1ـ مەبلەغ تەييارلىقى
مەبلەغ تەييارلىقى دىسەم نۇرغۇن كېشىلەر بەلكىم: "توردا دۇكان ئاچسا ھەقسىز تۇرسا يەنە مەبلەغ دەيدۇ ماۋۇ؟" دەپ ئويلىشى مۇمكىن.
نەچچە يىللار ئاۋال يىچۈ 易趣网 تورى بۇ توردا دۇكان ئاچقانلاردىن تىزىملىتىش ھەققى، دۇكان ئىجارە ھەققى، دۇكان ئىقتىدار ھەققى...دىگەندەك نۇرغۇن ھەقلەرنى يېغاتتى، 2003- يىلى تاۋباۋ تورى قۇرۇلغاندىن ئېتىبارەن بىر قانچە يىلغىچە ھەق يىغماسلىق سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن يىچۈ قاتارلىق تور بېكەتلەردىكى دۇكاندارلار تاۋباۋغا قاراپ سەلدەك ئاقتى...
2008-يىلى يىچۈ易趣网 تورىمۇ ھەق ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئۇنداقتا مېنىڭ دىمەكچى بولغان "مەبلەغ تەييارلىقى" دىكى مەبلەغ نەگە ئىشلىتىلىدۇ؟؟
تاۋباۋ قاتارلىق بېكەتلەر دۇكان ئاچقانلاردىن مەجبۇرىي ھەق يېغمايدۇ، ئەمما كېڭەيتىلگەن مۇلازىمەت 增值服务 دىن بەھرىمان بولماقچى بولغانلار يەنە پۇل چېقىرىشى كىرەك، مەسىلەن:
ناۋادا سىز تاۋباۋنىڭ "ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوق- مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مۇلازىمىتى" ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز تاۋباۋنىڭ باش بېتىدە ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتىنى كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز، ۋە مەھسۇلاتلىرىڭىزنى تېخىمۇ كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلماقچى بولسىڭىز ھەممىسىگە مەلۇم مىقداردا ئىقتىساد كېتىدۇ.
2- ئەسلىھەلەر چىقىمى
كومپىيۇتىر : توردا سودا قىلىشتا ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ كومپىيۇتىرى بولغىنى ياخشى، تورخانىدا سائىتىگە نەچچە يۈەندىن تۆلەپ توردا دۇكان ئاچسىڭىز مېنىڭچە ئەرزىمەيدۇ. ھازىر كومپىيۇتىرنىڭ باھاسى ئانچە يۇقىرىمۇ ئەمەس، كومپىيۇتىر قاتتىق دېتالىدىن خەۋىرى بار دوستىڭىزنى بىللە ئېلىپ بازارغا چېقسىڭىز 2000-4000يۈەنگىچە ئارىلىقتا خېلى راۋۇرۇس كومپىيۇتىر سەپلىۋالىسىز.
سىفىرلىق ئاپپارات: ساتىدىغان مەھسۇلاتنى رەسىمگە تارتىشتا سۈپىتى ياخشىراق ئاپپارات بولمىسا بولمايدۇ، ھازىر ئاپپاراتنىڭمۇ باھاسى چۈشۈپ كەتتى 800-1300يۈەنگىچە ھەقىقىي، سۈپىتى ياخشى داڭلىق ماركىلىق ئاپپارات سېتىۋالالايسىز.
تېلفۇن: دۇكان ئاچقاندىن كېيىن تۈرلۈك كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىز (مەسىلەن تېز يوللانما يەتكۈزۈش خادىمى دىگەندەك) زۆرۈر بولىدۇ، تېلفۇندىن بىرنى ئېلىڭ.
3-ئايلانما مەبلەغ
توردا دۇكان ئېچىشتا چوڭ پۇلنىڭ چوڭىچە، كىچىك پۇلنىڭ كىچىكچە رولى بار، ئاز دېگەندە 3000-5000 يۈەنگىچە پۇلنى مۆلچەردە چىقىرىشقا قۇربىتىڭىز يەتسە توردا سودام يۈرۈشىدىكەن دەپ ئويلاڭ، ئۇنىڭدىن ئاز پۇلنى يۈرۈشتۈرىمەن دىسىڭىز، سەرپ قىلغان ۋاقتىڭىزغا ئېست دەپ قالىسىز.
4-تور ھەققى
ھەرقايسى رايۇنلارنىڭ تور ھەققى ئوخشىمايدۇ، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق رايۇندىكى تېلگىراف مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا بىرىپ سۈرۈشتۈرۈپ كۆرۈڭ، مۇمكىن بولسا قانداق ئېتىبار پائالىيەتلىرى بار سوراپ، ئازراق باھا تالىشىپ كۆرۈڭ.
5- تۇرمۇش راسخوتى
توردا دۇكان ئېچىشتىن بۇرۇن ئۆزىمىز بىر ئايدا قانچىلىك چىقىمنى تۇرمۇشتا خىراجەت قىلىمىز، توردا دۇكانغا قانچىلىك ئەتراپتا مەبلەغ سالساق تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالمايمىز دىگەننى مۆلچەرلەپ كۆرۈشى كىرەك.
شۇڭا مەنمۇ دۇكاننى ئاچماسلىق قارارىغا كەلدىم ھازىرچە بىراق مەكتەپكە بېرىپ راۋۋۇس ئورۇنلۇشۇپ بولغنادىكىن كېين ئۇ باشقىچە مەكتەپكە ھېيتتىن كېيىن بارىدىغان بوپتىمىز
بىزغۇ مال سېتىۋالساقلا بولىدىكەندە؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كەمىنە ئۇيغۇربەگ پرېستاننىڭ ئىزگۈ تىلەكلىرىنى ئالغاچ كەلگەچ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى، پرېستان بلوگى، ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى، بلوگىمىز فىلىم قانىلى، WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرى( بلوگداش ئۇيغۇر بلوگ مۇنبىرى)، سازبلوگلار جەمگاھى قاتارلىق بلوگ-بېكەتلەرنىڭ تۇغلىرىنى لەپىلدىتىپ ھېيتلىق پەتىگە كەلدىم، بلوگىڭىز كۈنسىرى روناق تاپسۇن، ئالتۇن بۇيىڭىز ئامان بولسۇن، ئىشلىرىڭىز ئالغا باسسۇن.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئۇيغۇربەگ، يوقلاپ كەلگەن ئالتۇن قەدەملىرىڭىز ئۈچۈن كاتتا رەھمەت….بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغ ھىيىت-ئايەم كۈنلىرىدە پىقىرنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىڭىزغا تەشەككۇر….سالامەت بولۇڭ ، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق، كۈنلىرىڭىز خۇشال-خۇرام شادلىق ئىچىدە ئۆتكەي….
روزا ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!ھېيتلاپ كەلدىم!ساڭزا-قېيىقچىلار يوقما؟
ھىيتىڭلىغا مۇبارەك بولسۇن بۇرادەر
ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، يىراق جايدىن سىزنى پەتىلەپ كەلدىم… ئايەم كۈنلىرىڭىز شاتلىق ئىچىدە ئۆتكەي!
رەھمەت بۇرادەر، بىرگە بولسۇن، كەلگەن قۇتلۇق قەدەملىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۈن…..
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېىندىشىم، چەۋەندازلار روزى ھېيىتىڭىزنى قۇتلۇقلايدۇ! كۈنلىرىڭىز خۇشاللىققا تولسۇن. ھېيىتنىڭ خاسىيىتى دىللارنى يورۇتسۇن!