ئېلىكتېرۇنلۇق سودىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشى ۋە تور ئارقىلىق مال سېتىۋىلىشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ , ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىمۇ تورسودا ئىشلىرى خىلى تەرەققى قىلماقتا، « شىنجاڭ سودا تورى» ، « ئىزنا سودا تورى »، قاتارلىقلار يۇقۇرىدا تونۇشتۇرۇلغان سودا تور بىكەتلىرىنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان كىچىك تىپتىكى تور سودا بىكەتلىرى بولۇپ ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كىرگۈزىلىدىغان ماللارنى بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كارخانا – شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى توردا كۆرگەزمە قىلىش، سودىگەرلەرنى تور دۇكانلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە مۇناسىپ مۇلازىمەت ئىشلىرىنى يولغا قويۇش قاتارلىق كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . ئۇلارنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكى ماللارنى كۆرگەزمە قىلىش ، سېتىشتا ئۇيغۇرچە يېزىق قوللۇنىدۇ .ئۇلار شىنجاڭنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى خەنزۇچە تىل – يېزىق بىلمەيدىغان ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى تور ئارقىلىق مال سېتىۋېلىشتا قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ . بۇ تور بىكەتلىرى تېخى مۇكەللمەللىشىشنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرىۋاتقان بولسىمۇ ، شىنجاڭ رايۇنىدا زور تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئېگە . بۇلارنىڭ ئىچىدە « شىنجاڭ سودا تورى»ۋە «ئىزنا سودا تورى» نىڭ تەسىرى بىر قەدەر كۆرىنەرلىك بولۇپ ، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇلارنىڭ سودا پائالىيەتلىرى ۋە نەتىجىلىرى شىنجاڭ تېلۋېزىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلۋېزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستلىرى تەرىپىدىن بىر نەچچە قېتىم خەۋەر قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلدى، توۋەندە بىز زىيارەت ئەھۋالىنى كۆرۈپ چىقايلى.....
راس راس شىنجاڭنىڭ مەسھۇلاتلىرى توردا بەك كۆپ بولمىسا
ئۇستام،مۇشۇ paypalھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆزلەپ بەرمىسىلە زادى بولمىدى، ماڭا ھەر كۈنى خەت كېلىدۇ، سېنىڭ ھېساباتىڭغا ئىككى موچەن كەتتى دەمدۇ…ئىشقىلىپ شۇ يېرىدىنلا ئۆتەلمەي تۇرۇپ قالدىم. توردىن ئۇيغۇرچە خەنچە ماتىرىياللارنى ئىزدەپ كۆردۈم…ئەمما تازا قاملاشماي تۇرۇپ قالدى… ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىن زادى قانداق ئۆتىدىغاندۇ؟