنى كىرگۈزۈڭ.

图片15.png


ئاخىرىدا ئاستىدىكى «تاپشۇرۇش» (提交) نى بېسىپ جەزملەڭ.
5. كىملىك ئۇچۇرلىرىڭىز توغرا بولسا تۆۋەندىكىدەك نەتىجە كۆرۈنىدۇ .

图片16.png

 

ئەمدى بىز ھېساباتىمىزنى ھەقىقىي يوسۇندا (كىملىكىمىزنى ئىسپاتلاش ) ئىلتىماس قىلىش مەشغۇلاتىنى باشلايمىز.
6. جەزملىگەندىن كېيىن ئېچىلغان بەتتە تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ. «ئىلتىماس قىلىش (立即申请) » نى بېسىڭ.

图片17.png

 

7. ئېچىلغان بەتتە تۆۋەندىكى رەسىمگە ئوخشاش «جەزملەشتۈرۈش شەكلى» (认证方式) دىن方式一 نى تاللاڭ، ئاندىن « ئىلتىماس قىلىش(立即申请) »نى بېسىڭ.

图片18.png


8. كېيىنكى قەدەمدە بەتتىكى «بانكىغا بېرىپ ئىمزا قويۇش (去银行柜台签约» نى تاللىسىڭىز، بىر نەچچە بانكا تىزىملىكىنى بېرىپ تاللاشنى سورايدۇ. «پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسى» (邮政储蓄银行) نى تاللايمىز. (ئەسكەرتىش: بۇ بانكىنى تاللاشتىكى مەقسەت شۇكى، Alipay ھېساباتىنى 支付宝卡通 كارتىسى ئارقىلىق ھەقىقىي كىملىكىمىزنى ئىسپاتلاش جەريانىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ھېساباتتىن پۇل چىقىم قىلىش ۋە كىرىم قىلىش ناھايىتى قۇلاي. تور بانكىسى ئارقىلىق جەزملەشكە قارىغاندا مەشغۇلاتى ئاز ۋە ئاددىي. پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسى ھەرقانداق شەھەر ۋە ناھىيەدە بار. ھەرقانداق ناھىيە ياكى شەھەرلىك پوچتا پۇل ئامانىتى تىجارەت زالى Alipay ھېساباتىنى 支付宝绿卡 ئارقىلىق (بانكا خادىملىرى 淘宝卡 دەپمۇ ئاتايدۇ) باغلاش ۋە كىملىكىمىزنى ئىسپاتلاش مۇلازىمىتىنى بېجىرىدۇ. پوچتا پۇل ئامانىتىنىڭ « يېشىل كارتا »绿卡 سىنى بېجىرىۋالسىڭىز، 淘宝 ھېساباتىڭىزدىكى پۇلنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كارتىغا كىرىم قىلغىلى ياكى كارتىدىن چىقىم قىلغىلى بولىدۇ. تور بانكىسى كېرەك بولمايدۇ. پەقەت 淘宝 ۋەAlipay ھېسابىڭىزدىكى پارول ئارقىلىقلا پۇل قاچىلىيالايسىز ۋە چىقىم قىلالايسىز. شۇڭا تۆۋەندىكىدەك تاللايمىز.

图片19.png

 

9. يۇقىرىقى رەسىمدىكىدەك «پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسى» (邮政储蓄银行)نى تاللىغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كىملىك ئۇچۇرىنى تولدۇرۇش جەدۋىلى كۆرۈنىدۇ. كىملىكتىكى ئىسىمنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى ۋە كىملىك نومۇرىڭىزنى بايا تولدۇرغاندەك ئوتتۇرىغا چېكىت ياكى بوشلۇق قويماي توپتوغرا كىرگۈزۈڭ.

图片20.png


كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئاستىدىكى « يوللاش »(确认提交) نى بېسىڭ.
10. چىققان كۆزنەكتە تۆۋەندىكىدەك نەتىجە چىقىدۇ:

图片21.png


شۇنىڭ بىلەن ئىلتىماس قىلىش مەشغۇلاتىمىز تۈگىدى.
يۇقىرىقى رەسىمدىكىدەك نەتىجە چىققاندىن كېيىن، يۇقىرىقى چىققان كۆرسەتمىدىكى 姓名 ۋە 支付宝账户 نى يېزىۋېلىپ، پوچتا پۇل ئامانىتى بانكىسىغا بېرىپ، 淘宝绿卡 ياكى 淘宝卡 بېجىرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ كىملىكنى بەرسىڭىز، ئۇلار سىزگە بىر پارچە «توختام ئىمزالاش ئىلتىماس جەدۋىلى»(签约申请书) بېرىدۇ. بۇ جەدۋەلگە كىملىكتىكى ئىسىم، Alipay ھېساباتى (ئېلخەت ئادرېسى شۇ) لارنى تولدۇرۇپ بەرسەكلا بولىدۇ.
بۇ جەدۋەلنى تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن بانكا ئىش بېجىرگۈچى خادىمىغا «كارتا ئىگىسىنىڭ نامىغا ئىسمىمنى كىرگۈزگەن ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چېكىت قويماڭ» دەپ چوقۇم ئەسكەرتىپ قويۇڭ. بولمىسا يەنە بىر قىسىم ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچ كېلىسىز.
جەدۋەل شەكلى تۆۋەندىكىدەك:

图片22.png


بۇنى بېجىرگەندىن كېيىن 淘宝 ھېساباتىڭىز بىلەن باغلانغان كارتا تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ. بۇ كارتىنى ئىشلىتىپ ئادەتتىكى كارتىدەك پۇل ئامانەت قويغىلى ھەم چىقىم قىلغىلى، ھەرقانداق ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن پۇل ئالغىلى بولىدۇ.

图片23.png


ئەمدى پوچتا بانكىسىغا بېرىپ 淘宝绿卡 بېجىرگەندىن كېيىن، Alipay ھېساباتىمىزنى ئېچىپ كارتا نومۇرىنى ئاكتىپلايدىغان ۋە كىملىكىمىزنى Alipay غا يوللاپ بېرىدىغان بىرلا قەدەم قالدى. كارتىنى بېجىرىپ كەلگەندىن كېيىنكى مەشغۇلاتنى باشلايلى.
1. https://katong.alipay.comنى ئېچىپ 淘宝 غا تىزىملاتقاندا ئىشلەتكەن ئېلخەت ئادرېسىڭىز ۋە پارولىڭىزنى ئىشلىتىپ كىرىپ ياكىwww.alipay.comغا كىرىپ 我的账户 نى چېكىپ، ئوڭ تەرەپتىكى 已成功签约卡通,等待激活 نى چېكىڭ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

图片24.png


ئېچىلغان بەتتە تۆۋەندىكىدەك نەتىجە چىقسا 完成开通 نى بېسىڭ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

图片25.png

 

كېيىنكى قەدەمدە ئېچىلغان بەتكە بىز بانكىدىن بېجىرگەن淘宝绿卡 كارتىسى ئۈستىدىكى قاپارتما كارتا نومۇرىنى كىرگۈزىمىز.
كىرگۈزگەندە ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ خانە ساننى كىرگۈزمەيمىز. چۈنكى ئاخىرقى ئۈچ خانە سان شۇ قۇردىكى جەدۋەلنىڭ ئاخىرىدا بار. ئاندىن ئاستىدىكى قۇردىكى ئورۇنغا يانفون نومۇرىنى كىرگۈزۈپ 免费获取校验码 نى باسسىڭىز، يېرىم مىنۇت ئىچىدە يانفونىڭىزغا Alipay دىن ئەۋەتىلگەن قىسقا ئۇچۇر كېلىدۇ.
قىسقا ئۇچۇر مەزمۇنىدا 6 خانىلىق 校验码 (تەكشۈرۈش نومۇرى) بار بولۇپ، شۇ نومۇرنى ئاستى قۇردىكى ئورۇنغا كىرگۈزۈپ «ئاكتىپلاش» (立即激活) نى باسسىڭىز بولىدۇ.

图片26.png


مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا تۆۋەندىكىدەك نەتىجە چىقىدۇ.

图片27.png


يۇقىرىدىكى ئۇچۇر چىققان بولسا Alipay ھېساباتىمىزنى ھەقىقىي ئىسىمدا جەزملەشتۈرۈش مەشغۇلاتىنىڭ مۇھىم قىسمى تۈگىدى.
ھېساباتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى، مال ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، Alipay تور بېكىتى بىزدىن ھېسابىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە كىملىكىمىزنى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەشغۇلاتنى داۋاملاشتۇرىمىز.
ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان كىملىكنىڭ ئالدى، كەينى سايىلەنگەن نۇسخىسىنىڭ (扫描) كومپيۇتېردىكى قايسى جايدا ئىكەنلىكىنى تېپىۋېلىڭ.
يۇقىرىقى رەسىمدىكىدەك 申请数字证书 نى باسساق، تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلار بار بەت ئېچىلىدۇ.

图片28.png

 

申请实名认证 نى بېسىڭ.
ئېچىلغان بەتتە «كىملىكىكىزنىڭ سايىلەنگەن نۇسخىسىنى يوللىماپسىز، يوللاڭ» دېگەندەك ئۇچۇر چىقىدۇ ۋە تولۇقلاپ يوللاش ئادرېسىنى تەمىنلەيدۇ. كۆرسەتمە بەلگە بويىچە (请点此补全您的认证信息) دېگەن ئۇلانمىنى چېكىڭ.

图片29.png


يۇقىرىقى ئۇلانما چېكىلگەندىن كېيىن كىملىكنى تورغا يوللاش بېتى ئېچىلىدۇ. تۆۋەندىكىدەك:

图片30.png


تەرتىپ بويىچە ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان تۈرلەرنى تاللاڭ ۋە تولدۇرۇڭ. 2-ئورۇنغا كىملىكنىڭ ئالدى تەرىپىنى، 3- ئورۇنغا كىملىكنىڭ ئارقا تەرىپىنى تاللاپ جەزملەڭ. ئاندىن 4-ئورۇنغا كىملىكنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى (كۈچكە ئىگە ۋاقتى) دىكى ئاخىرقى 8 خانە ساننى ئۇلاپ تولدۇرۇڭ. مەسىلەن، 20201209. ئاخىرىدا 5-ئورۇنغا دائىملىق تۇرىدىغان ياكى ئىشلىتىدىغان ئادرېسىنى كىرگۈزۈڭ ۋە 提交 نى بېسىڭ.
كىملىكنى يوللاپ بەرگەندىن كېيىن، Alipay مۇلازىملىرى بەزىدە بىر نەچچە سائەت ئىچىدە، بەزىدە بىر كۈندە كىملىكىڭىزنى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ.
تەستىقلانغانلىق ياكى تەستىقلانمىغانلىق ئۇچۇرى ئېلخەتكە يوللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە Alipay ھېساباتىڭىزغا كىرسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنىدۇ:

图片31.png


« 淘宝 دا دۇكان ئېچىش باسقۇچلىرى » ناملىق ماقالىمىزنىڭ دەسلەپكى قىسمى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.
ماقالە ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، 淘宝 جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ سودا تورى. بۇ تور بېكەتنىڭ ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىغا قويغان تەلىپى، جۈملىدىن سەمىمىيلىك تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى. مەيلى بۈگۈنكى ماقالىمىزدە سۆزلىگەندەك 淘宝 غا دەسلەپكى كىرىش باسقۇچى بولسۇن، مەيلى توردا دۇكان ئېچىپ سودا قىلىش باسقۇچى بولسۇن، ئازراقلا سەمىمىيەتسىزلىك قىلسىڭىز، باشقىلارنى ئالداش، قاقتى-سوقتى قىلىش كويىدا بولسىڭىز، ئاخىرقى زىيان تارتقۇچى يەنىلا ئۆزىڭىز بولىسىز. شۇڭا تور سودىسىغا كىرمەكچى بولغان ياكى كىرىپ بولغان ھەرقانداق كىشىنى يۇقىرىدىكى سۆزىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا دالالەت قىلىمىز

 

* ئاپتورى: ياسىنجان ئىمىن، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىمى


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى تور بىكىتى باشقۇرىشىدىكى («كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى) نىڭ 2011-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان. يازما ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان ئاساستا بلوگىمىزغا يۆتكەپ كىلىندى ھەمدە كەڭ تورداشلارنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلدى....
يازما ئەسلى ئادىرىسى http://bbs.xjcfan.com/thread-2798-1-1.html


 

نۆۋەتتە 8 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :6 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :2 پارچە

  1. پەخرىم : 2012-يىلى07-ئاينىڭ30-كۈنى13:03:15  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ھەقىقەتەن ياخشى تېما يوللاپسىز مەن بىرىنچى بۇلۇپ باشلاي ھە راست مىنىڭ بىلوگىمنىڭ تۇغى قېنى يەنە بىر ئىش بىلوگىڭلىنىڭ سۈرئىتى بەك ئاستىلاپ كىتىپتۇ

  2. پەخرىم : 2012-يىلى08-ئاينىڭ02-كۈنى14:09:21  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ھە راست مەن يېزا – ئىگىلىك كارتامنى باغلىغان بىراق ئۇ كارتىدا 3 يۈئەندىن ئاز پۇل باغۇ دەيمەن پۇل سالمىغىلىمۇ 3 ئاي بۇلۇپ قالدى ئۆلتۈرۋەتمەس ھە؟

  3. admin : 2012-يىلى08-ئاينىڭ02-كۈنى16:55:15  -47-رەت @جاۋاب جاۋاب

    خاتىرجەم بولۇڭ ئۆلتۈرۋەتمەيدۇ…..بانكىنىڭ خالىغانچە سەۋەپسىز ئۆلتۈرۋىتىش ھوقۇقى يوق…… :mrgreen:

  4. تەشنايى : 2012-يىلى08-ئاينىڭ13-كۈنى01:19:05  -46-رەت @جاۋاب جاۋاب

    بەكلا ياخشى تېما بوپتۇ! مەنمۇ ئىچكىردە ئوقۇغاچ سودا قىلىشنى پىلانلاۋاتقان، توردا دۇكان ئېچىشنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىۋالدىم، رەھمەت سىزگە!

  5. نۇرنىجات : 2012-يىلى08-ئاينىڭ16-كۈنى10:44:17  -45-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئاڭلىسام سىزنى توردا بەك جىق پۇل تېپىپ كەتتى دەيدۇ!جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولاي دەپ كەلدىمغۇ؟ :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

    • admin : 2012-يىلى08-ئاينىڭ16-كۈنى12:59:37  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      چاتاق يوق بۇرادەر ، گەرچە جاپادا بىللە بولالمىغان بولساقمۇ ھالاۋەتتە بىللە بولايلى…… :smile:

  6. ئەلگە نەپ : 2012-يىلى08-ئاينىڭ24-كۈنى04:10:17  -44-رەت @جاۋاب جاۋاب

    بۇ ناھايتىمۇ ياخشى تېما بوپتۇ،مۇشۇنىڭغا قاراپ تىزىملاتقانتىم بىراق تېلىفۇنۇمنىڭ ئۇچۇر كەسپى ئوچۇق بولمىغانلىق سەۋەبىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىردىم 1-چىسىلادىن كېيىن كەسىپلىرىن ئېچىۋىتىپ قايتىدىن تىزىملىتاي ! تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت :wink:

  7. tamqabulak : 2012-يىلى12-ئاينىڭ17-كۈنى11:00:31  -43-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مەن يىقىندىلا实名认证 رەسمىيىتىنى بىجىردىم، ئەمما نەچچە قىتىم مەغلۈپ بولۇپ، تەستە بىجىردىم. مەغلۈپ بولۇشىمنىڭ سەۋەبىنى ئاخىرى تاپتىم، مەغلۈب بولۇشنىڭ سەۋەبى نىمىكەن دىسىڭىز- ( مەن 2008-يىلى تور كارتىسى بىجىرىپ تاۋباۋدىن بىرمەزگىل مال سېتىۋالغان ئىدىم، كىيىن بۇ كارتىنى ئىشلەتمىگەن ئىدىم، يىقىندا يەنە ئىشلىتىدىغان بولۇپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن 支付宝غا پۇل قاچىلىماقچى بولۇپ 充值مەشخۇلاتى قىلسام، كارتىدىكى ئىسىم بىلەن كىملىكتىكى ئىسىم (ياكى 支付宝دىكى ئىسىممۇ قايسىسىىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىگىىنى ئايرىيالمىدىم ) ئوخشىمايدىكەن دەپ چىقىۋىلىپ، قەتئئ پۇل قاچىلىغىلى بولمىدى، بانكا چىقىرىپ بەرگەن پۇل قويۇش تالۈنىغا قارىسام ئەمەلىيەتتە ئوخشاش ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن 支付宝دىكى ئىسىمنى ئۆزگەرتمىسەم بولمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، 支付宝نىڭ چۈشەندۇرۇشىگە قارىسام 实名认证 قىلسا مەسىلە ھەل بولىدۇ دەپ يېزىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇنى بىجىرىش ئۈچۈن كىملىكىمنىڭ ئالدى، كەينىنى رەسىمگە تارتىپ تەييار قىلىپ، ھەممە كاتەكچىلەرنى توغرا تولدۇرۇپ يوللىدىم، بىرئىككى كۇن ساقلايسەن دىگەن ئۈچۈر چىقتى، بىراق ئەتىسى قارىسام مەغلۈپ بولدۇڭ دەپ چىقتى، يەنە باشقىدىن باشقا تور كارتامنى ئىشلىتىپ قىلسام يەنە مەغلۈپ بولدۇم، شۇنداق قىلىپ بىرقانچە قىتىم مەغلۈپ بولدۇم، بۇنىڭ سەۋەبىنى تاپالماي، يېڭىدىن بىر 账户ئىلتىماس قىلىپ باقاي دەپ كاتەكچىلەرنى تولدۇرۇپ جەزىملەشتۇرسەم ئىسمىڭ خاتا دەپ چىقىۋالدى، بولمىسا مەن كىملىكتىكى ئىسىم فامىلەمنى يازغانتىم، شۇچاغدا كاللامغا بىر خىيال كەلدى، توختا مۇشۇ چىكىتنى باشقا چىكىتكە ئالماشتۇرۇپ يېزىپ باقاي دەپ كىچىك چىكىتنى يازسام ئۆتۈپ كەتتى، ھە ئەمدى ياخشى بولدى دەپ مۇشۇ چىكىتنى ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىغا ئىشلىتىپ 实名认证 نىڭ كاتەكچىلىرىنى تولدۇرۇپ جەزىملەشتۇرسەم يوقىرىدا دەپ ئۆتكەن خاتالىق ئۈچۈرى يەنە چىقىۋالدى :cry: :arrow: :cry: خەپ…… !
    ئەمما يۇقۇرقى بىرقاتار مەغلۇبىيەتلەر ماڭا مەسىلىنىڭ چىكىتتە ئىكەنلىگىىنى جەزىملەشتۇرۈشىمگە ياردەم بەرگەن بولدى، ئەمدىكى ئىش قايسى چىكىتنىڭ كىملىكتىمۇ، بانكىدىمۇ ، تاۋباۋدىمۇ ئورتاق ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى تىپىش ئىدى، مەن دائىم بەيدۇدىن ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەرگە جاۋاپ ئىزدەيتىم، بۇ نىمىشقا بالدۇرراق ئىسىمگە كەلمىگەندۇ دەيمەن، شۇنىڭ بىلەن بەيدۇغا ‹‹ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىسمىغا ئىشلىتىدىغان چىكىت قايسى چىكىت؟››دىگەندەك سوئاللارنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسەم، بىرسى شۇنداق ياخشى جاۋاپ بىرىپتۇ ئەمەسمۇ، ئالتۇن تىپىۋالغاندەك خوش بولۇپ كەتتىم :mrgreen: :eek: :cool: ئەسلىدە ئۈ چىكىت 搜狗拼音输入法 ھالىتىدە كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئۈندەش بەلگىسى بار، بىۋاستە باسسا بىر چىقىدىغان كۇنۇپكىنىڭ سول تەرىپىدىكى ‹‹~`››مۇشۇ كۇنۇپكىنى باسسا چىقىدىكەن ئەمەسمۇ :???: مانا مەن ھازىر 搜狗 ئارقىلىق بۇ چىكىتنى 《·》 بۇ يەرگە چىقىرىپ قويدۇم، بۇ ئەتىۋارلىق چىكىتكە مۇھتاجلار ئارىمىزدا بۇنىڭدىن كىيىن تىخىمۇ كۆپىيدىۇ :lol: ) ئۇ بىردانە چىكىتكەن. :razz:

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟