ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئجتىمائې كاپالەت نازارىتى 28 -ئاپرىل يىڭى بىر نۆۋەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسەتلىرى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا كىشىلەر بۇنىڭدىن كېيىن توردا دۇكان ئېچىپ ئىگىلىك تىكلىسە، دېھقان-چارۋىچىلار قاشتاش پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن شۇغۇللانسا، مىللى قول ھۈنەرۋەنچىلىك بويۇملىرى ياسىسا، كىچىك دۇكان، ئاشخانا،دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى ئاچسا، ئگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش، ئگىلىك تىكلەش تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى،ئازسوممىلىق كېپىللىك قەرز ۋە باج كىمەيتىش قاتارلىق سىياسەتلەردىن بەھرىمان بولالايدىغانلىقى ئېلان قىلىندى .
ئۇنىڭدىن باشقا ، ئوتتۇرا، كىچىك،مىكرو كارخانىلار،ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلار،قىيىنچىلقى ئېغىر كارخانىلار شىنجاڭلىق ئەمگەكچىلەرنى قوبۇل قىلسا، كارخانىلارغا بىرىلىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تولۇقلىما ئۆلچىمى ئىلگىرىكى %50 تىن %100 كە ئۆستۈرۈلىدىكەن ؛
قىيىنچىلىقى بولسىمۇ خادىم قىسقارتمىغان ياكى ئاز قىسقارتقان،بولۇپمۇ ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش،ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىش،مائاشنى تۆۋەنلىتىش، ئىسمىېنا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ خادىم قىسقارتمىغان كارخانىلار 1-مايدىن باشلاپ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى كېچىكىپ تاپشۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولىدىكەن .
ياخشى گەپكەن ، دىيارىمىزدا ئەمەلىيلەشسىچۇ كاشكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن تورسودا بىلوگىنىڭ تىخىمۇ روناق تىپىشىنى ئۇمىد قىلىمەن يىڭى ئۆيۇمگە كىلىپ كىتەرسىز