توردا ئىگىلىك تىكلەڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت | تور سودىسى | ئاساسىي مەزمۇن
11.11 بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
2014-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنى تور سودىسى ⁄ جەمئى 4603خەت بار ئىنكاس يوللانماپتۇ ⁄ 4,392 قېتىم كۆرۈلدى+

«11-نويابىر تور سودىسى پائالىيىتى» گە يەنە بىر ھەپتە قالدى، توردا ۋە كوچىلاردىكى سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيەتلىرى داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلماقتا. 2009-يىلى ئالى بابانىڭ تۇنجى قېتىم «11-نويابىر» پائالىيىتىنى تەشەببۇس قىلغىنىدىن بۈگۈنگىچە، ئېلېكتىرونلۇق سودا تۇرمۇشىمىزغا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ كەلگۈسىدە يەنە قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

بۇ يىل ئالى بابا «11-نويابىر» نى تاۋار ماركا قىلىپ تىزىملاتتى، بۇ ئىش ئاز بولمىغان غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولدى. لېكىن، شۇنى ئىنكار قىلالمايمىزكى، ئالى بابا «11-نويابىر» نىڭ ئىجادكارى. ئالى بابانىڭ «11-نويابىر» دا ياراتقان سېتىش سوممىسى 2009-يىلىدىكى 50 مىليون يۈەندىن بىراقلا 2013-يىلىدىكى 35 مىليارد يۈەنگە ئۆرلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىڭدۇڭ، سۇنىڭ قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىمۇ بۇ تەشەببۇسقا قوشۇلدى، ئاخىرىدا، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغان «11-نويابىر» مەنزىرىسى شەكىللەندى.
قايناق «11-نويابىر» ئىستېمالچىلارنىڭ مال سېتىۋېلىش ئادىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەردى. ئەيرۇي (艾瑞) نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2009-يىلى جۇڭگونىڭ توردا مال سېتىۋېلىش مىقدارى 250 مىليارد يۈەنگە يەتمەيتتى. 2013-يىلىغا كەلگەندە، بۇ سومما 1 تىرىليون 850 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، 2009-يىلىدىكىنىڭ 7.4 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئارىلىقتا، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىشى 1.8 ھەسسىگە يەتمىگەن. بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە، توردا مال سېتىۋېلىشنىڭ جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تۇنجى قېتىم بىر پەسىلدە %10 لىك ئۆتكەلنى بۇزدى.
ھالبۇكى، جۇڭگودا توردا مال سېتىۋېلىشنىڭ كۈنسېرى ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، «11-نويابىر» بارا-بارا «ھەممىگە ئومۇملاشقان» پۈتكۈل خەلقنىڭ ئىستېمال كۈنىگە ئايلانغۇسى.
ئەمەلىي سودا بازارلىرىغا نىسبەتەن، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ئاز بولمىغان خېرىدار مەنبەسىنى ئېلىپ كەتتى. سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈلگەن 5000 نۇقتىلىق پارچە سېتىش كارخانىسىنىڭ 1-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشقان، لېكىن ئوخشاش مەزگىلدىكى توردا مال سېتىۋېلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.2 ئاشقان.
ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئەڭ چوڭ زەربىسى ئىستېمالچىلارنىڭ مال سېتىۋېلىش ئادىتىدىكى ئۆزگىرىشتە بولدى. بېين مەسلىھەتچىلىكى (Bain Capital) نىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، %50 تىن ئارتۇق زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا مەيلى توردا ياكى ئەمەلىي دۇكاندا مال سېتىۋالسۇن، سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ھەمىشە تور بېكەتنى زىيارەت قىلىپ مال باھاسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىكەن؛ %70 تىن ئارتۇق ئوخشىمىغان كىرىم سەۋىيەسىدىكى زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار مال سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن توردىكى، ئەمەلىي دۇكاندىكى ھەتتا ئوخشىمىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بېكەتلىرىدىكى باھالارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىكەن. سودا بازارلىرىنىڭ دۇكان ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ ئىجارە ھەققىگە ئېرىشىدىغان ياخشى كۈنلىرى ئاللىبۇرۇن قايتىپ كەلمەس بولدى.
تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىق تەدرىجىي كۆرۈلۈشكە باشلىدى
ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ گۈللىنىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىقمۇ ئاستا-ئاستا كۆرۈلۈشكە باشلىدى. نۆۋەتتە، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. يىگۈەن گوجى (易观国际) ئانالىزچىسىنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، «نۇرغۇن كىشىلەر ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى تۆۋەن دەپ قارايدۇ، لېكىن بىزنىڭ ھېسابلىشىمىزچە، ئەگەر بىر پۈتۈن ئەشيا ئوبوروتى، باشقۇرۇش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تەننەرخلەرنى ئويلاشقىنىمىزدا، ساتقۇچىلارغا نىسبەتەن، نۆۋەتتە نۇرغۇنلىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى ھەتتا ئەمەلىي دۇكانلارنىڭكىدىن %10-%15 يۇقىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى تېخىمۇ كۆپ ماركىلارنى تېزدىن جەلپ قىلىپ، كۆلەملىك ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
داڭلىق ئىقتىساد يازغۇچىسى ۋۇ شياۋبو مۇ مۇنداق بىر گەپنى قىلغان ئىدى: «مەن بىر ئاياغ تىجارىتى قىلىدىغان خوجايىن بىلەن ئۇچراشقان، ئۇ 2013 يىلى «11-نويابىر» توردا تېزلىتىپ سېتىش ئارقىلىق 60 مىليون يۈەنلىك سودا ئوبوروتى قىلغان. لېكىن ئېلان ھەققىگىلا 20 مىليون يۈەن تاپشۇرغان، بۇنىڭغا يەنە ھەر خىل تەننەرخلەرنى قوشقاندا، ئەڭ ئاخىرىدا ئەكسىچە زىيان تارتقان» .

 

11.11 دا باھا راستلا چۈشەمدۇ؟

يېقىندا، دۆلەت سودا-سانائەت باش ئىدارىسى ئالى، جىڭدۇڭ، داڭداڭ، سۇنىڭ يىگو (苏宁易购) قاتارلىق 10 ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركەتلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن، شۇنداقلا ئالايىتەن «11-نويابىر» ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئېلان قىلىپ، بىر قىسىم ئېلېكتىرونلۇق سودا بازارلىرىنىڭ «ئاۋۋال باھا ئۆستۈرۈۋېلىپ ئاندىن باھا چۈشۈرۈش» ئارقىلىق ساختا ئېتىباردا سېتىش، ئىستېمالچىلارنى ئالداش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى چەكلىگەن. ھالبۇكى مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىگىلىگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بەزى ئىستېمالچىلار جىڭدۇڭ كىتابلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باھا ئۆستۈرگەنلىكىنى پاش قىلىپ، «ئاۋۋال باھا ئۆستۈرۈپ ئاندىن ئېتىبار قىلىش» نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانغان.
يېقىنقى بىر قانچە «11-نويابىر» دا، ھەرقايسى ئېلېكترونلۇق سودا كارخانىلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىنىش، ئەرز قىلىش ئەھۋاللىرىمۇ ئاۋۇپ بارغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، پاش قىلىش مىقدارى ئادەتتىكىدىن 1.5 ھەسسە يۇقىرى بولغان. بۇ سەۋەبتىن، «11-نويابىر» كېلىشتىن ئىلگىرى، سودا-سانائەت باش ئىدارىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىڭدۇڭ، تيەنماۋ قاتارلىق ئېلېكترونلۇق سودا كارخانىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە تۈزىتىش پىكىرلىرىنى بەرگەن. ئېنىقكى بۇ ئېلېكترونلۇق سودا كارخانىلىرىغا ئالدىن ئۇرۇلغان «مۇداپىئە ئوكۇلى» ھېسابلىنىدۇ .

 

مەنبە : ئەرقال ئىقتىساد تاراتقۇسى

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟