نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەتتاۋباۋ بىلىملىرى>ئاساسىي مەزمۇن
داڭلىق تور ماگىزىنى 淘宝 دا دۇكان ئېچىش باسقۇچلىرى (3)
2012-يىلى08-ئاينىڭ26-كۈنى تاۋباۋ بىلىملىرى ⁄ جەمئى 7853خەت بار 7پارچە ئىنكاس بار ⁄ 2,069 قېتىم كۆرۈلدى+
بەشىنجى ئەۋلاد قىممەت تولۇقلاش سىستىمىسى

图片1.png

داڭلىق تور ماگىزىنى 淘宝 دا دۇكان ئېچىش باسقۇچلىرى (3)

 

(«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 4- ۋە 6-سانلىرىدا بۇ ماقالىنىڭ ئالدىنقى ئىككى بۆلىكىنى كەڭ ھەۋەسكارلارنىڭ ئۆگىنىشىگە سۇنۇلغان ئىدى بۇ ساندا ماقالىنىڭ 3-بۆلىكى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى بىلىملەرنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.

1.淘宝  دا دۇكان ئېچىش ئالدىدىكى تەييارلىق بىلىملىرى ئىمتىھانى بېرىش
2.淘宝  دىكى دۇكانغا مال سېلىش ئۇسۇللىرى
3.淘宝  دۇكىنىغا ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامى بەلگىلەش
4.淘宝  دۇكىنىنى زىننەتلەش
5.淘宝  دا مال سېتىۋېلىش

يېقىندىن بېرى 淘宝 سودا شەھەرچىسى بىر قىسىم تۈزۈلمە ۋە ئىقتىدارلارنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە سودا بىخەتەرلىكى ھەمدە مال ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن 淘宝 دا دۇكان ئېچىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باشلىغاندا 淘宝 تور بېكىتى ۋە سودا سۇپىسىغا ئالاقىدار ئۇنىۋېرسال بىلىملەر ھەققىدە سىناق ئىمتىھان ئېلىشنى يولغا قويدى. ماقالىمىزنىڭ ئىلگىرىكى سانىدا بۇ ھەقتە كۆپ توختالمىغان ئىدۇق، بۇ تۈزۈملەر كېيىن رەسمىي قائىدە سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنغان بولغاچقا، ماقالىمىزنىڭ بۇ قىسمىدا بىر ئاز توختىلىپ ئۆتەيلى.
ھازىر 淘宝 دا دۇكان ئاچماقچى بولغان سودىگەرلەر  ئاۋۋال  «淘宝 قائىدە- تۈزۈملىرى» ھەققىدە سىناق ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ. 淘宝 نىڭ بۇنداق تۈزۈمنى چىقىرىشتىكى مەقسەت: چوڭ-كىچىك تور دۇكان ئاچقۇچىلارنىڭ بىلىمىنى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت.

1. 淘宝 دا دۇكان ئېچىش ئالدىدىكى تەييارلىق بىلىملىرى ئىمتىھانى بېرىش
سىناق ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاۋۋال淘宝  نىڭ سودا قائىدە-تۈزۈملىرى ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. شۇڭا سىزمۇ دۇكان ئېچىشتىن بۇرۇن چوقۇم 淘宝 سودا شەھەرچىسىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىڭ. شۇندىلا بۇ سىناقتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلەيسىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە دۇكان ئېچىش جەريانىدا بەزى ئۇقۇشماسلىق ۋە قائىدە-تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ جازالىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.

淘宝 سودا شەھەرچىسى قائىدە-نىزاملىرىنى بۇيەردىن كۆرۈپ چىقىڭ؛
www.taobao.com/go/chn/rules/home.php
淘宝 سودا شەھەرچىسى(www.taobao.com) گە كىرىپ، ئۈستىدىكى ساتقۇچىلار مەركىزى (卖家中心) نى بېسىڭ ۋە ئېچىلغان بەتتە تۆۋەندىكى رامكىغا ئېلىنغان »ھەقسىز دۇكان ئاچىمەن« (免费开店)  نى بېسىڭ.

图片1.png

 

كېيىنكى قەدەمدە «تور ئىمتىھانى» (在线考试) نى بېسىپ، ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىڭ.

图片2.png

بۇ بەتتە 20 سوئال بار بولۇپ، ھەر بىر سوئال 5 نومۇر، 60 مىنۇتتا ئىشلەپ بولۇشىڭىز تەلەپ قىلىنىدۇ. سوئاللار ئاساسەن تاللاش سوئالى بولۇپ، ئەگەر 60 مىنۇت ئىچىدە جاۋاب بېرىپ بولالمىسىڭىز، بۇ قېتىملىق سوئاللار ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. داۋاملىق بەرمەكچى بولسىڭىز يۇقىرىقى بەتكە قايتىپ (继续考试) نى بېسىپ يەنە ئىمتىھان بېرىسىز.

图片3.png

بۇ چاغدا بايىقى سوئاللار ئالمىشىپ، باشقا سوئاللار يەنە جاۋاب بېرىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
بۇ سوئاللارغا توغرا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، http://rule.taobao.com دىكى قائىدە-تۈزۈملەرنى ئوقۇپ ئۆگىنىشىڭىز كېرەك .
يەنە قايتىلاپ ئىمتىھان بەرگەندە، ئىمتىھان بېرىش رايونىغا كىرىپ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە باشلايمىز. بەزى سوئاللارنىڭ جاۋابىنى 淘宝  قائىدە-تۈزۈم ئوقۇشلۇقىنى ئوقۇپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ بىر قىسىم سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىشتا، بەيدۇ ئىزدەش كۆزنىكىگە سوئالنى ئەينەن يېزىپ ئىزدىسەك، جاۋابىنى تېزلا تاپالايمىز.
ئاخىرىدا ھەممە سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كېيىن، 提交 نى باسسىڭىز، سىزنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتەلىگەن-ئۆتەلمىگەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
يۇقىرىقى ئىمتىھاندا تولۇق 100 نومۇر بىلەن ئۆتتۇق.

图片4.png

ئەمدى بىز داۋامىنى بېسىپ «دۇكاننىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەپسىلىي تولدۇرۇش» بېتىگە بارىمىز ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرىمىز. «ساتقۇچىلار مەركىزى»(卖家中心) دىن دۇكان ئاچىمەن (我要开店) نى بېسىپ تۆۋەندىكىدەك «دۇكاننىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەپسىلىي تولدۇرۇش»  (完善店铺信息) نى باسىمىز.

图片5.png

يۇقىرىقىدەك كۆرسىتىلگەن خەتنى باسقاندىن كېيىن 淘宝 سودا شەھەرچىسى ۋەدىنامىسىگە قوشۇلامسىز دەپ سورايدۇ. مۇمكىن بولسا تەپسىلىي ئوقۇپ چۈشىنىڭ. قوشۇلسىڭىز «قوشۇلىمەن» (同意) نى بېسىپ، ئۇچۇر تولدۇرۇش بېتىنى ئاچىسىز.
تۆۋەندىكىدەك رەسىمدىكىدەك:

图片6.png

 

1-تۈرگە دەسلەپتە ئىشلەتكەن يان تېلېفون نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، يان تېلېفون بىلەن ھېساباتىمىزنى باغلىشىمىز كېرەك. 2-تۈر دۇكان نامى بولۇپ، بۇنى كېيىنچە ئۆزگەرتىۋالغىلى بولىدۇ. 3-تۈرنى دۇكاننىڭ ماركا رەسىمى دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ. 4-تۈر دۇكاننىڭ تۈرى، يەنى قايسى خىل تۈردىكى مال سالسىڭىز، شۇ ماس كېلىدىغان تۈرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. 5-دۇكاننىڭ بىر جۈملىلىك چۈشەندۈرۈشى. 6-دۇكاننىڭ شەخسىي ياكى شىركەتكە تەۋەلىكىنى تاللاش بولۇپ، ئادەتتە شەخسنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. 7-تۈرگە ئادرېسىڭىزنى يازىسىز. كىملىكتىكى بولمىسىمۇ بولىدۇ. 8-تۈر پوچتا نومۇرى. 9-تۈر دۇكاننىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى. دۇكان ھەققىدە توختالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئارىسىغا ماس كېلىدىغان رەسىملەرنى قىستۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ يەرگە يازغانلىرىڭىز دۇكىنىڭىزنىڭ باش بېتىدە كۆرۈنىدۇ. تۆۋەندىكى بىر قىسىم تاللاشلارنى تاللاپ، ئەڭ ئاستىدىكى ئىككى تۈرنى يەنى ۋەدىنامە ۋە كېلىشىمنامىگە قوشۇلۇپ، »ساقلاش«(保存)نى باسسىڭىز بولىدۇ.

2. 淘宝 دىكى دۇكانغا مال سېلىش ئۇسۇللىرى
ئەمدى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 2011-يىللىق 6-ساندىكى «داڭلىق تور ماگىزىنى 淘宝 دا دۇكان ئېچىش باسقۇچلىرى (2)» دېگەن ماقالە بويىچە دۇكانغا مال چىقىرىشنى باشلىساق بولىدۇ .

دۇكانغا چىقارغان مال سانى 10غا يەتكەندە ئاندىن دۇكىنىمىزنىڭ 淘宝 دىكى ئادرېسىنى ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامىغا ئىلتىماس قىلالايمىز. ئەگەر سىز 淘宝 دا راستتىنلا سودا قىلىشنى نىيەت قىلغان بولسىڭىز، 10 دانە مال بىلەنلا توختاپ قالمايسىز، ئەلۋەتتە.

3. 淘宝 دۇكانغا ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامى بەلگىلەش
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، دۇكانغا سالغان مال سانى 10 غا يەتكەندە سىز ئەڭ ئۈستىدىكى  (卖家中心) نى بېسىپ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك سول تەرەپ ئاسما تىزىملىكتىكى «دۇكان باشقۇرۇش» (店铺管理) تۈرىدىن «تور نامى تەڭشىكى» (域名设置) نى بېسىڭ.

图片7.png

ئېچىلغان بەتتە «ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نام بەلگىلەش» (设置二级域名)نى بېسىپ، دۇكانغا قويماقچى بولغان تور نامىنى تەكشۈرۈپ كۆرىمىز.

图片8.png

بىز يۇقىرىقىدەك ساراي ياكى تور دۇكان دەپ ئىزدەپ باقساق، ئاستىدا بۇ ئىسىمنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىپ بولغان-بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. مەسىلەن، بىز تور دۇكان دەپ ئىزدىگەن بولساق، ئەگەر بۇ نامنى باشقىلار ئىشلەتمىگەن بولسا ئالدىدا يېشىل توغرا بەلگىسى بار ھالدا تۆۋەندىكىدەك چىقىرىپ كۆرسەتمە چىقىرىپ بېرىدۇ.

图片9.png

 

باشقىلار بۇ نامنى ئىشلىتىپ بولغان بولسا تور دۇكان دېگەن نامنىڭ ئاخىرىغا سان قوشۇپ پەرقلەندۈرۈپ ئىشلىتىشىمىزنى ياكى باشقا نام ئىشلىتىشىمىزنى سورايدۇ. بىز باشقا نامنى داۋاملىق ئىزدىسەك بولىدۇ.
بىز بۇ «تور دۇكان» دېگەن نامنى قوللىنىش ئۈچۈن (申请绑定) نى بېسىپ، ئېچىلغان بەتتىن تور نام ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش كېلىشىمنامىسىگە قوشۇلۇشنى تاللايمىز. تۆۋەندىكىدەك:

图片10.png

 

تور نام ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن (恭喜您,域名绑定成功) دېگەندەك ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ. باشقىلار تور دۇكىنىمىزنى مۇشۇ ئادرېس بىلەن زىيارەت قىلالايدۇ ۋە بىزدىن بىۋاسىتە نەرسە-كېرەك سېتىۋالالايدۇ. دېمەك: «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ تور دۇكىنى  http://jornal.taobao.com غا ئوخشاش ئۆزىڭىز خالىغان ئىسىمدا توردا دۇكان ئېچىۋالدىڭىز دېگەن گەپ.

4. تور دۇكىنىنى زىننەتلەش ۋە باشقۇرۇش
تور دۇكىنىنى زىننەتلەش بەك مۇرەككەپمۇ ئەمەس.

(卖家中心) رايونىدىن سول تەرەپتىكى ئاسما تىزىملىك قاتارىدىن (店铺管理) نىڭ ئاستىدىكى  (店铺装修) نى ئاچسىڭىز تور دۇكىنىڭىز بىۋاسىتە تەھرىرلەش ھالىتىدە ئېچىلىدۇ. Photoshop،  FrontPage ،Dreamweaver  قاتارلىق يۇمشاق دېتاللاردىن بىر ئاز خەۋىرىڭىز بولسىلا، تور دۇكىنىڭىزنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىپ لايىھەلىيەلەيسىز.

ئەگەر ھېچنەرسە بىلمىسىڭىز، ئۇنداقتا 淘宝 دۇكان بېزەك ماتېرىياللار بازىرى  مەخسۇس ئۇسلۇب بازىرى http://zx.taobao.com  دىن ئۆزىڭىز ياقتۇرغان دۇكان ئۇسلۇبىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

图片11.png

يۇقىرىقى مەزمۇنلار بىلەن 淘宝 سودا شەھەرچىسىدە دۇكان ئېچىش مەشغۇلاتى ئاساسەن تاماملاندى.
سىز دۇكانغا مال چىقارغاندىن كېيىن، باشقىلار سىزنىڭ دۇكىنىڭىزدىن مال سېتىۋېلىشنىڭ قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئىمكانىيەت يار بەرسىلا 淘宝 نىڭ مەخسۇس سۆزلىشىش قورالى 阿里旺旺 نى قاچىلاپ، 淘宝 ھېساباتىڭىز بىلەن كىرىپ، دائىم ئېچىپ قويۇڭ.بۇنداق بولغاندا سىزدىن نەرسە سېتىۋالماقچى بولغانلار سىزدىن بىۋاسىتە سۈرۈشتە قىلالايدۇ ھەم سىزمۇ ۋاقتىدا مۇلازىمەت قىلالايسىز.
阿里旺旺 نى ئوچۇق قويسىڭىز، دۇكىنىڭىزدىن بىرەرسى مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل تۆلىمەكچى بولغاندا ئاسانلا بىلىۋالالايسىز ۋە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرالايسىز.
淘宝 دىكى 我是卖家 نى بېسىپ، سول تەرەپتىكى 已卖出的宝贝 نى باسسىڭىز، سېتىلغان ۋە سېتىلىۋاتقان ماللىرىڭىزغا قارىتا باشقۇرۇش، تەكشۈرۈش مەشغۇلاتلىرىنى قىلالايسىز.
ئەگەر خەنزۇ تىلىنى ياخشى چۈشەنسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرېستىكى ياردەم يېتەكچىسى بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز ئاسانلا چۈشىنىۋالالايسىز.
http://www.taobao.com/help/sell_step1_01.html

淘宝 .5دا مال سېتىۋېلىش
淘宝 دا مال سېتىۋېلىش ھەققىدە بەك كۆپ دەرسلىكلەر سۆزلەندى، ئىزدەش تورلىرىدىن ئىزدەپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

淘宝 دا مال سېتىۋېلىش ھەققىدە توردا بەزى تورداشلار تەپسىلىي قىلىپ ئىشلەنگەن دەرسلىك ئېلكىتاب ۋە سىنلىق دەرسلىكلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بىز توردا ئېلان قىلىنغان، ياخشى دەپ قارىغان بىر قىسىم دەرسلىكلەرنى ئىزدەپ پايدىلىنىشىڭىزنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
淘宝 ھەققىدە ئاز-تولا بىلىم ئېلىپ بۇ يەرگە كەلگەن ئىكەنسىز، تورغا چىقىش ئىمكانىيىتىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا توردىن ماتېرىيال ئىزدەشكە تېخىمۇ ماھىر بولۇڭ.
ئەگەر خەنزۇ تىلىنى ياخشى چۈشەنسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرېستىكى ياردەم يېتەكچىسى بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز، ئاسانلا چۈشىنىۋالالايسىز.
http://www.taobao.com/help/buy_step2_01.html

* ئاپتورى: ياسىنجان ئىمىن، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىمى

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالەكومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى تور بىكىتىباشقۇرىشىدىكى («كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى) نىڭ 2012-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان. يازما ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان ئاساستا بلوگىمىزغا يۆتكەپ كىلىندى ھەمدە كەڭ تورداشلارنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلدى....
«داڭلىق تور ماگىزىنى 淘宝 دا دۇكان ئېچىش باسقۇچلىرى» نامىدىكى 3 پارچە ماقالىنىڭ باشقا بۆلەكلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
داڭلىق تور ماگىزىنى 淘宝 دا دۇكان ئېچىش باسقۇچلىرى (1)
داڭلىق تور ماگىزىنى 淘宝 دا دۇكان ئېچىش باسقۇچلىرى (2)

نۆۋەتتە 7 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :4 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :3 پارچە

  1. نۇرنىجات : 2012-يىلى08-ئاينىڭ26-كۈنى09:57:19  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    نېمە ساتسام بولار؟

    • admin : 2012-يىلى08-ئاينىڭ26-كۈنى10:07:09  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      سىز دۇكان ئىچىش ئۈچۈن ھەممە جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزۈپ بولدىڭىزمۇ؟ مال چىقىرىپ ساتسىڭىزلا بولىدىغان ھالەتكە ئەكەلدىڭىزمۇ؟
      بۈگۈن پەخرىم گە شەرەپلىك ھالدا دۇكان ئىچىپ بولدۇق، تاۋباۋ ئىمتىھاندىن 90 نومۇر لاياقەت بىلەن ئۆتتۇق :smile:

      • نۇرنىجات : 2012-يىلى08-ئاينىڭ26-كۈنى10:10:11  2-قاتار @جاۋاب جاۋاب

        نېمە دەيدىغاندۇ؟مەن ھازىر يازمىڭىزنى ئوقۇش ھالىتىگە ئەكەلدىم!

        • admin : 2012-يىلى08-ئاينىڭ26-كۈنى10:12:34  3-قاتار @جاۋاب جاۋاب

          نىمە ساتسىڭىز بولاۋىرىدۇ……ئۇ بىر پايانسىز بازار…

  2. tamqabulak : 2012-يىلى12-ئاينىڭ17-كۈنى09:27:03  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    تاۋباۋ دۇكان ئاچقۇچىلاردىن ئىجارە ھەققى ياكى باشقا ھەقلەرنى ئالمامدۇ؟ ئۇنداقتا تاۋباۋ تور سودىسى مۇلازىمىتى ئارقىلىق قانداق نەپكە ئىرىشىدۇ ؟

  3. ئابىلا : 2013-يىلى02-ئاينىڭ02-كۈنى16:53:38  -47-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مەن ماگىزىن ئىچىش باسقۇچلىردىن ئۇتكەن ئىدىم ئىككى باسقۇشتىن ئۇتۇپ 3-باسقۇشنىڭ 1-گە ئۇۇزمىنڭ تېلغۇن نۇمىرنى كىرگۇزسەم بۇلمىدى باشقا تېلغۇن نۇمىرنى كىرگۇزدىم بۇلدى 2-گە ماگىزننڭ ئىسمنى قۇيدىغان يەرگە خەت يازسام پەقەتلا خەت يېزىلمدى نېمشقا يېزىلمايدۇ نەرنى خاتا قىلغاندىمەن

    • تورسودا : 2013-يىلى02-ئاينىڭ03-كۈنى06:24:41  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ، مەن كۆرۈپ باقاي، مىنىڭچە چوڭ مەسلە يوق، مەن بىر قوللۇق پۈتتۈرۈپ بىرەي

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟