كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك يېقىندا ئالىبابا شېركىتىنىڭ 3.تەرەپ ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى تەمىنلەيدىغان توربېكىتى ئالىپاي (支付宝) نىڭ باش بېتىدە 余额宝 دەيدىغان بىر تۈر كۆپىيىپ قالغان، بۇ ئەسلىدە 天弘增利宝货币 دەپ ئاتىلىدىغان فوند شېركىتىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىم قىلىدىغان فوند مەھسۇلاتى بولۇپ، ئالىپاي تورىغا قوشۇلغىلى تەخمىنەن ئۈچ ئايدەك بولغاندىن بېرى، بۇ ھەقتىكى بەس-مۇنازىرە توختاپ باقمىدى. كەمىنە بۇنىڭغا قىزىقىپ دەسلەپتە 1000 يۈەن خەلق پۇلىنى ھېسابىمغا قويۇپ باقسام، راست دىگەندەك كۈندە نەچچە موچەن كىرىم كىرگىلى تۇردى، كېيىن بىراقلام 2 تۈمەن خەلق پۇلىنى قويۇپ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقتىم، ئون كۈنگىچە ھەر كۈنلۈك كىرگەن كىرىم 3 يۈەندىن چۈشمىدى. ئويلاپ باقسام، بەزى كىچىك تىپتىكى توربېكەتلەرنىڭ كۈنلۈك ئېلان كىرىمى بىلەن تەڭلىشىپ قالغۇدەك. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە بىرەر تېما يېزىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.
بۇ ئەسلىدە دۆلەت قانۇندىكى بەلگىلىمىسىدە ئالىپاي تورىنىڭ ئالىپاي ھېسابىدا ساقلانغان پۇلنى (سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا ئالىپاي ھېسابىدا بىكار تۇرىدىغان پۇل ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3 مىليارد يۈەندىن تۆۋەن ئەمەس) ئالىبابا شېركىتى باشقا مەبلەغكە يۆتكەپ ئىشلەتسە بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىر فوند شېركىتى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق تاۋباۋدا مال سېتىۋالىدىغان ئابونتلارنىڭ ئالىپاي ھېسابىغا قاچىلاپ بىكار تۇرۇپ قالغان پۇلنى فوند شەكلىدە باشقا ئىشلارغا مەبلەغ قىلىپ، پايدىنى پاي قوشقان ئابونتلارغا كۈنلۈك پايدا نىسبىتى بويىچە بۆلۈپ بېرىدىكەن. بۇ فوندنىڭ ھەر تۈمەن خەلق پۇلىغا بېرىدىغان كۈنلۈك پايدىسىنىڭ يىللىق پايدا نىسبىتى 8 پىرسەنتكە يېتىدىكەن. دېمەك 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنسا بىر يىلدا 8000 يۈەن ئەتراپىدا پايدا بۆلۈپ بېرىدۇ. (يىل ئاخىرىدا 100 مىڭ يۈەن پۇل 108000 بولىدۇ دېگەن گەپ، بۇ بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈردى دېگەن گەپ).
بۇ فوندنىڭ ياخشى يېرى ئالىپايدىكى دەماللىققا ئىشلەتمەيدىغان پۇللارنى قاچىلاپ قويغاندا ھەر كۈنى ماس نىسبەتتە پايدىغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە، ئۇ پۇلنى بىۋاستە توردا مال سېتىۋالغاندا ھەق تۆلەشكە، ياكى خالىغاندا بانكا كارتا ھېسابىغا پۇلنى چىقىرىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىكەن.
مېنىڭچە، ئېشىنچە نەچچە تۈمەن پۇلنى قويۇپ قويسا ئايلىق تېلفون پۇلى ۋە ياكى موتسېكلىت، ماشىنىنىڭ ماي پۇلى دېگەندەكلەر تېجىلىپ قالغۇدەك.
بۇ فوندنىڭ كۈنلۈك بازار ئەھۋالى ۋە تەپسىلىي ئۇچۇرلىرى:
http://fund.eastmoney.com/000198.html
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
بۇ فوند 货币型基金 يەنى پۇل تىپىدىكى فوند ھېسابلانغاچقا بىر قەدەر ئىشەنچلىك ۋە بىخەتەر، يەنە كېلىپ ئالىپاي تورى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ئىشەنچىلىك دەپ قارايمىز، بىراق فوند بىلەن بانكىغا مۇقىم قويغان پۇل ئوتتۇرىسىدا قانۇن جەھەتتىن تۈپتىن پەرق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بەلگىلىك خىيم-خەتەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا ئىقتىسادىي بىلىملەردىن بەلگىلىك ئاساسىي بولمىغان تورداشلارنىڭ ئويلىشىپ ئىش قىلىشىنى ئالاھىيدە ئەسكەرتىمەن. بۇ فوندنى سېتىۋېلىڭ ياكى سېتىۋالماڭ مەن ئۈچۈن بىر تىيىنلىق پايدىسى يوق، بۇ تېما پەقەت 余额宝 دېگەن يېڭى شەيئىنى كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە يېزىلدى، خالاس. چۈشەنمىگەن مەسىللەر بولسا ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرلىكتە پىكىرلىشىپ باقساق.
مەزكۇر تىما ئۇزدىل مۇنبىرى دىن كەڭ تورداشلارنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشى ئۈچۈن يۆتكەپ كىلىندى
余额宝 نى تۇلۇق چۈشەنمەيمەن، بىراق بۇ بىرخىل 基金 غا ئوخشامدۇ-قانداق؟ زادى خەتىرى بارمۇ-يوق! مەن 余额宝 توغرىلىق نۇرغۇن چۈشەندۈرۈشلەرنى ئوقۇدۇم! بانكىدا پۇل قويغانغا ئوخشاپ قالامدۇ-قانداق؟ بانكىدا قەرەللىك پۇل قويغاندا ئاندىن ئۆسۇم بېرىلىدۇ! لېكىن 余额宝 دا بولسا قەرەلسىز بولسىمۇ ئۆسۈم بېرىدىكەن ، شۇنداقمۇ؟ تېخى بانكىدىن يۇقىرى دەمدۇ-قانداق؟ لېكن 余额宝 دا پۇلىمىزنى خالىغانچە ئاغدۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن ، شۇنداقمۇ؟
余额宝 نى مەنمۇ ئىشلىتىپ باقتىم، ئىشەنچىلىككەن، ئالى بابا گورۇھىدىكىلەرمۇ قاراپ تۇرۇپ ئىشەنچىسىز خەقلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتمىسا كىرەك، ئەگەر 余额宝 دىكى پۇلىمىزدىن چاتاق چىقسا ئىنىقلا ئالى بابانى ئىزدەيدىغان گەپ، شۇڭا ئۇلارمۇ ئالدىراپ ئىشەنچىسىزلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتمايدۇ ، مەنمۇ 5000 يۈدەن ساقلاپ كۆرۈپ باقتىم، ياخشى يىرى پۇلىمىزنى خالىغان ۋاقىتتا ئىشلىتەلەيدىكەنمىز ھەم خالىغان ۋاقىتتا بانكا ھىساباتىمىزغا ئاغۇرالايدىكەنمىز….
قايسى كۈنى تاۋباۋدا سىتىۋالغان نەرسىگە پۇل تۆلەۋاتسام سىزنىڭ 支付宝 ھىسابىڭىزغا بىر ئاي ئىچىدە كىرگەن پۇل 2300 يۈەن بۇنىڭدىن 9.16 يۈەن پايدىغا ئىرىشەلەيسىز ،پۇل تۆلەمسىز دىگەندەك خەتلەر چىققان ئىچىپ باقسام بىر شىركەنىڭ تورىغا ئۇلىنىپتى ،قانداق قۇيمىچىدۇ بۇ دەپ ئۆچۈرۋەتكەنتىم . ئەسلىدە مۇنداق ئىشكەن دەيلى.
مەنمۇ ئالدىنقى ھەپتە ساۋاقداشلىرىمدىن ئاڭلاپ 支付宝 دىكى بارلىق بىسادىم 390 سومنى يۆتكەپ قويغان بايا ئېچىپ قارىسام 0.11 سوم ئۆسۈم كەپتۇ. بوپقالىدىكەن ئىشقىلىپ 支付宝 دا توپا بېسىپ تۇرغاندىن…
600 نەچچە يۈەن پۇلۇم بىر نەچچە كۈن تۇرسا 0.54 يۈەن پۇل قوشۇلۇپ قاپتۇ ، ئىشقىلىپ بىخەتەر بولغاندىكىن ئىككىلەنمەي ئىشلىتىۋەرسەك بولىدىكەن
بۇ خۇددى بانكىغا پۇل قويۇپ ئۆسۈمنى خەجلىگەندەك شەكلى ئۆزگەرگەن شەكىلگە كىردىكەن. ئۆسۈم خەجلەش مۇسۇلمانلارغا ھارام، شۇڭا پۇل تېپىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ئىكەن دەپ بۇنىڭغا ئالدىراپ كەتمەي مانىڭ ھالال ھاراملىقىنى ئايرىۋىلىپ ئاندىن قىلساقمۇ كىچىكمەيمىز مېنىڭچە.
بۇ مېنىڭ شەخسەن قارشىم، بۇنىڭغان پەقەتلا قىزىقمىغاچ بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي ئىزدىنىپ باقمىدىم ھەم موللاملاردىن سوراپ باقمىدىم.
دىگىنىڭىز توغرا، ئۆسۈم يىيىش مۇسۇلمانلارغا ھارام، مەن پەقەت 余额宝 دىگەن نەرسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم
ئالى بابا دىن كىيىم-كىچەكنى توپ ئەكەلدۇرسەم ،رەسىمدىكىدەك چىقالارمۇ سۈپىتى؟
ئىنىق بىر نىمە دىمەك تەس، ئاۋال ئازراق ئەكەلدۈرۈپ سۈپىتىنى كۆرۈپ بىقىپ، مال ياراپ قالسا كىيىن كۆپرەك سىتىۋالسىڭىز بولىدۇ
بۇمۇ بۇلدىغان ئىشكەن ، بىراق بۇ 余额宝 ۋەيران بولسا بىزنىڭ پۇللىرىمىز قانداق بۇلا ؟ ياكى تاقىلىپ قالسا ؟
ئالدىراپ ۋەيران بولمايدۇ، تاۋباۋمۇ ئىشنىڭ ئالدى كەينىنى ئويلاپ ئىش قىلىدۇ
مەن ئالپايغا پۇل قاچىلىيالمايۋاتىمەن،پۇل قاچىلاش (充值)دىگەننى بېسىپ قاچىلسام، 余额宝بۇنىڭغا پۇل كىرىپتۇ توردىن چىقىم قىلالمىدىم. 账户余额بۇنىڭغا پۇل كىرمەپتۇ.بۇنى قانداق قىلسام بۇلا بىلىدىغان ئۇستازلا بولسا ياردەم قىلىپ تەپسىلى دەپ بەرگەن بولساڭلار…رەخمەت سىلەگە!