توردا ئىگىلىك تىكلەڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت | تور بانكىسى | ئاساسىي مەزمۇن
يىزا ئىگىلىك تور بانكىسىدىن پۇل يۆتكەش دەرىسلىكى ‹‹سىنلىق››
2013-يىلى12-ئاينىڭ13-كۈنى تور بانكىسى ⁄ جەمئى 935خەت بار 5پارچە ئىنكاس بار ⁄ 6,726 قېتىم كۆرۈلدى+

torbanka

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار : بۇ يازمىمىزدا تور بانكىسى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمىز، ئادەتتە توردىن ئۆز-ئارا پۇل يۆتكەشتە،  توردىن مال سېتىۋېلىشتا (قىسقىسى توردا پۇل-مۇئامىلە قىلىشتا) چوقۇم بىزدە توردا پۇل چىقىم قىلالىغۇدەك شەرت-شارائىت ھازىرلىنىش كېرەك. يەنى بانكا كارتىمىزنىڭ تور بانكا كەسپى ئوچۇق بولىشى كىرەك، تور بانكا ئارقىلىق بانكا كارتىسىدىن بىۋاستە پۇل يۆتكەش، ھىساب ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش، توردا ھەق تاپشۇرۇش، ھەرخىل كەسىپلەرنى تور ئارقىلىق بىجىرىش قاتارلىق كۆپلىگەن ئىشلارنى بىجىرگىلى بولغاندىن سىرىت سىزنىڭ بانكىغا بىرىپ ئۇزاق ئۆچىرەت ساقلاپ كەسىپ بىجىرىشتەك ئاۋارىچىلىقلاردىن ھەمدە بەزى بىر قىسىم ئۇششاق چىقىملاردىن ساقلايدۇ . تۆۋەندە  يىزا ئىگىلىك تور بانكىسىدىن پۇل يۆتكەش بىرىنچى باسقۇچلۇق دەرسلىكى يوللاندى . 

 

دەرىسلىك ئىشلەش ئىشلىرىغا يىڭى بولغانلىقىم سەۋەبىدىن ئاز-تولا ، تەمتىرەش دىگەندەك ئەھۋاللار بوپ قالدى، دەرىسلىك چۈشىنىشلىك ، ياخشى چىقمىغان بولسا تورداشلارنىڭ ئەيىبكە بۇيرۇماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .

چۈشەنمىگەن جايلار بولسا مەزكۇر يازما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ . . . .

 

 يىزا ئامانەت-قەرىز كوپىراتىپ تور بانكىسىدىن پۇل يۆتكەش دەرىسلىكىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ

نۆۋەتتە 5 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە : زىيارەتچى قالدۇرغىنى : 2 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى : 3 پارچە

  1. ئابلىمىت China Mozilla Windows : 2013-يىلى12-ئاينىڭ15-كۈنى06:22:39  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،يىزا ئىگىلىك بانكىسىدن پۇل يۆتكەش توغىرىسىدىكى دەرىسلىكىڭىزنى كۆرۈپ سورىغان سۇئاللىرىمغا جاۋاپ تاپتىم ، شۇنداقلا كاللامدا تۆۋەندىكىدەك سۇئاللار شەكىللەندى …
    1. بانكا تەمىنلىگەن سەككىز خانىلىق نومۇر قايسى نومۇرنى كۆرسىتىدۇ، پۇل چىقىم قىلىش مەخپى نومۇر دەپ چۈشەنسەم بولامدۇ؟
    2. بۇ دەرىسىلىكتە ئۆزىمىزنىڭ ھىسابىدىكى پۇلنى باشقىلارغا يۆتكەش توغىرىسدا سۆزلىنىپتۇ ، باشقىلارنىڭ كارتىسىدن مىنىڭ ھىسابىمغا قانداق پۇل يۆتكەيدۇ؟
    ياكى بولمىسا باشقا ئىككى ئادەمنىڭ ھىسابىدىن بىر-بىرىگە پۇل يۆتكەپ بەرگىلى بولامدۇ ؟ بۇ سۇئالنى سورىشىمدىكى سەۋەپ ، نۇرغۇن ئاتا_ئانىلار يىراقتا ئوقۇۋاتقان باللىرىغا پۇل سىلىپ بىرىشنى ئۆتۈنگەن ، ناھىيەگە بىرىپ پۇل سالاي دىسە ئارىلىق يىراق ، ھەم بىرمۇنچە كىرا پۇلى تاپشۇرىدۇ …
    3. ھەرقىتىم يىزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ تورنى ئاچسام IE تۈرىدىكى تۇر كۆرگۈچنى قاچىلاڭ دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە كومپىيۇتىرىمدا IE تور كۆرگۈچ قاچىلاغلىق بۇ قانداق مەسىلە ؟
    سۇئالنى كۆپ سوراپ سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم…

    • تورسودا China Google Chrome Windows : 2013-يىلى12-ئاينىڭ16-كۈنى04:52:35  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام :
      1. يىزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ تور بانكىسىدا پەقەت ئىككى خىللا مەخپى نومۇر بولىدۇ، بىرسى 6خانىلىق مەخپى نومۇر(ئاپتوماتىك پۇل ئىلىش ماشىنىسى 取款机 )دىن پۇل ئالغاندا ئىشلىتىدىغان مەخپى نومۇرنى كۆرسىتىدۇ . يەنە بىرسى 8خانىلىق مەخپى نومۇر (优盾، K宝) تور بانكىسىدا مەشغۇلات قىلغاندا ئىشلىتىدىغان بارماق دىسكىغا ئوخشايدىغان، كومپىيۇتىرنىڭ USB ئىغىزىغا چىتىپ ئىشلىتىدىغان نەرسىنىڭ مەخپى نومۇرنى كۆرسىتىدۇ .
      2. مەيلى سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھىساباتىدىن باشقىلارنىڭ ھىساباتىغا پۇل يۆتكەڭ، ياكى باشقىلار ئۆز ھىساباتىدىن سىزنىڭ ھىساباتىڭىزغا پۇل يۆتكىسۇن پەرقى يوق، مەشغۇلات جەريانى ئوپمۇ ئوخشاش، قارشى تەرەپنىڭ تور بانكا كەسپى ئوچۇق بولسىلا پۇل يۆتكەش مەشغۇلاتىنى بىمالال قىلالايدۇ .
      3. بەلكىم ئىشلەتكەن IE تور كۆرگۈچىڭىز كونا نەشىردىكى تور كۆرگۈچ بولۇشى مۇمكىن، بۇ پۇل-مۇئامىلە ئىشى بولغاچقا ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەلەپ قىلىدۇ، ئالدى بىلەن تور كۆرگۈڭىزنىڭ نەشىرىگە قاراپ بىقىڭ، يەنە بىر ئىش كومپىيۇتىرىڭىزغا 360ۋىرۇسخورنى قاچىلىۋىلىڭ، بانكىنىڭ بىخەتەرلىك ياماقلىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ . . .

  2. پاك دىل China Google Chrome Windows : 2014-يىلى12-ئاينىڭ17-كۈنى03:40:09  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    بۇ دەرىسلىك چىقمىدى . باشتىن ئوڭشاپ يوللاپ قويغان بولسىڭىزچۇ ، بەك مۇھىم دەرسلىك ئىكەن . ئۆگىنىۋالغان بولسام .

    • تورسودا China Google Chrome Windows : 2015-يىلى04-ئاينىڭ03-كۈنى19:31:28  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      يىقىننىڭزى youku , tudou , 56.com دىكىلەر پەقەتلا ئارامچىلىق بەرمەيۋاتىدۇ تاڭ ، يوللىغان دەرىسلىكلىرىمنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپتۇ ، بىر نەچچىسىنى قايتا يوللىدىم ، تەستىقلىماي تۇرىۋالدى ، مەن بىر ئامال قىلىپ قايتا يوللاپ قوياي . . . .

    • تورسودا China Google Chrome Windows : 2015-يىلى04-ئاينىڭ08-كۈنى12:27:33  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      دەرىسلىكنى قايتا يوللاپ قويدۇم ، پات ئارىدا ئەسلى نۇسقىسىنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەپ قوياي . . . .

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟