نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەتتورسودىسى>ئاساسىي مەزمۇن
توردا دۇككان ئىچىپ پۇل تىپىشقا ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟
2012-يىلى07-ئاينىڭ08-كۈنى تورسودىسى ⁄ جەمئى 3792خەت بار 16پارچە ئىنكاس بار ⁄ 1,904 قېتىم كۆرۈلدى+
بەشىنجى ئەۋلاد قىممەت تولۇقلاش سىستىمىسى

ھەممىمىزنىڭ كۆپ پۇل تاپقىمىز، تۇرمۇشىمىزنى باياشاتچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگىمىز كېلىدۇ. بىراق يەنە دېسەك يەنە شۇ، ئۈزۈم پىش ئاغزىمغا چۈش دەپ ئولتۇرغانغا ئىش تاڭ ئاتمايدۇ، چوقۇم پۇل تېپىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. رىقابەت كەسكىن بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسلىسىنى، يىغىپ ئېيتقاندا كىرىم مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىۋاتىدۇ تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى.
تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، %60 ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىنىڭ توردا دۇكان ئېچىپ خىزمەت كۈتۈش نىيىتى بار ئىكەن. يېقىندا مۇخبىرنىڭ بەزى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنلىرىدىن ئىگەللىشىچە، بالدۇرراق خىزمەتكە چىقىشنى ئويلايدىغان قىسمەن ئوقۇغۇچىلار توردا دۇكان ئېچىش ئارقىلىق خىزمەت كۈتۈش ئۆتكۈنچى مەزگىلىنى ئۆتكۈزىدىكەن. تاۋباۋ، يىچۈ تور بىكەتلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ توردا ئاچقان دۇكانلىرى%40 ئەتراپىدا ئىكەن. مەكتەپ پۈتكۈزگەن %60 ئوقۇغۇچىمۇ توردا دۇكان ئېچىشنى خالايدىكەن.
مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، ھازىر توردا دۇكان ئېچىش گۇاڭدۇڭ چەتئەل تىلى تاشقى سودا ئونىۋېرسىتېتى، گۇاڭدۇڭ سودا ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا مودا بولغان. گۇاڭدۇڭ چەتئەل تىلى تاشقى سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا سودا كەسپىدە ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «ھازىر خىزمەتكە ئورۇنلىشىش شۇنداق تەس، خىزمەتكە ئورۇنلاشقان تەغدىردىمۇ ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان خىزمەت بولىشى ناتايىن، شۇڭا، مال سېتىۋېلىش تورىدىن ئۆزىمىزگە تەۋە كىچىك دۇكاندىن بىرنى ئېچىۋالساق تەجرىبە بولسىمۇ توپلىيالايدىكەنمىز ئەمەسمۇ؟».
گۇاڭدۇڭ سودا ئىنستىتۇتىنىڭ بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇيدىغان بىرەيلەن بىر ئاي بۇرۇن تاۋباۋ تورىدا تىزىملىتىپ دۇكان ئاچقاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ تەسىرىدە ھەر تەرەپتىن مال مەنبەسى تېپىپ، توردا دۇكان ئېچىشقا تەييارلىنىپتۇ. بۇ دوستىمىز بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى، ئەينى ۋاقىتتا توردا تىزىملىتىپ دۇكان ئېچىشتىكى مەقسىتىم ئاساسلىقى مەكتەپ پۈتتۈرۈشنىڭ ئالدىدىكى «كۈنلەر تەستە ئۆتىدىغان» خىزمەت كۈتۈش مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنلا ئىدى. بىراق بىر ھەپتىدە ئىككى مىڭ يۈەنلىك مال سېتىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. توردا سېتىلىدىغان ئاياللارنىڭ قول سومكىسىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدىن نۇرغۇننى باستۇرۇپ مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ ئېلان تاختىسىغا چاپلاپ قويدۇم، QQ دىكى تورداشلىرىمغا ماللىرىمنى توختىماي ماختىدىم. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزەمنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئىقتىدارىمنى چېنىقتۇردۇم، يەنە نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، قىسقىسى، بۇنىڭدىن كۆپ پايدىغا ئېرىشتىم.
مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، توردا دۇكان ئېچىش ئىنتايىن ئاسان ئىكەن. تورغا چىققىلى بولىدىغان بىر كومپيۇتېر، بىر سېفىرلىق فوتو ئاپپارات، كىملىك بولسا، تاۋباۋ دېگەندەك تور بىكەتلىرىگە تىزىملىتىپ قويسىلا بولىدىكەن. تەننەرخ تۆۋەن، تەرتىپى ئاددىي بولۇش نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توردا دۇكان ئېچىش قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.-
تاۋباۋ تورى ئالاقىلىشىش بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى لۇ ۋېيشىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە توردا دۇكان ئېچىپ نەرسە كېرەك ساتىدىغانلىرى بەك كۆپ بولۇپ، ئادەتتە بىر ئايلىق كىرىمى 1000-4500 يۈەنگىچە بولىدىكەن. تاۋباۋ تورىدا دۇكان ئاچقۇچىلارنىڭ %62دىن كۆپرەكىنىڭ يېشى 18 ياشتىن 32 ياشقىچە ئىكەن. يىچۈ تورىدىكى نەچچە ئون مىڭ دۇكاننىڭ %40نى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاچقان ئىكەن."
لېكىن، يەنە بەزى ئوقۇغۇچىلار توردا دۇكان ئاچقاندا كۈندە كومپيۇتېرغا قاراپ ئولتۇرغاچقا، نورمال خىزمەت تېپىشقا تەسىر قىلىپ، ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ پايدىسى يوق، دەپ قارايدىكەن. جۇڭشەن ئونىۋېرستېتىنىڭ خەنزۇ تىلى فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن بىر ئوقۇغۇچى مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن، بەزى ئوقۇغۇچىلار توردا دۇكان ئېچىپ خوجايىن بولساق، خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنلىرىغا قاتناشمىساقمۇ بولىدۇ دەپ قاراپ خىزمەت ئىزدەشنىڭ نۇرغۇن پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ.
گۇاڭدۇڭ سودا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مۇشۇ قاراردا پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، توردا دۇكان ئېچىش ئىگىلىك تىكلەشنى سىناپ باقىدىغان پايدىلىق ئۇسۇل، بۇنىڭ خەتىرى چوڭ ئەمەس، ئەمەلىي تەجرىبە توپلاشقا پايدىسى بار. بىراق ھازىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توردا دۇكان ئېچىشى شەخسنىڭ شەخسكە مال سېتىپ بېرىشى، ھەرگىزمۇ مۇنتىزىم كارخانا ئەندىزىسىدە ئەمەس، كەلگۈسىنى كۆزە تۇتقاندا، بۇ خىل ئەندىزە مەخسۇس كەسىپ قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ».
ئەلۋەتتە، توردا دۇكان ئېچىشقىمۇ ھەركىمنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەر خىل بولىدۇ. لېكىن كۈندە پۇل تاپالمىدىم دەپ زارلىنىپ ھىچ ئىش قىلماي ۋاقىت ئۆتكۈزگەندىن كۆرە مانا مۇشۇنداق ئاز دەسمايىلىق تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ باقسا، كۆپ پايدا ئالالمىغان تەغدىردىمۇ ھىچ بولمىغاندا ئازدۇر كۆپتۇر تەجىرىبە توپلىيالايدۇ..

نۆۋەتتە 16 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :10 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :6 پارچە

  1. ئۇيغۇربەگ : 2012-يىلى07-ئاينىڭ10-كۈنى04:58:04  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مەنمۇ ئانچە مۇنچە كىرىم قىپ قويىمەن، كۆپ ئەمەس ئەمدى…

  2. admin : 2012-يىلى07-ئاينىڭ10-كۈنى05:03:14  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مىنىڭچە سىلىنى خىلى كۆپ كىرىم قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن، ئۆزلىرىدە تىخنىكىمۇ بار، بىلىممۇ بار…
    ئىشقىلىپ ھەممەيلەننى تىپىشقا نىسىب قىلسۇن ، تىرىشچانلىق بولسىلا بىر گەپ بولىدۇ

  3. پەخرىم : 2012-يىلى07-ئاينىڭ13-كۈنى16:47:36  -47-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مۇشۇ تاۋبادىكى ماللارنى سېتىۋىلىش توغۇرلۇق تەپسىلى دەرىسلىكتىن بىرسنى ئىشلەپ قويسىڭىز سۈرەتلىك قىلىپ ، ئە راست ماڭا يەنى پەخرىم بىلوگىغا بىر دانە لوگو ياساپ بەسىڭىزچۇ

  4. admin : 2012-يىلى07-ئاينىڭ13-كۈنى17:55:25  -46-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مۇۋاپىق ۋاقىت چىقىرىپ تاۋباۋدىن ئىشەنچىلىك مال سىتىۋىلىش ھەققىدە دەرسلىك ئىشلەپ قوياي، ئەمما بۇرادەر لوگو ئىشلەش جەھەتتە مەن بەك چولتا ، ماڭىمۇ شۇ ئاغىنە بۇرادەرلەر ئىشلەپ بىرىدۇ، قولۇمدىن كەلگەن بولسا چوقۇم ياردىمىمنى ئايىمىغان بولاتتىم… ;-)

    • پەخرىم : 2012-يىلى07-ئاينىڭ15-كۈنى11:07:15  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      ئۇنداقتا باشقىلارنى ئزدەي مەن بىلوگىمغا بىر تېما يوللىغان يېڭىدىن كۆرۈپ باقارسىز

  5. گۈلخان : 2012-يىلى07-ئاينىڭ15-كۈنى19:16:17  -45-رەت @جاۋاب جاۋاب

    كۆپ قىسىم كىشلەر تاۋبادىن مال سىتىۋىلىش ياكى توردىن مال سىتىۋىلىشنى ، قولدىكى پۇلىنى قۇدۇققا تاشۋەتكەنلىككە بارۋەر دەپ ئويلايدىكەن . ئەمەلىيەتتە قول سىلىپ مەشغۇلات قىلىسا توردا سودا قىلىشنى بىلدىغان دوستىلىرنىڭ ياردىمىدە ئۆز ئالدىغا بىرەر نەرسە سىېتۋالسا بۇ خىل كۆز قارشىنڭ خاتالىقنى ھىس قىلدۇ .

  6. ئېقىن : 2012-يىلى07-ئاينىڭ16-كۈنى09:08:32  -44-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مەنچىمۇ تاۋباۋ نەنمېندىن ياخشى، يېقىندىن بۇيان مەنمۇ دۇكاندىن بىرنى ئېچىش ئۈچۈن مال مەنبەسى ئىزدەۋاتىمەن،لېكىن بۇرۇن قىلىپ باقمىغان بولغاچقىمۇ يەنلىلا ئەنسىرەش بار، خىزمەت ئورنۇمدا 8 سائەت تورغا چىقىش شارائىتىم بار، تور سودىسىنىمۇ خېلى چۈشۈنۈپ قالدىم، لېكىن گەپ قايسى تۈرگە قول سېلىش،قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش ، …. بىر يول كۆرسىتىڭە!

    • admin : 2012-يىلى07-ئاينىڭ16-كۈنى15:39:47  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      ئىشنى ئاۋۋال مەۋھۇم بويۇم سودىسىدىن باشلاڭ، كىيىم_كىچەك، ئىلىكترون بويۇملىرى تىجارىتىمۇ قىلىڭ، مىنىڭ دۇككىنىمدىكى ماللارنى كۆرۈپ بىقىڭ، مال مەنبەسىدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ http://parwaz.taobao.com

      • ئېقىن : 2012-يىلى07-ئاينىڭ17-كۈنى02:41:00  2-قاتار @جاۋاب جاۋاب

        مەن دوكىنىڭىزنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم،مال مەنبەسى فۇجىيەندە ئوخشىمامدۇ كىيىم كېچەكنىڭ، لېكىن كۆپ نەرسىلەرنى دەسلەپ قىلمىغان ئوخشايسىز،مېنىڭچە بىز ئۈچۈن ئۇيغۇر سىتودېنتلار ياكى يەرلىك مەھسۇلاتلار بىلەن خەن بازىرىنى ئېچىش ئەڭ ياخشى تاللاشمىكىن دەپ ئويلىدىم، ئاغىنەمنىڭ مەكتىپىدىكى 40% خەننىڭ تاۋباۋدا دوكىنى بارمىش. لېكىن دوكىنىڭىزنى ياخشى بىزەپسىز ماڭا بەك ياقتى، بىر گەپنى سوراپ باقسام قانچىلىك ئىقدىساد ۋە ۋاقىت بىلەن بۈگۈنكى ھالەتكە ئەپ كەلدىڭىز :mrgreen: بولسا قىممەتلىك ۋاقتىڭىزدىن ۋاقىت چىقىرىپ تاۋباۋ دوكىنىغا مال قوشۇش ،ئورۇنلاشتۇرۇش دىگەنلەردىنمۇ ئازراق دەرس سۆزلەپ بەرسىڭىز!

  7. admin : 2012-يىلى07-ئاينىڭ17-كۈنى03:27:09  -43-رەت @جاۋاب جاۋاب

    دۇكىنىمنى ھازىرقى ھالاتكە ئەكىلىش ئۈچۈن 500 يۈەن كەتتى يا كەتمىدى، يىقىننىڭزى ئالدىراشچىلىقتا يۈرۈپ دۇكانغا تۈزۈك ئەھمىيەت بىرەلمىدىم، يىڭى ماللارنى قوشۇپ كونا ماللارنى ئۆچۈرۈشكە ۋاقىت يەتمىدى، تاۋباۋ دۇككىنمدىكى كۆپ قىسىم ماللارنىڭ سىتىلمىغىنى راست، مەن ماللىرىمنى ئۇيغۇر سودا بىكەتلىرىدە سىتىپ چىقىرىمەن، ئۇنىمى ھەقىقەتەن ياخشى بولىۋاتىدۇ، ھازىر ئۇيغۇرلىرىمىزدا توردىن مال سىتىۋىلىش بىر خىل مودا ئىقىمغا ئايلىنىۋاتىدۇ دىسەكمۇ بولىدۇ،كۆپ كىشىلەر تاۋباۋدىن مال سىتىۋىلىشنى بىلمەيدۇ، مەن بۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تورسودا بىكەتلىرىدە ياخشى سودا قىلىۋاتىمەن
    http://parwaz.xjsoda.com http://dawir.xjsoda.com بۇ دۇككانلىرىمنىڭ سودىسى تاۋباۋ دۇكىنىمنىڭكىدىنمۇ ياخشى…

  8. admin : 2012-يىلى07-ئاينىڭ17-كۈنى03:29:50  -42-رەت @جاۋاب جاۋاب

    شۇنى تەن ئىلىش كىرەك، توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم دۇنيادا سودا قىلىپ قوشۇمچە كىرىم قىلىشنىڭ ھىچقانداق تەس يىرى يوق، گەپ ئۆزىمىزنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا باغلىق…

  9. admin : 2012-يىلى07-ئاينىڭ17-كۈنى03:33:45  -41-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مۇۋاپىق ۋاقىت چىقىرىپ تاۋباۋ دۇكىنىغا مال قوشۇش ، ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە دەرسلىك ئىشلەپ قوياي، قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرغايسىز

  10. چەۋەندازلار : 2012-يىلى07-ئاينىڭ25-كۈنى10:35:32  -40-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ھورۇن كىشىلەر ئۈچۈن تاۋباۋ ئەڭ ياخشى مال سېتىۋېلىش بازىرى

  11. مەدىكار : 2012-يىلى08-ئاينىڭ06-كۈنى11:39:05  -39-رەت @جاۋاب جاۋاب

    دەرسىلىكنى بالدۇرراق ئىشلەپ بىزگە ئوخشاش ساۋاتسىز مەدىكارلارغىمۇ پۇل تېپىش يوللىرىنى ئۆگىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.قايسى ئېلاننى دەسسىەم بولا؟؟!!!!!سىزدىن سورىمايلا دەسسىۋەتتىم ئەمىسە،كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن-ھە.

  12. سەھرايىم : 2012-يىلى08-ئاينىڭ14-كۈنى11:02:15  -38-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئىنكاسىم ئارقىلىق ساقلىۋالاي ، بىر كۈنلەر كىلىپ دۇكان ئېچىشقا توغرا كەپ قالسا ، مەنمۇ ماۋۇ يازمىدىن پايدىلنارمەن .

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟