تور سودىسى ھازىر بىزگە بەلكىم يىڭى ئۇقۇمدەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن لىكىن يىقىنقى كەلگۈسىدە تور سودىسى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغىمۇ سىڭىپ كىرىپ مۇھىم ئھتىياجلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ. تەرەققىيات ۋە تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تىزلىشىشىگە ئەگىشىپ كىشلەرنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئىھتىياجىمۇ ئىشىپ بارىدۇ ،نۇرغۇن كىشىلەر زىيادە خىزمەت بىسىمى ۋە تۇرمۇش بىسىمى تۈپەيلىدىن ئۆزى بەزى ئېستىمال بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەتلەرگە ئىھتىياجلىق بولسىمۇ ئەمما سېتىۋىلىشقا ۋاقىت چىقىرالماسلىق ،ئىھتىياجلىقلار بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر (يەنى ساتقۇچى بىلەن سىتىۋالغۇچى ) ئۇچرىشالماسلىقتىن ئېبارەت ئەھۋاللار دائېم يۈز بىرىپ تۇرىدۇ ، تور سودىسى دەل مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ساتقۇچى ۋە سىتىۋالغۇچى ئىككىلى تەرەپنى نەپكە ئىرىشتۈردىغان زامانىۋى سودا شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن چەتئەل ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ناھايىتى تىز ئۇمۇملاشقان ھەمدە كىشىلەرنىڭ ياقتۇرشىغا ئىرىشكەن . چۈنكى تور دا مال ساتقاندا ۋە سېتىۋالغاندا ھەر ئىككى تەرەپ ۋاقىت ، ئورۇننىڭ چەكلىمىسگە ئۇچرىمايدۇ .ساتقۇچىغا نىسبەتەن ، سالىدىغان مەبلەغ ئاز ، خەتىرى ئاز بازار ئىنتايىن كەڭ ، قايسى رايۇندىن بولسۇن پەقەت تور زىيارەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى ساتقۇچىلارنىڭ خىرىدارلىرى. ھەمدە توردا سودا قىلىشقا كونكىرىت ئورۇن ، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش ھاجەتسىز .
دۆلىتىمىزنىڭ2011 -يىلىدىكى تورسودىسى قىلىدىغانلارنىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا تور سودىسى قىلىدىغانلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ، بىرقىسىم مال مەنبەسى ۋە مۇقىم ئورنى بار سودىگەرلەر ،ئىشتىن سىرىت ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەر بولغان . بۇنداق بولىشىدىكى ئاساسى سەۋەپ دەل تور سودىسىنىڭ كونكىرىت ئورۇن ۋە كونكىرىت ۋاقىت تەلىپى يۇقرى بولمىغانلىقىدا . يەنە كۆپ قىسىم سېتىۋالغۇچىلارنىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغان كۆپ ساندىكىلىرى ۋاقىتى قېس ئالدىراش كىشىلەر يەنە بىر قىسىملىرى ئۆزى بار رايۇندا شۇخىل مەھسۇلاتنى بىۋاستە بىرىپ سىتىۋىلىش ئىمكانىيىتى يوق شۇخىل مەھسۇلات شۇ رايۇندا يوقلار ، يەنە بىر قىسىمى يۇقرى تەبىقىدىكى تور سودا ھەۋەسكارلىرى بولۇپ چىققان . بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى تور سودىسىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق . تەرەققىيات قانچە تىزلەشكەنسىرى كىشلەرنىڭ تۇرمۇش رىتىمى شۇنچە تىزلىشىدۇ تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تىزلىشىشى تور سودىسىغا بولغان ئىھتىياجنى كۈندىن كۈنگە ئاشۇرىدۇ . دىمەك تور سودىسى قىلىدىغان ۋاقىت يىتىپ كەلدى. سۇ كىلىشتىن بۇرۇن تۇغان سىلىش كىرەك . بىر كۈن بۇرۇن تور سودىسغا ئاتلانمىسىڭىز بىركۈن بۇرۇن پۇشايمان قىلىسىز . قىنى دوستلار ،بىرلىكتە تور سودىسىغا ئاتلىنايلى ئۆز ئارا ئۈگىنەيلى ! خەنزۇچە ماتىريال تەرجىمە قىلالىغۇدەك دوستلار بولسا بىلوگىمىزغا تور سودىسى توغرۇلۇق بىلىملەرنى ۋە ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ تۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز تور تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسىمىزنى قوشايلى!
كېيىنچە سودا ئىشلىرىدا تورسودىسى چوقۇم ئاساس قىلىدۇ!بۇنىسى مۇقەررەر!
تور سودىسى ھەممىمىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەرزىيدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ توردا سودا قىلىش ئېڭى ۋە تىخنىكىسى بەك تۆۋەن بولىۋاتىدۇ ھازىر.مەن «تاۋباۋ»ۋە شىنجاڭ سودا تورىدا دۇكان ئېچىپ كېلىۋاتقىلى خىلى بولدى.بۇ دۇكانلاردىن مال ئالىدىغان قېرىنداشلار مالنى كۆرۈپ ئالغۇسى كېلىدۇ،لېكىن پۇل سېلىشنى بىلمەيدۇ-دە،ماڭا تېلېفون قىلىپ بانكا كارتا نومۇرىنى سورايدۇ.توردا پۇل تۆلەشنى ئېيىتسام«بىلمەيمەن»دەيدۇ. كارتا نومۇرنى ئېيتىپ بەرسەم پۇل سېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن سودا ئالاقە ئۈزىلىدۇ.ئەھۋال مۇشۇنداق.بىراق ئىشىنىمەنكى،يىقىن پۇرسەتتە بۇ ھالەتكە خاتىمە بېرىلىدۇ.
يازمىغا ئىنكاس يېزىش ئېسىل خىسلەت ، قېنى سىزمۇ يېزىپ قويۇڭ…
ھەي…… مەن ئۇقۇشنى پۈتتۈرۈپ بۇلۇپ ئاندىن ئاچامەن قايتا ئۆز نامىمدا قىلىپ
بۇرادەر سىزگە ئىچىپ بولدۇققۇ دۇكاننى، …..يەنە ئاچامسىز؟
ئۇزۇنغا بارماي كىشىلەرنىڭ توردىن مال سېتىۋىلىشقا كۆنۈپ كىتىدىغىنىغا ئىشىنىمەن. شۇ ساھەدە باشلامچى بولۇپ ماڭغان توربىكەتلىرى ۋە شىركەت مەبلەخ سالغۇچىلىرى چوقۇم مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدۇ.
ھەقىقەتەن توغرا دىدىڭىز بۇرادەر…بۇنىڭغا مەلۇم ۋاقىت مەلۇم جەريان كىتىدۇ، كەلگۈسى يىقىن كۈندە تور سودىسىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئىنىق….
بلوگلار يېڭىلىناي دېمەيدا بۇرادەر!؟
ئەمدى يىڭىلايمىز خۇدا خالىسا ، ئەتە تاڭ ئاتىسىلا تومۇرنىڭ ئوچۇقىدا يازمىدىن بىر ئىككىنى يولغا سالىمەن