باغلانما كارتا بولسا، سىزنىڭ پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېساباتىڭىز بىلەن بانكا كارتىڭىزنى باغلايدىغان بولۇپ، سىز تور بانكا كەسپىنى بىجىرمىسىڭىزمۇ توردا بىۋاستە پۇل تۆلىيەلەيسىز ھەمدە پۇل تۆلەش گۆھىرى تەمىنلىگەن «ئاۋۋال مالنى كۆرۈپ، ئاندىن پۇل تۆلەش» تەك كاپالەتلىك مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالايسىز. باغلانما كارتا تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:.
1. پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ چىقىم قىلىش مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزسىڭىزلا پۇل تۆلىيەلەيسىز ياكى ھېساباتىڭىزغا پۇل قاچىلىيالايسىز، تور بانكىسىنى ئاچقۇزۇش ھاجەتسىز.
2. سىزنىڭ ھەقىقىي كىملىكىڭىزنى تەستىقلىتىش (实名认证) مەشخۇلاتىڭىز ئاپتوماتىك تاماملىنىدۇ ھەمدە سىز باشقىلاردىن كەلگەن پۇلنى قۇبۇل قىلالايدىغان ئىشلەتكۈچىگە ئايلىنىسىز (ھەقىقىي كىملىكنى تەستىقلىتىش ئۆتمىگەن ھېساباتتا پەقەت پۇل چىقىم قىلىشقىلا بولىدۇ، باشقىلارنىڭ پۇلىنى قۇبۇل قىلىغىلى ۋە تاۋباۋدىن دۇكان ئاچقىلى بولمايدۇ).
3. بىر پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېساباتىڭىزغا كۆپ دانە بانكا ۋە بانكا كارتىسىنى باغلىسىڭىز بولىدۇ.'
4. پۇل تۆلەش گۆھىرى تور بېتكىتىدە تۇرۇپلا، بانكا كارتىڭىزدىكى قالدۇق سوممىڭىزنى تەكشۈرۈلەيسىز. (قىسمەن كارتىلاردا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان)
5. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېساباتىڭىزنى پۇلنى بانكا كارتىڭىزغا ئاغدۇرۇپ، نەق پۇل ئالالايسىز، ئازىراقمۇ ساقلىمايسىز. (قىسمەن كارتىلاردا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان)
قولايلىقكەن جۇمۇ….
تەپسىلى،ئۇقۇملۇق چۈشەندۈرۈش بوپتۇ.مەن دەسلەپ ئىشلەتكەندە ھېچنىمىنى بىلمەيتتىم،كېيىنچە چۈشەندىم.
پۇل تۆلەش گۆھىرى گە ھىساباتىغا مەسىلەن بىر نەچچە خىل بانكا كارتىسىنى باغلىغىنى بولسا ، چوقۇم شۇ بانكا كارتلىرنىڭ تور كەسىپىنى ئاچقۇزغان بولۇش كىرەكمۇ ؟
شۇنداق بۇرادەر، چوقۇم شۇ بانكا كارتىسىنىڭ تور بانكا كەسپى ئوچۇق بولىشى كىرەك
بانكا كارتىسىدىن بىر قىتىمدا ئەڭ كۆپ بولغاند پۇل تۆلەش گۆھىرىگە قانچلىك پۇل يۆتكىگىلى بولدۇ ، چەك بارمۇ يوقمۇ؟
ئىختىيار ئۆزىڭىزدە، بانكا كارتىڭىزدا پۇل بولسىلا خالىغانچە يۆتكەپ ئىشلىتەلەيسىز،ھىچقانداق چەكلىمە يوق…
ياخشى بىلىمدىن بىرنى بىلىۋالدىم رەھمەت
كەلگەن مۇبارەك قەدىمىڭىز ئۈچۈن سىزگىمۇ رەھمەت
تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىندىغانلار ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپسىز ،تىرىشچانلىغىڭىزنى قەتئى داۋاملاشتۇرۇڭ
ئاللا خالىسا بىلىدىغانلىرىمنى قىرىنداشلىرىمدىن ئايىمايمەن،دوستلارغا ئاز-تولاياردەم قىلىپ ئۇلارنى خۇرسەن قىلالىساملا مەن شۇنىڭغا خۇش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تور سودا بىلوگىدىكى ئۇستازلار مەن توردا سودا قىلاي دىگەن مىنىڭ ئالىي پاي ھىساۋاتىم بار باغلانما كارتام يوق باغلانما كارتىنى قانداق بېجىرىمەن قايسى بانكىدىن بېجىرىمەن ماڭا يول كۆرسەتكەن بولساڭلار بوپتىكەن رەھمەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تور سودا بىلوگىدىكى ئۇستازلار باغلانما كارتىنى قانداق بېجىرىمەن قايسى بانكىدىن بېجىرىمەن چۇشەنچە بەرسەڭلا… رەھمەت