توردا ئىگىلىك تىكلەڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت | تاۋباۋ بىلىملىرى | ئاساسىي مەزمۇن
تاۋباۋ تورى ئارقىلىق مال سېتىۋېلىشتىكى ئون مۇھىم تەجرىبە
2014-يىلى10-ئاينىڭ30-كۈنى تاۋباۋ بىلىملىرى ⁄ جەمئى 6159خەت بار 4پارچە ئىنكاس بار ⁄ 8,431 قېتىم كۆرۈلدى+

taobaogouwu

توردىن مال سېتىۋىلىشتا مالنى قۇلاقتىن تۇتۇپ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ سېتىۋىلىش تەس. قول بىلەن تۇتۇپ، كۆز بىلەن كۆرۈپ سېتىۋالغان نەرسىلەردىن قويۇلۇپ كېتىۋاتقان يەردە، مەۋھۇم بازاردىن نەرسە سېتىۋىلىشتا تېخىمۇ ئېھتىيات قىلمىساق بولمايدۇ. نېمىلا بولسۇن، توردىن نەرسە سېتىۋىلىش بىريېڭىلىق، ھوزۇر ھېسابلىنىدىغان يېڭىياچىلار مال سېتىۋىلىشتىن ئېلگىرى بىر قېسىم ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك.

بىرىنچى تەجرىبە : ھالقىلىق سۆز 关键字 دىن پايدىلىنىش

ئەگەر بىر مالغا كۆزىڭىز چۈشكەن بولسا، شۇ مالغا مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق سۆزلەرنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ، تاۋباۋ توربېكىتىنىڭ ئىزدەش ماتۇرى ئارقىلىق ئىزدەپ كۆرۈڭ. سىز جەزمەن نۇرغۇنلىغان ئوپمۇ-ئوخشاش ماللارنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز. ھىم، شۇنىڭدىن كېيىن سىز«باھاپەرقى بويىچە تېزىش» ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى باھادىن تۆۋەن باھاغا ياكى تۆۋەن باھادىن يۇقىرى باھاغا قارىتا تېزدۇرۇپ كۆرۈڭ، شۇ ئارقىلىق باھاسى ئەڭ مۇۋاپىقىنى تاپالايسىز.

ئىككىنچى تەجرىبە : مال مەنبەسى ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن

كېيىم-كىچەك سېتىۋالغاندا شۇنى بايقايسىزكى، نۇرغۇن دۇكانلار ئىشلەتكەن رەسىم، مودىل قاتارلىقلار ئوپمۇ-ئوخشاش، شۇڭا بەزىدە تورداشلار ئۇدۇللا: تاج دەرىجىلىك دۇكاندىكىسى ئالماس دەرىجلىكنىڭكىدىن ياخشى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايدۇ. خاتالاشتىڭىز، ئەمەلىيەتتە ھەممىسى ئوخشاش، رەسىم، مودىل قاتارۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ماللار بىر شېركەت تەرىپىدىن تەمىنلىنىدۇ. ھازىر تاۋباۋدىكى نۇرغۇن ساتقۇچىلار ئاساسەن بىۋاستە زاۋۇتتىن ياكى ۋاكالەتەن توپ تارقىتىش شېركەتلىردىن مال سالىدۇ، مال مەنبەسى بولغان زاۋۇتلار بولسا سۈرەتكە ئېلىش، مودىل، ئوبراز ۋاكالەتچىسى ئىزدەش قاتارلىقلارنى ئۈستىگە ئالىدۇ. تاۋباۋدىكى ساتقۇچى دۇكاندار بولسا پەقەت ۋاكالەتەن ساتقۇچى خالاس. شۇڭا بايامقىدەك ئۇچۇرلىرى ئوخشاش بولىدۇ. لېكىن تاۋباۋدىكى باھاسى بەزىدە نەچچە يۈز يۈەن پەرىقلىنىپ كېتىدۇ.

ئۈچىنچى تەجرىبە : ھەقىقى ماركىلىق تەنھەرىكەت ئايىقى ساتقۇچىلار بەك ئاز

ھەقىقى ماركىدىكى تەنھەرىكەت ئاياقلىرى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدا بەكلا قىممەت بولغاچقا نۇرغۇن دوستلار ھازىر تاۋباۋدىن سېتۋىلىشقا يۈزلەندى. لېكىن تاۋباۋدا سېتىلىدىغان ھەقىقى ماركىدىكى تەنھەرىكەت ئاياقلىرى ئىنتايىن ئاز، كۆپىنچىسى فۇجىيەن قاتارلىق جايلاردا ئىشلىنىۋاتقان تەقلىدىي ماللار. يەنە بىر ئىشقا دېققەت قىلىڭ، ھەقىقى ماركىلىق تەنھەرىكەت ئاياقلىرىدا يىرىم رازمىر بولىدۇ، لېكىن تەقلىدىي ئاياقلاردا ئۇنداق رازمىر پەرقى بولمايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياقغا دائىر سۈپەت ئانالىزلىرى، ساختا-ھەقىقى ئاياقلارنىڭ سىلۇشتۇرما رەسىملىرى تەمىنلەنگەن بولغاچقا كۆزىمىز تېخىمۇ غەلەت بولۇپ كېتىدۇ. بۇيەردە پەقەت ئىنچىكە كۈزىتىش ۋە ئۆتكۈر زىھنىمىزگە تايانمىساق بولمايدۇ.

تۆتىنچى تەجرىبە :  تاۋباۋدىكى بەزى كېيىملەرنى قەتئى ئالالمايسىز

بۇ گەپنى ئۇ كېيىملەرنىڭ قىممەتلىكىدىن ئېيتمىدۇق، بەلكى باشقىچە مەزمۇنى بار. سىز كېيىم-كېچەك ژورناللىرىنىڭ مۇقاۋىسىدا كۆرگەن بەزى ئالى سۈپەتلىك، مودا كېيىملەرنى تاۋباۋدا بايقاپ قالىسىزدە، باھاسىنىڭ مۆلچەرىڭىزدىكىدىن بەكلا ئەرزان ئىكەنلىكنى بايقاپ گۈلقەقەلىرىڭىز ئېچىلىپ كېتىدۇ. ھى ھى… بولدى، قىلىڭ! بۇ كېيىملەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتتە ئوخشىتىپ تەييارلانغان، تەقلىدىيسى خالاس.
تاۋباۋدا بۇنداق كېيىملەر كۆپ، باھاسى نەچچە ئون يۈەن، نەچچە يۈز يۈەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە سەللا سەگەك بولساق گۇمانىمىزنى قوزغايدۇ. كېيىم -كېچەك زاۋۇتلىرىمۇ ئەلۋەتتە ژورنال كۆرەلەيدۇ-دە، ئۇلار مەلۇم خىل داڭلىق ماركىدىكى، ياكى ئالى سۈپەتتىكى كېيىمنىڭ سۈرىتىگە ئاساسەن كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تەسەۋۋۇرى بويىچە تەييارلاپ، شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىپ ئىشلەپ چىقىدۇ. شۇڭا بەزى كېيىملەر ژورنالدا كۆرگىنىڭىزگە ئوخشاش، ئەمما تېكىلىشى دېگەندەك ھالقىلاردا زور پەرق بار، سىز تاۋباۋدا كۆرگەندە زىلۋا قىزچاقلار كېيىۋالغان بولسا، قولىڭىزغا تېگىدىغىنى ھامىلدار ئايالنىڭ كېيىمى بولۇپ چىقىدۇ.

بەشىنچى تەجرىبە : ئەرەنچە كېيىملەرنىڭ تەقلىدىيسى بەك كۆپ

ئەرەنچە كىيىم سېتىۋالماقچى بولغان بۇرادەرلەر دىققەت، نۆۋەتتە تاۋباۋدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇۋاتقان چوڭ كېىم-كېچەك دۇكانلىرىنىڭ 95% تى تەقلىدىي كېيىمگە تايىنىدۇ. باھاسىغا قاراڭ، ئادەتتە ھەممىسىلا دېگۈدەك پۈكەي باھاسىدىن بىراقلا ئىككىگە سۇندۇرۇلغان دېگەندەك بولىدۇ. لېكىن، پۈكەي باھاسى بىلەن توردۇكىنىدىكى باھا پەرقى كۆزىڭىزنى توسۇۋالمىسۇن. يۈزنەچچە يۈەنگە JACK JONES,G-STAR دېگەندەك داڭلىق ماركىلىق كېيىملەرنى سېتىۋېلىش؟! نەدىمۇ شۇنداق ياخشى ئىش بولسۇن؟! سەگەك بولۇڭ .

taobao10

 

ئالتىنچى تەجرىبە : گېرىم بۇيۇملىرىدا يەڭگىلتەكلىك قىلىشقا بولمايدۇ

نۆۋەتتە نۇرغۇن خانىم -قىزلار توردىن گىرىم بۇيۇملىرى، ھۆسىن گۈزەلەشتۈرۈش بۇيۇملىرى سېتىۋالىدىغان بولۇپ كەتتى . تەكشۈرۈش دوكىلاتلىرىدىن قارىغاندا بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ پەقەت20% لا ئەسلى ماركىدىكى مەھسۇلات ئىكەن. كاپالەتلىك مەھسۇلات، ئېستىمال كاپالىتىغا ئىگە دۇكاندار، ئاۋال مالىنى سىناپ پۇل تاپشۇرۇش ..قاتارلىقلار خانىم-قىزلارنىڭ راست-يالغاننى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاجىزلاشتۇرىۋىتىدۇ .
مۇنداق ئويلاپ بېقىڭ، بىرتۈرلۈك بۇيۇم مەخسۇس سېتىش ئورنىدا 500 يۈەن، تاۋباۋدا بولسا 200 يۈەن . ئۇنداقتا بۇ ماركا ئۆز بازىرىنى ئۆزى قالايمىغان قىلىۋاتامدۇ؟ بۇخىل مەھسۇلاتنىڭ مەخسۇس سېتىش ھوقۇقىنى ئالغان مەخسۇس سېتىش ۋاكالەتچىلىرى قانداق قىلىدۇ؟

يەتتىنچى تەجرىبە : ھاراق-تاماكىغا كەلگەندە، تاۋباۋ نەق ساختا ماللار بازىسى

نۆۋەتتە تاۋباۋ ھاراق -تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىشنى توختىتىشنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىرقىىسم كىشلەر شۇ ئىشنى قىلىۋاتىدۇ.
مەسىلەن ؛ تاۋباۋدا بىر پوتۇلكا چىۋاس ھارىقى ئاران 50 نەچچە يۈەن، ئەمما سېتىش ئورنىدا نەچچە بىلەمسىز؟ ئۆزىڭىز توردىن ئىزدەپ بېلىۋىلىڭ.

سەككىزىنچى تەجرىبە : يانفۇن سېتىۋىلىشتا ئالاھىدە دېققەت قىلغۇلۇق

يانفۇن تاۋباۋدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتلارنى بىرى، تاغتۇرا يانفۇنلارنى دېمەيلا تۇرايلى، ئەشۇ داڭلىق ماركىلىقلارمۇ ئاساسەن سۇ مىلى بولۇپ كەتتى!
سۇمىلى يانغۇنلىرىنى قانۇنلۇق سېتىلىۋاتقان يانفۇنلاردىن بەكلا ناچار دېگىلىمۇ بولمايدۇ، ئەمما سېتىۋالغاندىن كېيىن جەزمەن جاپاسى كۆپ بولىدۇ . خىلى كۆپ ساندىكى قانۇنسىز ساتقۇچىلار قايتا يېڭىلانغان يانفۇن سېتىپ بېرىدۇ. دوستلار يانفۇننى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئالدىراپ جەزىملەشتۈرمەسلىكى لازىم، ئالدى بىلەن يانفۇننىڭ مېتال ئېغىزلىرىغا دېققەت قىلىڭ ، سۇۋالغان ئىزنالار بارمۇ-يوق؟ باربولسا دېمەك قايتا يېڭىلانغان مال . ئۇنىڭدىن كېيىن مەھسۇلات چاتما نومۇرىنى تەكشۈرۈڭ . ئۇنىڭدىن باشقا سۇمىلى يانفۇنلىرىنىڭ زەرەتلىگۈچى، باتارىيىسى، تېڭشىغۇچى دېگەندەك سەپلىمىلىرىدە كاشىلا كۆپ بولىدۇ، شۇڭا بۇ سەپلىمىلەرنىمۇ ئىنچىكە تەكشۈرۈڭ .

توققۇزىنچى تەجرىبە : بىر بىلەرمەن خىرىدار بولۇڭ

تاۋباۋدىن مال سېتىۋالغاندا ئاز تولا تەجرىبە ئۆگېنىپ، بىلەرمەن بولۇۋىلىڭ . ھېچ بولمىغاندا مال ساتقۇچى بىلەن سۆزلىشىپ، ئەگەر تاۋار دېگەن يېرىڭىزدىن چىقمىسا ناچار باھالايدىغانلىڭىزنى ئېيتىپ قويۇڭ. تاۋباۋ دۇكاندارلىرى ناچار باھادىن بەك قورقىدۇ. ساختا مال ساتىدىغانلارنىڭ يۈرىكى ھەرھالدا پوك-پوك بولىدۇ ، شۇڭا ھاڭۋاقتىلىقنى تاشلاپ، سەل بىلەرمەن بولۇڭ. شۇنداق قىلىسڭىز ئۇلار بەزىدە قورقۇپ كېتىپ مال قالمىدى دەپلا قۇتۇلۇشىمۇ مۇمكىن ھى ھى…

ئونىنچى تەجرىبە : تاج ، ئالماس، ياخشى باھا

بەزى دوستلار ئۆزىچە دۇكاندارنىڭ تاج، ئالماسلىرىغا قاراپ شۇ دۇكاننىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنى بېكىتىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ بەكمۇ چوڭ ئەھمىيىتى يوق، بەزىلەر تۈرلۈك چارىلەر بىلەن بۇخىل دەرىجىسىنى ئاشۇرىۋالالايدۇ. سىز ئەڭ ياخشىسى خىرىدارلارنىڭ باھاسى ۋە قالدۇرغان سۆزلىرىگە دېققەت قىلىڭ بۇنىڭ ھەرھالدا رولى بولىدۇ .
بەزىدە نەچچە تاجلىق بولۇپ كەتكەن دۇكانلارغا كىرسەك، دۇكاندار بەكمۇ سەمىمىيدەك تۇيغۇ بېرىدۇ، ئەمما تۆۋەنگە چۈشۈپ خىرىدارلارنىڭ باھا سۆزلىرىنى ئوقۇپ چىقسىڭىز چۆچۈپ كېتىسىز.
خۇلاسە كالام :

گەپنىڭ قىسقىسى تاۋباۋدا ياخشى نەرسىلەر يوق ئەمەس ،  بىراق كۆپچىلىك ئىنچىكە بولۇشى، قارىغۇلارچە مال سېتىۋالماي ، ئاۋۋال مەلۇم بىلىمگە ئىگە بولۇشى كېرەك .

مەزكۇر يازما <<ئابرال مائارىپ بىلوگى>> دىن كەڭ تورداشلارنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشى ئۈچۈن يۆتكەپ كىلىندى .

 

نۆۋەتتە 4 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە : زىيارەتچى قالدۇرغىنى : 3 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى : 1 پارچە

  1. سەردار China Google Chrome Windows : 2014-يىلى10-ئاينىڭ30-كۈنى20:48:50  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ھەقىقى ئەمەلىي نەپ بىرىدىغان يازما يوللاپسىز ، ياخشى يازمىلار ئۈزۈلمىگەي رەھمەت

    • تورسودا China Google Chrome Windows : 2014-يىلى10-ئاينىڭ30-كۈنى20:51:24  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگىمۇ ھەم رەھمەت

  2. زەھرا China Google Chrome Windows : 2014-يىلى11-ئاينىڭ19-كۈنى10:18:59  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    رەھمەت ! مەن بىلمەيدىغان مەسىلىلەر بەك كۆپكەن

  3. ياسىن سەمەت China Mozilla Windows : 2015-يىلى02-ئاينىڭ10-كۈنى14:36:42  -47-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ياخىشى يېزىپ سىز رەھمەت سىزگە

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟