توردا ئىگىلىك تىكلەڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت | تاۋباۋ بىلىملىرى | ئاساسىي مەزمۇن
توردىن مال سېتىۋىلىشتا نىمىلەرگە ئېھتىياجلىق بولىمىز؟
2014-يىلى01-ئاينىڭ15-كۈنى تاۋباۋ بىلىملىرى ⁄ جەمئى 2686خەت بار 8پارچە ئىنكاس بار ⁄ 10,520 قېتىم كۆرۈلدى+

gouwu

توردا مال سېتىۋالغاندا نېمىلەرگە ئېھتىياجلىق بولىمىز؟ قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟ تۆۋەندە تاۋباۋ تورىنى مىسالغا ئېلىپ بۇ ھەقتە ئازراق توختالماقچىمەن.

1. باشتا تاۋباۋ تورىغا تىزىملىتىپ كىرىسىز، تىزىملىتىش نامى (ئىشلەتكۈچىلەر نامى) ۋە مەخپىي نومۇرنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلىشىڭىز ھەمدە ئاشكارىلىۋەتمەسلىكىڭىز كېرەك .

2 . پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېسابات نومۇرىدىن بىرنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ (注册 ) قىلىپ، تىزىملىتىش نامى (ئىشلەتكۈچىلەر نامى) ۋە مەخپىي نومۇرنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلىشىڭىز ھەمدە ئاشكارىلىۋەتمەسلىكىڭىز كېرەك .

3 . پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېسابات نومۇرىڭىزنى بىر بانكا كارتا نومۇرىغا باغلىشىڭىز، كارتا چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا بولۇشى، يەنە توردا پۇل تاپشۇرۇش ئىقتىدارى(تور بانكا كەسپى) ئېچىلغان بولۇشى كېرەك .

4 . تاۋباۋغا ئوخشاش مۇنداق مال سېتىۋىلىش تور بېكىتىدە سىز يەنە سۆزلىشىش دېتالى «ئالى ۋاڭ ۋاڭ» نى چۈشۈرۈشىڭىز كېرەك. (ئىشلىتىش ئۇسۇلى چ چ غا ئوخشاش، ئىشلەتكۈچىلەر نامى ۋە مەخپىي نومۇر سىزنىڭ تور بېكەتتىكى نامىڭىز ۋە مەخپىي نومۇرغا ئوخشاش)  ئالى ۋاڭ ۋاڭنى  دۇكاندار بىلەن  پاراڭلاشقاندا ئىشلىتىسىز، يۇقىرىقى باسقۇچلاردىن كېيىن ئۆزىڭىزگە يارىغان مەھسۇلاتنى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ .

كونكىرت قەدەم- باسقۇچلىرى :

1. تاۋباۋ تورىدا ئۆزىڭىز ياقتۇرغان مەھسۇلاتنى ئىزدەپ تاپقاندىن كېيىن، باھاسى، كىرا ھەققى، دۇكاندارنىڭ ئىشەنچ دەرىجىسى قاتارلىقلارنى سېلىشتۇرۇپ ، خېرىدارلارنىڭ دۇكاندارغا بەرگەن باھا سۆزلىرىدىن پايدىلىنىپ ، ئاخىرىدا بىر دۇكاننى مۇقىملاشتۇرىسىز .

2 . ساتقۇچى نامىنىڭ يېنىدىكى ئالى ۋاڭ ۋاڭنى چېكىپ ، ئالى ۋاڭ ۋاڭنى ئاچقاندىن كېيىن ساتقۇچى ياكى مۇلازىمەتچى بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق، مەھسۇلاتقا ئالاقىدار تەپسىلىي ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرسىڭىز، باھا تالىشىپ دۇكاندار بىلەن كېلىشسىڭىز بولىدۇ. پاراڭلىشىپ بولغاندىن كېيىن مەھسۇلاتنى سېتىۋىلىشنى قارار قىلغان بولسىڭىز، «立即购买» نى چېكىپ، كۆرسەتمىگە ئاساسەن مال تاپشۇرىۋالغۇچى ۋە مال تاپشۇرىۋالغۇچىنىڭ ئادرىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تولدۇرىسىز ؛

3 . كۆرسەتمىگە ئاساسەن پۇل تاپشۇرۇش ، پۇل تاپشۇرغاندا مال پۇلىنى  ئۈچىنچى تەرەپ ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇش ۋاستىسى بولغان پۇل تۆلەش گۆھىرىگە ئۇرىسىز، سىز مالنى تاپشۇرىۋىلىپ مالنى تاپشۇرىۋالغالىقىڭىزنى مۇقىملاشتۇرغانغا قەدەر ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى ئىككىلا تەرەپ  بۇ پۇلنى ئىشلىتەلمەيدۇ، سىز مال تاپشۇرۋىلىشنى جەزىملەش «确认收货»  مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، مال پۇلى پۇل تۆلەش گۆھىرىدىن ساتقۇچى تەرەپنىڭ ھېساباتىغا كىرىدۇ.

4 . نورمال ئەھۋال ئاستىدا ، سېتىۋالغۇچى (خىرىدار) تەرەپ مالنى تاپشۇرىۋىلىپ ، خاتالىق يوقلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ، «确认收货» قىلسىلا، سودا ئاخىرلاشقان بولىدۇ.

5 . يەنە بىر قىسىم نورمالسىز ئەھۋاللاردا ، يەنى مالنى تاپشۇرىۋالمىغان ياكى مالدا سۈپەت مەسىلىلىرى كۆرۈلگەن ئەھۋاللاردا ساتقۇچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ مالنى ئالماشتۇرۇش ياكى قايتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ ، مالنى قايتۇرماقچى بولسىڭىز «申请退款» قىلىسىز. چەكتىن ئاشقان ئەھۋاللارغا ئۇچرىسىڭىز، يەنى ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ ، تالاش-تارتىش ھەل بولمىسا، تاۋباۋ  مۇلازىمەتچىسىنى ئارىلىشىپ تالاش تارتىشنى ھەل قىلىشقا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.

ئەسكەرتىش : توردا مال سېتىۋالغاندا زاكاس، مال تالونى، مال سېتىۋالغاندا سۆزلەشكەن پاراڭ خاتىرىسى قاتارلىق قىممىتى بار ئۇچۇرلارنى ساقلاپ قويۇش كېرەك . كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداشتا ئىسپات قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ .

داۋامى يوللىنىدۇ . . . .

نۆۋەتتە 8 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە : زىيارەتچى قالدۇرغىنى : 6 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى : 2 پارچە

  1. 艾尔肯 China Nokia : 2014-يىلى01-ئاينىڭ16-كۈنى00:15:19  -49-رەت @جاۋاب جاۋاب

    سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت،ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن

  2. يۇلغۇن1 China Internet Explorer Windows : 2014-يىلى02-ئاينىڭ04-كۈنى02:49:02  -48-رەت @جاۋاب جاۋاب

    خەلقىمىزنى تور بىلىملىرى بىلەن تېزرەك خەۋەردار قىلىش . خەلقىمىزنىڭ تېزرەك گۈللىنىشى ئۈچۈن قوشۇلغان ياخشى تۆھپىدۇر . ئەجرىڭىزگە ماس جاۋاپلارغا ئېرىشكەيسىز.

  3. سارايۋەن China Google Chrome Windows : 2014-يىلى05-ئاينىڭ13-كۈنى06:09:55  -47-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر ئۇزۇن بولدى تور سودا بىلوگى ئىچىلمىدى نىمە ئىشلار بولدىكىن دەپ ئەنسىرەپ كىتىپتىمەن

    • تورسودا China Google Chrome Windows : 2014-يىلى06-ئاينىڭ06-كۈنى13:58:33  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ۋاي شۇ ICP نىڭ ئىشى بولمامدۇ ئاداش، سەۋەبسىزلا بىكەتنى توختاتتى، يەنە قايتا ئىلتىماس قىلىپ ئاچتىىم

  4. ياغاچ قۇلاق China Internet Explorer Windows : 2014-يىلى06-ئاينىڭ03-كۈنى12:27:30  -46-رەت @جاۋاب جاۋاب

    بولسا ئوتتۇر ئاسىيا تۈركىيە قاتارلىق دولەتلەرنىڭ توربەتلىرى بولسا سودا قىلىپ باقساق بۇلاتى تىل بىلدىغانلا بولسا

  5. ask QQ Browser  Android 4.0.4 HUAWEI U8825D Build/HuaweiU8825D : 2015-يىلى03-ئاينىڭ12-كۈنى02:19:07  -45-رەت @جاۋاب جاۋاب

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم .سىز دېگەندەك ئالى ۋاڭ ۋاڭ ئارقىلىق پاراڭلاشماي مال سېتىۋالسا بولمامدۇ ؟مەندەك خەنزۇچىنى بىلمەيدىغانلار پاراڭلىشالمايمىزدە شۇڭا سوراپ باقتىم .

    • تورسودا China Google Chrome Windows : 2015-يىلى04-ئاينىڭ03-كۈنى19:05:27  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

      ئالى ۋاڭ ۋاڭ ئارقىلىق پاراڭلاشماي مال سېتىۋالسىڭىزمۇ بولاۋىرىدۇ، لىكىن سودىنىڭ بىخەتەر ، ئىشەنچىلىك ئىلىپ بىرىلىشى ئۈچۈن ئالى ۋاڭ ۋاڭ ئارقىلىق پاراڭلىشىڭ، ناۋادا سودىڭىزدىن چاتاق چىقسا ۋاقـتى كەلگەندە ئالى ۋاڭ ۋاڭدىكى سۆزلىشىش خاتىرىسىنىڭ سىزگە پايدىسى كۆپ بولىدۇ .

  6. ئىز-ئىزلەپ China QQ Browser Windows : 2015-يىلى03-ئاينىڭ30-كۈنى10:29:19  -44-رەت @جاۋاب جاۋاب

    پايدىلىق بىلىمكەن

بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !

باش سۈرىتىڭىز ؟