ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تۆۋەندە سۆزلەپ ئۆتمەكچى بولغان دەرىسلىكىمىز ، بەشىنجى ئەۋلاد قىممەت تولۇقلاش سىستىمىسىنىڭ يىڭىدىن ئىچىلغان ھىساب نومۇرىنىڭ تولدۇرۇشقا تىگىشلىك بولغان مۇھىم ماتىرياللىرى ۋە مەخپى نومۇر قوغداش ۋە مەخپى نومۇر ئۆزگەرتىش دەرىسلىكى ، بۇ جەريانلار سەل نازۇك بولۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن مەشخۇلات قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ، مەشخۇلات جەريانىدا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويماسلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى دەرىسلىكنى تەپسىلى كۆرۈپ چىققايسىز، دەرىسلىكنى چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن ، سۆزلەپ بولغان جايلارنى قايتا تەكرارلاپ تەكىتلەپ قويدۇم، دەرىسلىك ئىشلەش ئىشلىرىغا يىڭىدىن كىرىشكەنلىكىم سەۋەبىدىن تازا چۈشىنىشلىك سۆزلىيەلمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن ئەيىپگە بۇيرىمىغايسىلەر...
يەنە چۈشەنمىگەن بىلەلمىگەن جايلار بولسا ئىنكاس شەكلىدە سۆز قالدۇرۇڭ، مەسلىنى تىز سۈرەتتە ھەل قىلىمىز
دەرسلىك ئىشلەشكىمۇ ئۇستا ئىكەنسىز جۇمۇ تورسودا،توردا دۇكان ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن سوئاللىرىم بار ئىدى.بىرەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ ياردەم قىلارسىز-ھە.
ۋاي نەدىكىنى دەيسىز، تۇنجى قىتىم دەرىسلىك ئىشلەپ بىقىشىم، بۇندىن بۇرۇنمۇ نەچچە قىتىم ئىلشىگەن بىراق ئۆزۈمگە يارىماي چىقارمىغان ئىدىم ، گەرچە ياخشى چىقمىغان بولسىمۇ يوللاۋەردىم….
قانداق ياردەم كىرەك بولسا دەۋىرىڭ ، قاملاشسا قاملاشمىسا بىر ئامال قىلىپ دەرىسلىك ئىشلەپ قويىمەن
بۇ قىممەت تولۇقلاش سېستىمىسى مەۋھۈم نەرسىمۇ؟
بۇ بىر دىتال، كومپيۇتىردا ھەم قول تىلفونغا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئىنتايىن قولايلىق…
مەن توردا دۇكان ئېچىش باسقۇچىنىڭ نەخ ئىمتاھان بېرىدىغان يېرىدە توختاپ قالدىم
ئاللا خالىسا ئەتە مۇۋاپىق ۋاقىت چىقىرىپ ئىمتىھان بىرىش ئىشلىرىڭىز غا ياردەم قىلاي