تاۋباۋدىن مال زاكاس قىلغاندا پۇل تۆلەپ بولغاندىن كىيىن ئادەتتە سودىنىڭ ئاخىرلىششى ئۈچۈن 10 كۈن ۋاقىت بەلگىلەنگەن، مۇشۇ 10 كۈن ئىچىدە سىز زاكاس قىلغان مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ "مالنى تاپشۇرۇپ ئالدىم" (确认收货) كونۇپكىسىنى بېسىپ سودىنى ئاخىرلاشتۇرىشىڭىز كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا بۇ قېتىملىق سودا مۇۋەپپەقيەتلىك بولۇپ مال سېتىۋالغاندىن كىيىنكى ئىشەنىچ نومۇرى دۇكاندارغا قېتىلىدۇ. ناۋادا سىز 10 كۈنگىچە 确认收货 قىلمىسىڭىز سېستىما ئاپتۇماتىك ھالدا 确认收货 بولۇپ پۇل مال تەمىنلىگۈچىنىڭ ھېساباتىغا يوللىنىدۇ ۋە بۇ قېتىملىق سودىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
ناۋادا سىز شىنجاڭنىڭ ئەڭ يىراق ناھيىلىرىدىكى مال ئالغۇچى بولسىڭىز مال ئەڭ تېز بولغاندىمۇ 15 كۈندە قولىڭىزغا تېگىدۇ، سېستىمىنىڭ سودىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا بەرگەن ۋاقتى 10 كۈن، دىمەك سىز مالنى تاپشۇرۇپ ئالماي تۇرۇپلا سېستىما سودىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
دۇكاندار مالنى سالغان بولسا سېستىما سودىنى ئاخىرلاشتۇرۋەتسىمۇ سىزگە ھېچقانداق زىيىنى يوق، ناۋادا دۇكاندار ئالدامچى بولۇپ مال سالمىغان بولسا سودا ئاخىرلىشىپ كەتسىلا پۇلىڭىزدىن زىيان تارتىپ قېلىشىڭىز مومكىن.
شۇڭلاشقا مال سېتىۋلغاندىن كىيىن ۋاقىتقا دېققەت قىلىڭ، 9~8 كۈنگىچە مال كەلمىسە دۇكاندار بىلەن ئالى ۋاڭ ۋاڭ ئارقىلىق ئالاقلىشىپ ۋاقىتنى ئۇزارتىپ (延长时间) بېرىشنى تەلەپ قىلىڭ.
ئەمدىكى گەپ، سىز مالنى زاكاس قىلىپ قويۇپ باشقا ئىشلار بولۇپ كېتىپ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە سېستىما سودىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ- دە سىزدە زىيان تارتىش ئېھتمالى تۇغۇلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا سىز مال زاكاس قىلغان چاغدىكى مال يەتكۈزۈش تالۇنى (运单号码) ئارقىلىق EMS تىن مالنىڭ يۆتكىلىش ئەھالىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، ناۋادا EMS تىن مال يۆتكىلىش ئۇچۇرىغا ئېرىشەلمىسڭىز مال يەتكۈزۈش (运单号码) تالۇنىنىڭ ساختىلىقىنى ۋە سودىگەرنىڭ مالنى سالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا سىز دەرھال ئۆزىڭىزنىڭ مال زاكاس ئامبىرىڭىز (已买到的宝贝) غا كىرىپ شۇ مەھسۇلاتنىڭ يېنىدىكى ئەرىز قىلىپ ھوقۇقىنى قوغداش (投诉维权) كونۇپكىسىنى بېسىپ تاۋباۋ ساقچىخانىسىغا ئەرىز قىلىسىڭىز بولىدۇ.
بۇنىڭدىكى ئالدىنقى شەرت سىز مالنى كاپالەت پۇلى (保证金) تاپشۇرغان دۇكانلاردىن سېتىۋالغان بولىشىڭىز كېرەك.
چۈشەنچە: تاۋباۋدا دۇكان ئاچقۇچىلا دۇكاننىڭ ئىشەنىچ دەرىجىسىنى تېز ئاشۇرۇپ سودا ئوبۇرىتىنى تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئادەتتە كاپالەت پۇلى تاپشۇرىدۇ، كاپالەت پۇل تاپشۇرمىسا دۇكاننىڭ ئىشەنىچ دەرىجىسى تۆۋەن بولىدۇ.
سىز ئەرىز قىلغاندىن كىيىن تاۋباۋ ساقچىخانىسى دەلىللەپ سودىگەرنىڭ كاپالەت پۇلىدىن پۇل تۇتۇۋىلىپ سىزنىڭ ھېساباتىڭىزغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ، ھەمدە مۇۋاپىق جازالاش تەدبىرى قوللىنىدۇ.
مەسىلەن ماۋۇ رەسىمگە قاراڭ، مەم ئەرىز قىلىپ پۇلنى قايتۇرۇۋالغان كۆرۈنۈش
شۇڭلاشقا تاۋباۋدىن مال ئالغاندا كاپالەت پۇلى تاپشۇرغان دۇكانلاردىن سېتىۋىلىڭ. ھەقسز دۇكانلاردىن مال ئېلىپ قويۇلۇپ كەتسىڭىز ھېچكىم ئىگە بولالمايدۇ.
كاپالەت پۇلى تاپشۇرغان دۇكانلاردا مۇنداق بەلگە بولىدۇ:
بۇمۇ بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك بىلىمكەن ، ئەسكەرتمىڭىزگە رەھمەت
بىلوگ خاسلىقىنى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپسىز ، بىزدە مۇشۇ خىل بىلوگ كەم ئىدى ، ئەمدى بۇ بوشلۇقمۇ تولۇپتۇ ، بىلوگىڭىزنى كۆپرەك تەۋسىيە قىلىڭ . ھىچ بولمىسا تور سودىسى قىلىدىغانلار بولسىمۇ بۇ جەھەتتە كۆپ تەرەپلىمە بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالسا ھىچ گەپ ئەمەس…..
ئالتۇندەك پىكىر-تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە كاتتا رەھمەت ، مىنىڭمۇ مەخسىتىم شۇ، بلوگىمدا بىر كىشى بولسىمۇ تورسودىسى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچىە ۋە بىلىمگە ئىگە بولسا مەن شۇنىڭغا خوش….
مەن ھازىرغىچە تاۋباۋدىن نۇرغۇن نەرسە ئالغان بولساممۇ ،سىز دېگەن بەزى ئىشلارنى بىلمەيدىكەنمەن،بىلۋالدىم،رەھمەت!
كەلگەن مۇبارەك قەدىمىڭىز ئۈچۈن سىزگىمۇ رەھمەت…..
مەنغۇ بۇنداق ھادىسىگە ئۇچراپ باقمىدىم،شۇنداقتىمۇ تىمىڭىزغا رەھمەت!
كەلگەن مۇبارەك قەدىمىڭىز ئۈچۈن سىزگىمۇ رەھمەت….يەنە كەپ تۇرىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن
ماڭا ئەمدى بىر ياردەم قىلىڭ . مەن ئالىبابا دىن 14 تال كۆينەك ئالغان لېكىن سۈپىتى بەكلا ناچار چىقىپ قالدى بۈگۈن مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ قارىسام بەكلا ناچار . قانداق قىلىپ مالنى قايتۇرۇپ پۇلنى ئېلۋالىمەن
مال تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىڭىزنى جەزىملەشتۈرمەي تۇرۇپ دۇككاندار بىلەن ئالاقىلىشىڭ، مالنى قايتۇردىغانلىقىڭزنى دەپ قويۇپ كىلىشىپ بولغاندىن كىيىن مالنى كەلگەن جايىغا سىلىۋىتىڭ، چوقۇم گىپىڭلار بىر يەرگە كەلگەندىن كىيىن مالنى سىلىڭ، بولمىسا قوش زىيان بولىدۇ، ئۆتكەندە بىر تورداش ناچار چىققان مالنى قايتۇرۇپتۇ، ئۇ ۋاقىتتا پۇل ئاللىقاچان ساتقۇچىنىڭ ھساباتىغا ئۆتۈپ بولغان ئىكەن،بۇ ئىنىقلا پۇلنى دەرياغا ئىقىتىۋەتكەندەكلا ئىشدە بۇ، كىيىن قايتۇرغان مالمۇيوق، ئورنىغا ئالماشتۇرلىدىغان مالدىن ئەسلا ئەسەر يوق مىڭ نەچچە يۈز يۈەن زىيان تارتىپتۇ…شۇڭا سىز ئاۋۋال دۇككاندار بىلەن ئالاقىلىشىڭ مەقسىتىڭىزنى ئىنىق چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ….
قانداق دۇكانلار كاپالەت پۇلى تاپشۇرىدۇ؟
مەۋمۇم بويۇم ساتىدىغان دۇكانلار كاپالەت پۇلى تاپشۇرمىسا دۇككانغا مال چىقىرىش ھوقۇقى بولمايدۇ
ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بار ياخشى بىلىمكەن،بىلىۋالدىم رەھمەت سىزگە
سىزگىمۇ رەھمەت، كەلگەن قەدىمىڭىز ئۈچۈن…
بۇنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلار بەك مۇھىم ئىكەندۇق، لىكىن رەسىملەر ئىچىلمايۋاتىدۇ. ئوڭشاپ قويسىڭىز بولغۇدەك.
بولىدۇ بۇرادەر، مەن تۈزىتىپ قوياي….