توردا ئىگىلىك تىكلەڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت | پۇل تۆلەش گۆھىرى | ئاساسىي مەزمۇن
پۇل تۆلەش گۆھىرى 支付宝غا پۇل قاچىلاش ئۇسۇلى
2012-يىلى07-ئاينىڭ06-كۈنى پۇل تۆلەش گۆھىرى ⁄ جەمئى 3114خەت بار 11پارچە ئىنكاس بار ⁄ 9,443 قېتىم كۆرۈلدى+


پۇل تۆلەش گۆھىرىگە پۇل قاچىلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنىڭ خالىغان بىرىنى قوللانسىڭىز بولىدۇ ھەمدە مال سېتىۋالغاندا بىۋاستە ھالدا پۇل تۆلەش گۆھىرىدىكى قالدۇق سومما ئارقىلىق پۇل تۆلىسىڭىز ئىنتايىن قۇلايلىق بولىدۇ.

1. تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل قاچىلاش. سىز پۇل تۆلەش گۆھىرى شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان خالىغان بىر بانكىنىڭ كارتىسى ئارقىلىق، توردا پۇل تۆلەش مۇلازىمېتىنى ئاچقۇزغاندىن كېيىنلا پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېساباتىڭىزغا بىۋاستە پۇل قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.

2. باغلانما كارتا (卡通) ئارقىلىق پۇل قاچىلاش. پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېساباتىڭىز بىلەن بانكا كارتىڭىز ئۆز-ئارا باغلانغاندىن كېيىن، سىز پەقەت پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ پۇل چىقىم قىلىش مەخپىي نومۇرى ئارقىلىقلا پۇل قاچىلاش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز. نۆۋەتتە، سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى (شىنجاڭ ئىچىدە يوق)، پوچتا پۇل ئامانىتى باغلانما كارتىسى قاتارلىق ئون نەچچە بانكا بۇ مۇلازىمەتنى قوللايدۇ.

3. پوچتىخانا ئارقىلىق پۇل قاچىلاش. پوچتىخانىغا بېرىپ، «تور پېرىۋوتى e كەسپىنى» (网汇e 汇款业务) بىجىرىمەن دېسىڭىز، مۇلازىمەتچى خادىم سىزگە بىر دانە تالون بېرىدۇ. تالوننى تەلەپ بويىچە تولدۇرۇپ، پۇلنى مۇلازىمەتچى خادىمغا بېرىسىز (ئەڭ تۆۋىنى 2 يۇەن، يۇقىرىسى 50 يۇەنگىچە مۇلازىمەت ھەققى ئالىدۇ)، ئاندىن سىز مەخپىي نومۇر بېكىتكەندىن كېيىن، سىزگە يەنە كىچىك بىر تالون بېرىدۇ، ئۈستىدە تالون نومۇرى بار. ئاشۇ تالون نومۇرى ۋە ئۆزىڭىز بېكىتكەن مەخپىي نومۇر ئارقىلىق پۇلىڭىزنى توردا (پەقەتلا توردا) چىقىم قىلالايسىز. ئەمدى مۇشۇ پۇلنى پۇل تۆلەش گۆھىرىگە قاچىلاش ئۈچۈن، پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېساباتىڭىزغا كىرىپ، پۇل قاچىلاش دېگەن جاينى باسقاندىن كېيىن، «تور پېروۋوتى e» ئارقىلىق قاچىلاشنى تاللاپ، قولىڭىزدىكى تالون نومۇرى بىلەن مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزسىڭىزلا بولدى. (تور بانكا كەسپىنى ئاچقۇزمىغان ۋە قانداق ئاچقۇزۇشنى بىلەلمەي يۈرگەنلەرنىڭ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭدا سىزنىڭ تور بانكىڭىز بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ، پوچتىخانىغا نەق پۇل كۆتۈرۈپ بېرىپلا بىجىرەلەيسىز).

4. بانكا (تور مۇلازىمەت پونكىتى 网点)غا بېرىپ پۇل قاچىلاش . سىز يەنە بىۋاستە بەلگىسى بولغان تىجارەت زاللىرىغا بېرىپ، پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ قىممەت تولۇقلاش نومۇرى (充值码) نى سېتىۋالسىڭىز ياكى توردىن مال سېتىۋالغان چاغدىكى زاكاس تالونىغا بىۋاستە پۇل تۆلىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا نەق پۇل تاپشۇرسىڭىزمۇ، كارتا سىيرىپ پۇل تۆلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

5. دوستلىرىڭىز ۋاكالىتەن پۇل قاچىلاپ بېرىش. ئەگەر سىزنىڭ دوستىڭىزنىڭ پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېساباتى بار بولۇپ ھەمدە تور بانكا مۇلازىمېتى ياكى باغلانما كارتا مۇلازىمېتىنى ئاچقۇزغان بولسا (قىسقىسى، دوستىڭىزنىڭ پۇل تۆلىشى سىزدىن ئاسان بولسا) ئۆزىڭىزنىڭ پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېساباتى بىلەن سوممىسىنى دوستىڭىزغا ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋاكالىتەن پۇل قاچىلاپ بېرىشىنى ئۆتۈنسىڭىز بولىدۇ.

6. بىرلەشمە كارتا (百联卡) ئارقىلىق پۇل قاچىلاش. ئىستىمال كارتىسى بولسا، سودىگەر تارقاتقان، كارتا ئىشلەتكۈچىنىڭ تەلىپى بويىچە پۇلنى كارتىغا يۆتكەپ ساقلايدىغان، سودا قىلغاندا پۇلنى بىۋاستە كارتىدىكى قالدۇق سوممىسىدىن تۇتۇپ قالىدىغان، ئالدىن پۇل تۆلەش شەكلىدىكى بىر خىل كرىدىت كارتىسى. سىز ئىستىمال كارتىڭىزدىكى قالدۇق سوممىڭىزنى پۇل تۆلەش گۆھىرى تەمىنلىگەن پۇل قاچىلاش يولى ئارقىلىق پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېساباتىڭىزغا ئاغدۇرسىڭىز بولىدۇ..

 

7. تېلفۇنغا قىممەت تولۇقلاش كارتىسى ئارقىلىق پۇل قاچىلاش. پۇل تۆلەش گۆھىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر دۆلەت ئىچىدىكى «ئالەم كېزەر» (全国神州行卡)، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ «بىر كارتا بىلەن قىممەت تولۇقلاش» (联通一卡充) كارتىسى ئىچىدىكى پۇلنى پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېساباتىغا يۆتكىيەلەيدۇ.
8. قۇلايلىق كارتا (便利通卡) ئارقىلىق پۇل قاچىلاش. پۇل تۆلەش گۆھىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر يەنە قۇلايلىق كارتىدىكى پۇلىنى پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېساباتىغا يۆتكىيەلەيدۇ.
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن پەقەت پۇل قاچىلاش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ قويدۇم، تەپسلىي مەشخۇلات جەريانى داۋاملىق سۆزلىنىدۇ، دىققەت قىلغايسىزلەر. ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئۆزىڭىز قول سېلىپ سىناپ بېقىڭ، چوقۇم قىلالايسىز!

نۆۋەتتە 11 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە : زىيارەتچى قالدۇرغىنى : 9 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى : 2 پارچە

  1. يالغۇز China Unknow Browser Unknow Os : 2012-يىلى07-ئاينىڭ06-كۈنى15:52:23  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    رەھمەت جۇمۇ بىلىۋالدىم….. ;-)

  2. پەخرىم China Unknow Browser Unknow Os : 2012-يىلى07-ئاينىڭ08-كۈنى14:58:29  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مەن مۇشۇ پارولنى تۇلا ئۆزگەرتىپ ھېرىپ قالدىم 1 ياكى 2 قېتىم پۇل يۆتكىگەندىن كىيىن پارول خاتتا دەپ چىقىۋالىدۇ ، يەنە بىر مەسىلە پۇل يۆتكەيدىغان چاغدا يان تېلفۇنغا ئۇچۇر كىلىدىغۇ 6 خانلىق مەخپى نۇمۇر شۇ ئۇچۇر كەممەيدۇ بەزىدە كىلىپ قالىدۇ بولمىسا قەتتى كەلمەيدۇ تېلفۇننىمۇ ئالماشتۇرۇپ باقتىم

  3. admin China Unknow Browser Unknow Os : 2012-يىلى07-ئاينىڭ08-كۈنى17:30:36  -47-رەت @جاۋاب جاۋاب

    پارول ھىچقاچان ئۆزلىكىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ، ئالدىراشچىلىقتا تىزىملىتىپ كىرىش مەخپى نومۇرى ‹‹登录密码››بىلەن پۇل چىقىم قىلىش مەخپى نومۇرى‹‹支付密码››نى ئاداشتۇرۇپ قويغان بولۇشىڭىز ئىنىق، بۇنداق ئىشلار كۆپ بولۇپ تۇرىدۇ، مەنمۇ ئەينى چاغدا كۆپ ئۇچراپ كىيىن خاتالىق سادىر قىلمايدىغان بولغانتىم ، ئاۋۇ يان تىلفۇنغا 6خانىلىق تەستىق ئۇچۇرى چوقۇم ئىزچىل ھالدا كىلىشى كىرەك ئىدى ، سىزنىڭكىگە بەزىدە كىلىپ بەزىدە كەلمەيدىكەن، نومۇر باغلاشتا خاتالىق بارمىدۇ يا؟

  4. بىلەرمەن China Unknow Browser Unknow Os : 2012-يىلى12-ئاينىڭ13-كۈنى10:23:10  -46-رەت @جاۋاب جاۋاب

    بۇ مەن بىلىشكە تىگىشلىك بىلىم ئىكەن كوپ رەھمەت سىزگە

  5. dawran1 China Unknow Browser Unknow Os : 2013-يىلى04-ئاينىڭ09-كۈنى05:01:24  -45-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئەسسالمۇ ئەلەيكۈم،،،،تېملىرىڭىز بەكمۇ ياخشى يوللىنىۋاتىدۇ،رەخمەت بىزمۇ خىلى بىلملەرنى بىلۋالدۇق….سىزدىن سۇرايدىغىنىم پۇل تۆلەش گۆھىرنىڭ مەخپى شىفىرىنى
    ئۇنتۇپ قاپتىمەن قانداق قىلساق بولا، كېرش شىفىرى توغرا يەنە بىر شىفىرى خاتا دەيدۇ
    ئېغىر كۆرمەي بىر ياردەم قىلسىڭىز بولارمۇ؟……

  6. زەھرا China Google Chrome Windows : 2014-يىلى09-ئاينىڭ26-كۈنى17:02:53  -44-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مەن ئەڭ ئالدى بىلەن قانداق قىلمەن؟ كارتا بىجرەمدىم ياكى تاۋباۋغا ئەزا بولامدىم ؟ بىرىنچى باسقۇچتا دىمەكچى؟؟؟؟مۇمكىن بولسا ماڭا ئۈگۈتۈپ قويسڭىز بوپتىكەن…

    • تورسودا China Google Chrome Windows : 2014-يىلى10-ئاينىڭ27-كۈنى18:20:10  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى قىلسىڭىز بولىۋىرىدۇ ، ئاۋۋال تاۋباۋغا ئەزا بولسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئاۋۋال بانكا كارتىسى بىجىرسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ‹‹بانكا كارتىسى بىجىرگەندە تور بانكا كەسپىنى ئاچقۇزۇشنى ئۇنۇتماڭ›› چۈشەنمىگەن بىلمىگەن جايلار بولسا مەن يول كۆرسىتىمەن

  7. زەھرا China Internet Explorer Windows : 2014-يىلى10-ئاينىڭ28-كۈنى04:16:34  -43-رەت @جاۋاب جاۋاب

    سىزگە كۆپ رەھمەت

  8. kaderjan8458 China QQ Browser Windows : 2015-يىلى03-ئاينىڭ15-كۈنى01:39:41  -42-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئالپاي ھىساباتىمغا پەقەت پۇل قاچىلىنمىدى سىن دەرىس بولغان بولسا بوپتىكەن

  9. kaderjan8458 China QQ Browser Windows : 2015-يىلى03-ئاينىڭ15-كۈنى11:26:23  -41-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مەن ئالپايغا پۇل قاچىلىيالمايۋاتىمەن،پۇل قاچىلاش (充值)دىگەننى بېسىپ قاچىلسام، 余额宝بۇنىڭغا پۇل كىرىپتۇ توردىن چىقىم قىلالمىدىم. 账户余额بۇنىڭغا پۇل كىرمەپتۇ.بۇنى قانداق قىلسام بۇلا بىلىدىغان ئۇستازلا بولسا ياردەم قىلىپ تەپسىلى دەپ بەرگەن بولساڭلار…رەخمەت سىلەگە! :cry: :cry: :cry:

  10. havar09030 China Internet Explorer Windows : 2015-يىلى06-ئاينىڭ19-كۈنى07:52:08  -40-رەت @جاۋاب جاۋاب

    مەن ئالپايغا پۇل قاچىلىيالمايۋاتىمەن.تور پېرىۋوتى e كەسپي ئارقىلىق支付宝غا پۇل قاچىليسام بولارمۇ؟

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟