تاۋباۋ تورىدا دۇكان ئېچىشتىكى بىرىنچى قەدەم، ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش
تاۋباۋدا ئالدامچىلار ناھايىتى كۆپ، ئۇلار مەخسۇس يېڭىدىن سودىغا كىرىشكەن دۇكاندارلارغا كۆز تىكىپلا تۇرىدۇ. سىز دۇكان ئاچقان بىرىنچى كۈنىلا بىرەرسى دۇكىنىڭىزدىن، تىلىفونغا پۇل قاچىلىشى ياكى QB (چ چ پۇلى) قاچىلىشى مۇمكىن. سىز بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولۇپ، خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ. ئۇ ئىنىقلا %95 ئالدامچى بولۇپ، سىزگە بىر ئۇلىنىش ئادىرىسىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇ ئەۋەتكەن ئۇلىنىش ئادىرىسى ئالدامچىلار ياساپ چىققان بېلىق تۇتىدىغان تور بېكىتى بولۇپ، سىز ھەرگىزمۇ قىزىقىپ چېكىپ سالماڭ. چەكسىڭىز ھېساب نومۇرىڭىز ئاسانلا ئوغرىلىنىپ كېتىدۇ، پۇل تۆلەش گۆھىرى ئىچىدىكى بارلىق پۇلىڭىزنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىڭ. ھەر قانداق ناتونۇش ئادەم ئەۋەتكەن ئۇلىنىش ئادىرىسىنى چەكمەڭ. قەتئىي ئېسىڭىزدە بولسۇن!!!
يېڭىدىن ئېچىلغان دۇكانلاردا، دەسلەپكى نەچچە كۈن ئىچىدە ھەقىقىي مال سېتىۋىلىش مەقسىتىدىكى خېرىدار ھەرگىزمۇ ئاكتىپلىق بىلەن سىزنى ئىزدەپ، پۇل قاچىلىمايدۇ ياكى دۇكىنىڭىزدىن مال سىتىۋالمايدۇ، كەلگەن تۇنجى خىرىدارنى كۆرۈپ خۇشاللىقتىن ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ. بىز دەسلەپكى مەزگىلدە تەييارلىقنى ياخشى قىلىشىمىز، ھەرگىزمۇ دۇكان ئاچقان ئايدىلا ئايلىق كىرىمنى نەچچە مىڭ يۈەن قىلىشنى ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش، تاۋباۋدا دۇكان ئېچىشتىكى بىرىنچى قەدەم. ئالدىنىپ قالغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلغاننىڭ پايدىسى يوق.
ئالدامچىلاربىر قېتىمدىلا 10 دانە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ مال بۇيرۇتۇپ، ئۆزلىرى ئالدىن تەييرلىۋالغان فوتوشۇپ شەكلىدىكى بىر پارچە رەسىمنى ئىشلەپ، پۇل تۆلەپ بولغانلىق ئىسپات رەسىمنى تەييار قىلىپ سىزگە ئەۋەتىدۇ،سىزگە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى دېسە ياكى خەت ساندۇقىڭىزغا ئەۋەتسە (ھەممىسى يالغان)، سىز سېتىلىپ بولغان تاۋارلار《已卖出的宝贝》 بېتىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ ، ھەقىقىي پۇل تاپشۇرغان تاپشۇرمىغانلىقىغا قاراپ چىقىڭ.
ئىككى يىل مۇقەددەم مەن تاۋبادا دۇكان ئاچقان تۇنجى كۈنۈم مۇشۇ ئەھۋالغا يولۇقۇپ،ئالدانغان، بىر قىسىم پۇللىرىم نامەرتلەرگە يەمچۈك بوپ كەتكەن ئىدى.ئۇنىڭدىن كىيىن مەنمۇ موللا بوپ كەتتىم، نەپ چىقمىغان يەردىن ئالدامچىلارمۇ زىرىكتى بولغاي
سىز ھوشيار بولىشىڭىز كېرەكمۇ يوق!!!
ئومۇملاشتۇرغاندا،بىرلا قېتىمدا 100 يۈەنلىك مالدىن 10 نى بۇيرۇتقان بولسا جەزمەن يالغان، تاپشۇرغان پۇلى 100 يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئالدامچى. سودا پۇرسىتى كەلگەن تەغدىردىمۇ، ئالدىراپ كەتمەسلىك كېرەك. بىزدىكى يۇمشاق دېتال ئاپتوماتىك پۇل قاچىلايدۇ، بىز پەقەت تەلەپ بويىچە ئاپتوماتىك پۇل قاچىلاش ئىقتىدارىنى ئىچىپ قويساقلا بولىدۇ. قولدا مەشغۇلات قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.يېڭىدىن دۇكان ئاچقان دۇكاندارلار قولدا مەشغۇلات قىلىپ پۇل قاچىلاپ بىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
سودا خاتىرىسىگە ئېنىق قاراپ چىقىش، سېتىلغان تاۋارلار قاتارىدىكى ئېنىق ھالەتنى كۆرۈپ، خېرىدارنىڭ پۇل تاپشۇرغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن مالنى سېلىپ بېرىش كېرەك.( خېرىدار پۇل تاپشۇرغان بولسا، مال سېلىشقا كۆرسەتمە بېرىلىدۇ.) ئەگەر خاتالىشىپ قېلىشتىن ئەنسىرىسىڭىز، بىۋاستە ھالدا «سېتىلىپ بولغان تاۋارلار» ــــ « مال سېلىشنى كۈتىۋاتىدۇ»دىگەن يەرگە قاراڭ.پەقەت مۇۋاپپىقىيەتلىك پۇل تاپشۇرۇلغان سېتىش تالونى بۇ يەردە كۆرىنىدۇ.
پۇل تاپشۇرۇلغان تاپشۇرۇلمىغانلىقىنى قانداق كۆرگىلى بولىدۇ؟
«دۇكاندارمەركىزى» 《卖家中心》 ـــــ «مەن دۇكاندار»《我是卖家》 ـــــ «سېتىلغان تاۋارلار»《已卖出的宝贝》 دىگەن يەرنى چېكىڭ.
شۇ يەردە سودىلىشىش ھالىتىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر «خېرىدارنىڭ پۇل تاپشۇرىشىنى كۈتىۋاتىدۇ»《等待买家付款》 دىگەن رامكا كۆرۈنسە، تېخى پۇل تاپشۇرۇلمىغان بولىدۇ.
«خىرىدار پۇل تاپشۇرۇپ بولدى»《买家已付款》 دېگەن رامكا كۆرۈنسە، «دۇكاندار پۇل تاپشۇرۇپ بولدى» 《买家已付款》 دېگەن رامكىنىڭ ئاسىتىدا كۆك رەڭدىكى «مال ئەۋەتىش» 《发货》دېگەن كۇنۇپكىنى كۆرىسىز.پۇل تاپشۇرۇپ بولغان، «مال ئەۋەتىش» كۇنۇپكىسى كۆرۈنگەن ھالەت پۇل تاپشۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
1.ئەمدىلا دۇكان ئېچىشىڭىزغا بىرەرسى سىزدىن نەچچە يۈز QB (چ چ پۇلى) ياكى نەچچە يۈز ياكى نەچچە مىڭ يۈەن تىلىفۇن پۇلى قاچىلىماقچى بولسا، ئۇ چوقۇم ئالدامچى، ئۇنى بىۋاستە قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋىتىڭ! ياكى ياقتۇرغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن بىردەم ئوينىشىپ گەپكە سالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
2.يۇمشاق دېتالغا كەلسەك، سىزگە ئۇلىنىش شەكلى ئەۋەتىلگەن بولسا، ھەرگىز چەكمەڭ. ۋىرۇس بولمىغان تەغدىردىمۇ چوقۇم بېلىق تۇتىدىغان تور بېكىتى (ئاتالغۇنى چۈشىنەلمىسىڭىز بەيدۇدىن
钓鱼网站 دەپ ئىزدەپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.)
3.ئۇ سىزنى ئەرز قىلىمەن دېسە قورقۇپ قالماڭ، ئالدامچىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق نەيراڭۋازلىق قىلىدۇ. قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋىتىڭ، سودىلىشىشنى رەت قىلىڭ، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. ئۆزىڭىزگە بېسىم قىلىۋالماڭ، ئۇ سىزنى ئەرز قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ، قانداقلا ئىش يۈز بەرسە تاۋباۋ ساقچىلىرىنى ئىزدەڭ،ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىپ قويىمەن دەپ نوچىلىق قىلماڭ.
4 .باشقىلارغا ئىشىنىپ ئۆزىڭىزنىڭ رەسىمى ۋە خەت ساندۇقىنى ئەۋەتىپ بەرمەڭ، ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز پەقەت ئۆزىڭىز سېتىپ چىقارغان تاۋارلارنىڭ ھالىتىنى كۆرسىڭىزلا بولدى، سېستىما ئاپتوماتىك مەشخۇلات ئىلىپ بارالايدىغان بولۇپ، قولدا مەشغۇلات قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىز دىيىشكە تېگىشلىك سۆز، ياخشىمۇ سىز، سىز سىتىۋالماقچى بولغان تاۋارغا پۇل تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن سېستىما سىزگە ئاپتوماتىك مال ئىۋەتىدۇ، دىسىڭىزلا بولدى.
5.دۇكان ئاچقان دەسلەپكى مەزگىلدە نۇرغۇن ئالدامچىلارغا ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن ھېچقىسى يوق.
بۇ دەرىسلىكنى يوللاپ ھەقىقەتەن ياخشى قىپسىز، مەنمۇ نەخ مۇشۇ مەسلىگە ئۇچراپ 100 يۈەنگە قويۇلغانتىم ئەمەسمۇ، ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بار يازما يوللاپسىز، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت
بىلوگىڭىز ئىسمى جىسمىغا لايىق تورسودا بىلىملىرى جەمگاھى ئىكەن، بۇ بلوگنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىش كىرەككەن
مۇنداقمۇ ئىشلار بار دەڭ،مەن تىخى مال سىتىۋالغۇچىلارنىلا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك دەپ ئويلايتىم، دۇكان ئاچقۇچىلارمۇ ھۇشيار بولمىسا بولمىغۇدەك، تىما يوللىغان ئەجرىڭىزگە رەھمەت
يائاللا ماۋۇ ئالدامچىلارنىڭ يامانلىقىنى سەللام دىققەت قىلمىسا قويىمەنلا دەيدىكەن ھە
بۇنداق بىر بلوگ قۇرۇلۇپ شۇنداق ياخشى بوپتۇ ، مەنمۇ تاۋباۋ دا دۇكان ئېچىىش بىلەن ئانچە مۇنچە قېرىشىپ بېقىپ توختاپ قالغانتىم.
مەندىغۇ دۇكان ئاچقۇدەك سەۋىيە يوق، لىكىن توردا تۇردىغان ۋاقتىم كۆپ ، ئېچىپ باقمەنمىكى يا…
بۇرادەر بۇ ئىشقا ئۇنچىۋالا كۆپ سەۋىيە كەتمەيدۇ، بلوگ يازغىنىڭىزدىنمۇ ئاسان، لىكىن سىزدە ئاز-تولا قىزىقىش بولمىسا بىكار
تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم مەن بىرە كارخانىچى ئەمەس ، ئۆزۈمنىڭ مەھسۇلاتى يوق ، ئەمسە نىمە ساتامەن؟؟
بۇ بىلوگنى زىيارەت قېلىۋاتقىلى خېلى ئۇزاق بوپ قالدى ، تاۋباۋ تورىغا يېقىنلاشقاندىن بۇيان مۇشۇ بىلوگنى كۈندە زىيارەت قىلىپ تۇرۇۋاتىمەن .شۇنىڭ بىلەن بىرگە تاۋباۋدىكى دۇكاننىمۇ ئېچىۋالدىم …بۇ بىلوگدا يېڭى يازمىلارنىڭ ئۈزۈلمەسلىكنى ئۈمىد قىلمەن ..شۇنىڭ بىلەن بىرىگە بىلوگ ئېگىسگە كۆپتىن – كۆپ رەھمەت ئېتيمەن ..
بىلىق تۇتۇش تور بىكىتى ھەققىدە بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ،شۇ بانادا بىلمىگەنلەر بىلىۋالساق بوپتىكەن ، رەھمەت
بولىدۇ ، بىلىق تۇتۇش توربىكىتى ھەققىدە تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن يازمىدىن بىرنى يوللاپ قوياي ئەمىسە…
يېڭى دوكان ئاچقانلار بېلىۋىلىشقا تېگىشلىك مەسلە ئىكەن. بىلىۋالدىم. رەھمەت
تور دۇكان ئاچقانلار جەزمەن بىلىشكە تىگىشلىك بىلىملەركەن. تور سودا بىلىملىرى جەھەتتە ھەقىقى تۈردە ئىزدىنىۋاتىسز. بۇ ئەجرىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ ئەجىر بەرگەي قېرىندىشىم.
قوللاپ بەرگىنىڭىز ئۈچۈن سىزگىمۇ رەھمەت بۇرادەر، ئىشقىلىپ سىزدىن كۆپ مىننەتدارمەن
ھەجەپ تەستە تور سودا بلوگىغا كىرىش نىسىپ بولدى
تاۋباۋدا دۇكان ئېچىش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى نەگە ئەۋەتىمىز؟
دۇكان ئىچىش جەريانىدا كىملىك يوللايدىغان يىرى چىقىدۇ شۇ يەرگە يوللايمىز