ئېلكترونلۇق سودىغا قىزىقىۋاتقان نۇرغۇن تورداشلارنىڭ مەندىن كوتكوت ئارقىلىق (QQ) ئارقىلىق سورايدىغان سۇئالى بولسا توردا دۇكان ئېچىپ پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟ سىز قانچىلىك پۇل تاپتىڭىز؟ مۇشۇنداق سۇئاللاردۇر. ئەمەلىيەتتە بۇ سۇئاللار چوقۇم سوراشقا تېگىشلىك سۇئاللار. چۈنكى ھازىرقى دەۋىر ئىقتىساد دەۋرىدۇر، سىز مەيلى قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىڭ شۇ كەسىپنىڭ سىزگە ئېلىپ كېلىدىغان ئىقتىسادىي پايدىسى شۇ ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىقىڭىزنى بەلگىلەپ قويىدۇ.
بەزىدە مۇشۇنداق سۇئاللارغا دۇچ كەلگىنىمدە نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيمەن. چۈنكى مەن تېخى توردا دۇكان ئېچىپ پۇل تاپتىم دىگۈدەك ھېچقانچە پۇل تاپقىنىم يوق. بىراق كۆپ پۇل تاپالمىدىم دەپ باشقىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشنىڭ ئورنى يوقتۇ بەلكىم…
ئەمەلىيەتتە توردا دۇكان ئاچقاندا ياخشى كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، قىلغاندىمۇ مۇشۇنىڭدىنلا نەتىجە قازىنىپ كېتىشكىمۇ بولىدۇ. گەپ سىزنىڭ بۇ ئىشقا قانچىلىك زېھنىڭىزنى بېغىشلىيالىشىڭىزدا. چۈنكى دۇنيادا ئاقمايدىغان تىجارەت يوق، ئاقتۇرالمايدىغان تىجارەتچى بار.
ماۋۇ پاراڭلارنى قىلىۋېتىپ كىچىككىنە مىسال كەلتۈرگىم كېلىۋاتىدۇ.
بۇ دۇكاننىڭ ئۇلىنىش مەنزىلى:http://item.taobao.com/item.htm?id=2376029045
مانا بۇ مەزكۇر ماقالىنى يېزىۋاتقان چاغدا تاۋباۋ تورىدىن ئىزدەپ تاپقان مالۇم دۇكاندىكى ياڭاقنىڭ بىر ئايلىق سېتىلىش ئەھۋالىدۇر. كۆرۈپ تۇرۇپسىز بىر ئايدىكى سېتىلىش مىقدارى50393 پارچە بوپتۇ.(ھەربىر پارچىسى 500گىرامدىن)
ھەر يېرىم كىلوسىدا ئەڭ كەم دېگەندە 1 يۈەن پايدا ئالسا61065 پارچىسىدە قانچە مىڭ يۈەن پايدا ئالار، ئەگەر ھەر يېرىم كىلوگىرامىدا 10 يۈەن پايدا ئالسىچۇ؟؟ مانا بۇ تور سودىسىدىكى كىچىككىنە كارتىنا. ئەلۋەتتە ھەممە دۇكاندا ئۇنداق سودا بولۇۋەرمەيدۇ. بىراق ئۇلار قىلالىغاننى ئىزدەنسەك بىزمۇ قىلالايمىز. ئۇلار بىر ئايدا 10000 كىلوگىرام ياڭاق ساتسا سىز بىر ئايدا 100 كىلوگىرام سېتىش ئىشەنچىڭىز يوقمۇ؟
شۇڭا تور سودىسىغا قىزىقىۋاتقان دوسىتلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا ئويلىماي، يىراقنى كۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى ھەممە ئىش باشلىنىش ھالىتىدە پەقەتلام 0% بولىدۇ. ئەگەر سىز بىر نەچچە ئايدا توردا پۇل تېپىپ بېيىپ كېتىشنىلا ئويلىغان بولسىڭىز تەۋسىيەم ئاستا چېكىنىڭ. چۈنكى توردا مال سېتىشتا سەۋىرچانلىق مۇھىم ئامىل. بۇنىڭدەك مىساللار بەك كۆپ، قۇرۇق يەل-يىمىش يۇرتىمىزنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغاچ بىز ئۈچۈن بىر پۇرسەتتۇر. لېكىن بۇ پۇرسەتنى ھەممە ئادەمنىڭ تۇتۇپ تۇرالىشى ناتايىن.
مەن قانداق ساتالايمەن دەپ ئەنسىرىمەڭ. كېيىنچە بلوگىمىزدا دۇكاننى قانداق ئېچىش، مالنى قانداق سېتىش، قانداق قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىشلىرىمۇ تەپسىلىي سۆزلىنىدۇ.ئاخىرىدا بۇنىڭدىن كېيىن مەن بىلەن مۇڭداشقۇ ئارقىلىق پاراڭلاشقاندا «سىز تور سودىسى ئارقىلىق قانچە پۇل تاپتىڭىز؟» دېگەن سۇئالنى سورىمىغايسىز. چۈنكى قانچە پۇل تېپىش باشتا ئانچە مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى قانچىلىك تىرىشىش، قانچىلىك ئىزدىنىشتا…
ئۇنداق بولسا قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلماي، قېنى سىزمۇ ئىزدىنىپ بېقىڭ. پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، تىرىشقانلارغا مەنسۈپتۇر!
مەزكۇر يازما ھارماس بلوگىدىن كەڭ تورداشلارنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشى ئۈچۈن يۆتكەپ كىلىندى
سىزمۇ خىلى باي بوپ كەتكەن ئوخشايسىز ئەمىسە؟ دۇكىنىڭىزدا ماندا مۇكاپاتلىق پائالىيەتلەر بولسا بىزنىمۇ چاقىرىۋالارسىز …
چاتاق يوق بۇرادەر، ئەلۋەتتە خەۋەر قىلىمەن، داۋاملىق قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرغايسىز، بولسا بلوگىمنى باشقا دوست بۇرادەرلىرىڭىزگىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويۇشڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى مىسال كەلتۈرۈش بوپتۇ، مەنمۇ تورسودىسىغابەك قىزىقىمەن، ئەمدى توردىن مال سىتىۋىلىشنى ئاز تولا ئۈگەندىم، دۇكان ئاچماقچى ئىدىم، ئىچىش جەريانلىرىنى دىگەندەك چۈشىنەلمەي تاشلاپ قويغان ئىدىم، مۇۋاپىق ۋاقىت چىقىرىپ ئاز-تولا ياردەم قىلغان بولسىڭىز بوپتىكەن
بولىدۇ، كىتەرلىك ماتىرياللىرىڭىز تەييار بولسىلا قالغان ئىشلارنى تەس دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ۋاقىت چىقىرىپ سىنلىق دەرىسلىك ئىشلەپ قوياي،دۇكان ئىچىش ئىشلىرىڭىزغا ئۆزۈم بىر قوللۇق ياردەمدە بولىمەن…
«دۇنيادا ئاقمايدىغان تىجارەت يوق، ئاقتۇرالمايدىغان تىجارەتچى بار». مۇشۇ مىسالىڭىز سودا ئۈچۈن قىزىقىۋاتقان ھەر قانداق كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك سوۋغا بوپتۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئالدى بىلەن بۇيىللقى 10نادىر بلوگنى تاللاش پائاليىتىدە ئالدىنىقى20بلوگ ئىچىگە كىرىپ 2-باسقۇچقا قەدەم قويغىنىڭىزنى تەبرىكلەيمەن . ئوقۇش بىلەن بۇلۇپ بلوگىڭىزغا پات -پات كرەلمەي قالدىم ،يېڭىلىقلار كۆپيىپ ،پايدىلىق بىلىملەر مەيدانغا كېلۋتىپتۇ،ئەجرىڭىزگە بارىكاللا قېرىندىشىم ! ھارمىغايسىز !
كاتتا رەھمەت قىرىندىشىم، يوقاپ كەتمەي كەپ تۇرۇڭ، سىزنىمۇ 20بلوگ ئىچىدە كۆرۈپ خۇرسەن بولدۇم، تىنىڭىز سالامەت بولسۇن، ياخشى ئوقۇپ ئىسل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەيسىز سىزگە ئامەت تىلەيمەن
ياخشى تېمىكەن، پۇل تېپىشنىڭ ئېپىنى بىلگەن ئادەم ئاچسا بولىدۇ بۇ تور دۇكاننى
ئىشقىلىپ تىرىشسىلا ئۈنىمىنى كۆرگىلى بولىدۇ
بۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى مسال بوپتۇ …جاپا تارتىپسىز قېرىندىشىم! ھارمىغايسىز! تېخىمۇ تىرىشىڭ…..!!!!
بىلوگىڭىزنى تۇنجى زىيارەت قىلىشىم ، قارسام پايدىلىق بىلىملەر ھەقىقەتەن كۆپكەن،بىزگە توردا دۇكان ئىچىش يولىنى كۆرسىتپ قويامسىز؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ، بلوگىمدا توردا دۇكان ئىچىشنىڭ نۆلدىن باشلانغان دەرىسلىكى بار، چۈشەنمىگەن بىلمىگەن جايلار ۋە سۇئاللار بولسا ئىنكاس قالدۇرغايسىزلەر….
توربېتىڭىزدىن تاۋباۋ تورىدىن مال سېتىلىۋىلىشقا ئائىت كۆپ مەزمۇنلارنى بىلىۋالدىم..
دائىم قەدەم-تەشرىپ قىلىپ تۇرۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمەن
مەنمۇ توردا دۇكان ئاچماقچى ئىدىم .ياردەم قىلسىڭىز چ چ:1453363038
ئەلۋەتتە بولىدۇ، سىزگە نىمە ياردەم كىرەك؟